ئىزگۈ خىياللار

ۋاقتى: 2015-12-24 / سەھىپە: يازمىلار / ئوقۇلىشى: 2,234 / 54پارچە ئىنكاس ئىنكاس يوللاش

2015-12-24-131227

 

ئىلاۋە:

سىز ئوقۇۋاتقان «ئىزگۈ خىياللار» نامىدىكى مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسى مېھرىبان ئانام پەزىلەت راھىدىننىڭ 2013 – يىلى تۈركىيەگە ساياھەتكە چىققاندىن كېيىن يېزىلغان ئەدەبىي ئەسىرى بولۇپ، بىر قەدەر يىرىك، ئىلمىي، ئۆزگىچە بايان شەكلىگە ئىگە بولغان ئەدەبىي ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.

70 ياشتىن ھالقىغان بىر ئانىنىڭ ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي قىممەتلىك ۋاقتىنى، زېھنىنى ئاجىرتىپ بۇنداق زور ھەجىمدىكى زىيارەت خاتىرىسىنى يېزىپ چىقىشى ئەلۋەتتە ئاسانغا چۈشمەيدۇ. شۇ سەۋەپ بىلەن ئانام پەزىلەت راھىدىننىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق، تېنىنىڭ سالامەت بولىشىنى ئاللاھتىن تىلەيمەن. (ئەسەر ھەجىمى بىر قەدەر زور، كومپيۇتېردا رەتلەپ تىزىش جەريانىدا بەزى بىر نۇقسانلارنىڭ بولىشى تەبىئى ئەھۋال، ئۇقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن)

ئوغلىڭىز: ئادىلجان ئابلىز

ئىنسان ئۆز ھاياتىدا تۈگىمەيدىغان ئارزۇ ئىستەكلەر بىلەن ياشايدىكەن. مەن ئاشۇ ئىنسانلاردەك ياشىنىپ قالغىنىمغا قارىماي، دوستۇم بىلەن تۈركىيەنى ساياھەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قالدىم.

2012– يىلى 6 – نويابىر ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 9:00 دا جۇڭگو جەنۇبىي ئاۋاتسىيە شىركىتىنىڭCZ679  نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، ئىستانبولغا قاراپ ئۇچۇپ كەتتۇق. دۆلەت ئىچىدە خېلى كۆپ جايلارغا بارغان بولساممۇ، چېگرا ئاتلاپ ساياھەتكە چىقىشىم تۇنجى قېتىم ئىدى. ھاياجان ئىلكىدە دېرىزىدىن تۈن قاراڭغۇلىقىدىكى ئاسمانغا بىرەر نەرسىنى كۆرمەكچى بولۇپ بويلاپ قارايتتىم. بىز قەيەرنىڭ ئاسمىنىدىن ئۆتىۋاتقاندىمىز، بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىدە ئۇچتۇقمۇ ياكى ئاستىدا ئۇچتۇقمۇ؟ بۇ خىياللىرىم خۇددى گۈدەك نەۋرەمنىڭ چۈچۈك تىللىرى بىلەن مەندىن سورىغان سوئاللىرىغىلا بەكمۇ ئوخشايتتى!

ئايروپىلان مۇلازىملىرى بىز ئۇچۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا تاماق تارقىتىشنى باشلىۋەتتى. تاماقلار كېچە، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئۇخلاش ۋاقتىغا توغرا كەلگەچكە ئانچە كۆڭۈللۈك يېيىلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماقلارنىڭ تولىسى تاتلىق يېمەكلىكلەر ئىدى. ئاددىيسى گۈرۈچ دۈملىمىسىمۇ ماڭا تاتلىق بىلىندى. دوستۇم ئىككىمىز چاي ئىچىپلا ئولتۇردۇق.

مەن ئايروپىلاندىكى جىمجىتلىققا قاراپ ئولتۇراتتىم، چۈنكى ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇخلاپ كەتكەنىدى. مەن بولسام خۇددى ئۇيقىسىنى تاپالمىغان كىچىك بالىدەك، ئۇياق–بۇياققا قاراپ ھاياجىنىمنى باسالماي ئولتۇراتتىم.

ئالاھىزەل ئارىدىن ئالتە سائەت ئۆتكەندە ياڭراتقۇدىن خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچە: «ھۆرمەتلىك ئەپەندىلەر، خانىملار دېققەت، يەنە 20 مىنۇتتىن كېيىن ئىستانبولغا يېتىپ بارىمىز، بىزىندىنى چىڭ تاقاڭلار، ئېلىپ يۈرگەن نەرسە – كېرەكلىرىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!…» دېگەن سۆزنى ئاڭلاش بىلەن تەڭ يولۇچىلارنىڭ بەزىلىرى بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ دېرىزىگە قاراشسا، يەنە بەزىلىرى كۆزلىرىنى ئۇۋۋىلاپ، مىدىرلاپ ئۆز غېمىنى يېيىشكە باشلىدى. ئايروپىلان ئىچى بىردەمدىلا جانلىنىپ كەتتى.

ئايروپىلان تۈركىيە ۋاقتى كەچ سائەت 11:30 دە يەنى توپتوغرا 6:30 سائەت ئۇچقاندىن كېيىن، ئىستانبول ئايرۇپورتىغا سىلىققىنە قوندى.

توۋا، دۇنيا كىچىكلەپ كەتتىمۇ ياكى يوللار قىسقىراپ كەتتىمۇ، يەتتە مىڭ كىلومېتىردىن كۆپرەك مۇساپىنى ھېچقانچە زۇلۇم تارتمايلا تۈگەتتۇق دېسە، دېدىم ئىچىمدە. يۈك تاقىلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ ئايرۇپورتتىن چىقساق، ئىستانبول ئاسمىنى بۇلۇتلۇق ئىكەن، تېخى ھېلىراقتىلا يامغۇرمۇ يېغىپتۇ. بىزنى ئالغىلى كەلگەن ئاپتوبۇسمۇ كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. ئالدىمىزغا ئىگىز بويلۇق، ئاقسېرىق، يۈزلىرى يۇمۇلاق، قوي كۆزلۈك، مېھرى ئىسسىق 40 ياشلار چامىسىدىكى خۇشخۇي بىر تۇرك يىگىتى بىزنى قارشى ئالغىلى چىقىپتۇ. ئۆمەك ئەزالىرى ئاپتوبۇسقا چىقىپ جايلىشىۋالغاندىن كېيىن:

ــ ئەسسىلامۇئەلەيكۇم، ياخشىمۇ سىلەر! مېنىڭ ئىسىمىم مۇھەممەد ئايدىن، ئۆزۇم تۈرك، خوتۇنۇم ئۇيغۇر، شىنجاڭ تۇرپان ۋىلايىتى سىڭگىمدىن. ئېنىقراق ئېيتسام مەن سىلەرگە كۈيئوغۇل بولىمەن. ئاراڭلاردا تۇرپانلىقلار بارمۇ؟ دەپ سورىدى مۇھەممەد ئايدىن ئەپەندى بىزگە قاراپ.

ــ مەن تۇرپانلىق! دەپ قويدۇم بۇ قىسقىچە تونۇشتۇرۇشتىن كېيىن. ئالدىمىزدا تۇرغان سۆزلىرى يېقىملىق ساياھەت يېتەكچىسىگە قاراپ ھەممىمىز خوش بولۇپ كەتتۇق.

بۇ يىگىت بىزنىڭ تەرجىمانىمىز ھەم ساياھەت يېتەكچىمىز ئىكەن. مېھمانخانىغا كېتىۋاتقاچ ئۇنى – بۇنى سۆزلەپ ماڭدى. بىزگە ئانچە چوڭ بولمىغان كوچىنى كۆرسىتىپ، «مەھمۇد قەشقەرى كوچىسى» دەپ تونۇشتۇردى. بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن Goldhn Hili مېھمانسارىيىغا يېتىپ كەلدۇق. بىز چۈشكەن مېھمانساراي تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىك بولۇپ، شارائىتى خېلى بولىدىكەن. بىز ساياھەت يېتەكچىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دوستۇم ئىككىمىز بىر ياتاققا ئورۇنلىشىۋالدۇق.

 

ئىستانبولدىكى ساياھىتىمىزنىڭ 1 – كۈنى باشلاندى. ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن كۈتۈش زالىدا كېچىچە ياغقان يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكەن كوچىلارغا قاراپ ئولتۇراتتۇق. ئەتراپىمىزدىكى ھەر خىل چىراي، ھەر خىل كىشىلەر بىزگە ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن قارىشاتتى. يېنىمىزدىكى دىۋانلارغا كېلىپ ئولتۇرۇشقان بىر توپ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ (ئۆزۈم شۇنداق پەرەز قىلدىم) تولىسى دېگۈدەك مېنىڭ نەۋرىلىرىمگە ئوخشايدىكەن. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ماڭىلا تىكىلەتتى. ئاخىرى بىرەيلەن ماڭا قاراپ:

ــ ۋەتەنىنىز نەرەدەدىر؟ دەپ يوغان قوي كۆزلىرىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ مەندىن سورىدى.

ــ بەن قاشقاردىن دەپ جاۋاب بەردىم ۋە ئارقىدىنلا ــ سەن تۈركمۇ؟ دەپ سورىۋېدىم، ئۇ، ــ يو، يو! بەن ئەرمەن دېدى. بۇ قىسقىغىنە سۆزلىشىشتىن كېيىن ئۇلار مېنىڭ يېنىمغا يېقىنلاپ كېلىشتى ۋە مەندىن نۇرغۇن سوئاللارنى سوراشتى. مەن ئۆگەنگەن ئىككى – ئۈچ ئېغىز سۆزدىن باشقىسىنى تولۇق چۈشۈنىشكە ئاجىزلىق قىلدىم. ئاخىرىدا 14 – 15 ياشلاردىكى يۇمۇلاق ئاق يۈزلۈك، قىرقىم چاچلىق قىزغا: ــ سەن مېنىڭ تورونۇمغا (نەۋرەمگە) ئوخشايدىكەنسەن دېۋىدىم ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتتى. سۆھبىتىمىز ئىما – ئىشارەت بىلەن راسا قىزىغاندا ئاپتوبۇسىمىز كېلىپ قالدى – دە مەن «ئاللاھا ئىسمارلادىك» (ئاللاھقا ئامانەت) دېگىنىمچە گۈلە، گۈلە! دەپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتىم.

ئىستانبولنىڭ ئاسمىنى قاپىقىنى تۈرىۋالغان بولسىمۇ، بىز ناھايىتى روھلۇق قىياپەتتە ئىستانبول ساياھىتىنى باشلىۋەتتۇق.

ئىستانبول شەھىرى ـــ تارىخى ئۇزۇن، قەدىمىي شەھەر بولۇپ، جۇغراپىيىلىك ئورنى مۇرەككەپ، نوپۇسى زىچ، تارىخي يادىكارلىقلىرى كۆپ، ھەر خىل دىن، مەزھەپ، ھەر خىل مىللەتلەر گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەر خىل مەدەنىيەت ئۆز – ئارا تەسىرى كۈچلۈك بولغان، بولۇپمۇ ئىككى قىتئەگە دەسسەپ تۇرىدىغان ئالاھىدە بىر قەدىمىي شەھەر. بۇ يەرنى دېڭىز، دېڭىز بوغۇزلىرى، دېڭىز قولتۇقلىرى ئوراپ تۇرىدۇ.

بۇرۇن بۇ شەھەر شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى بولغان، پايتەختى ۋىنزانىتىيە دەپ ئاتىلاتتى. ئىستانبولمۇ ئىمپراتۇر كونستانتنىنىڭ نامى بىلەن كونسىستانتىپول دەپ ئاتالغان. بۇ شەھەر ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن. ئىككى بۆلىكى ياۋروپادا، ئۈچىنچى بۆلىكى ئاسىيادا، بۇ ئۈچ بۆلەكنىڭ ئارلىقىنى  سۇ ئايرىپ تۇرىدۇ. بۇ ئۈچ قۇرۇقلۇققا ئايرىلىدىغان شەھەرنىڭ ئارىسىنى شەرقىي شىمالدا فوسفۇر بوغۇزى، جەنۇبتا مەرمەر دېڭىزى ياكى دەردەنىل دېڭىزى، غەربىي شىمالدا قەرنىزھەپ بوغۇزى ئايرىپ تۇرىدۇ.

فوسفۇر دېڭىزى شىمالدا ئىستانبولدىن قارا دېڭىزغا 27 كلومېتىر سوزۇلۇپ، شىمالدىكى قارا دېڭىز بىلەن جەنۇبتىكى دەردەنىل دېڭىزىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.

ساياھەت ئۆمىگىمىز نويابىرنىڭ باشلىرىدا ساياھەت قىلىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولغان بولساقمۇ، يازنىڭ ياپيېشىل گۈزەل مەنزىرىسى تېخى تۈگىمىگەن ئىدى. يىڭنە يوپۇرماقلىق ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە بولغان قاراغاي، ئارچا، چىنار  دەرەخلىرى ئۇنىڭدىن باشقا مەن تونىمايدىغان  خىلمۇ – خىل دەرەخلەردىن تەركىپ تاپقان بوستانلىقلار يامغۇر سۈيىدە  پاك– پاكىز يۇيۇلۇپ پارقىراپ، ناھايىتى كۆركەم تەبىئەت مەنزىرسىنى پەيدا قىلغانىدى.

ئىستانبول كوچىلىرى، رەستىلىرى قەدىمقى كوچىلار بولغاچقىمىكىن ئانچە كەڭ دېگىلى بولمايتتى. ئىستانبولنىڭ ئۆگزىسى دەپ ئاتىلىدىغان ئىگىزلىكتىن شەھەر قىياپىتىگە قارايدىغان بولسىڭىز ــ سان – ساناقسىز ئىمارەتلەر، قەۋەتلىك ئىگىز –ئىگىز بىنالار، كوچىلار، رەستىلەر، ئاۋات بازارلار خۇددى بىر – بىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ قۇرۇلغاندەك كۆرىنىدۇ. ئىمارەتلەرنىڭ ئىگىز –پەسلىكى كىشىگە پەلەمپەيسىمان تۇيغۇ بېرىپ، قەۋەتسىز ئۆيلەردىن ئىگىز ئىمارەتلەرگە پەلەمپەيلەر بىلەن ئۆرلەپ چىققاندەكلا كۆرىنىدۇ. كۆرىنىپ تۇرغان بوستانلىقلار ئاشۇ ئىمارەتلەرنىڭ ئۈستىلىرىدە ئۆسكەندەك، خۇددى كىچىك بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى تىزىپ، ئارىلىرىغا دەل –دەرەخلەرنى سانچىپ قويغاندەكلا كۆرىنىدۇ.

بىز پىلان بويىچە تۈركىيە تارىخىدا ئالتە ئەسىر ھۆكۈم سۈرگەن ئوسمانلى سۇلتانلىقىنىڭ خانسارىيىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ يادىكارلىقنىڭ قاتمۇ –قات ھەيۋەتلىك دەرۋازىلىرى بولۇپ، ئوردا قورۇسىنىڭ تاملىرى ئاساسەن تاشتىن قوپۇرىلغان، يول، خانىلار ئارىسىدىكى ئايۋان – سارايلارنىڭ ئالدىلىرىغا مەرمەر تاشلار ياتقۇزىلغان ئىدى. چوڭ دەرۋازىدىن كىرگەن چېغىمىزدا بىر تەرەپتە چوقچىيىپ تۇرغان ئىگىز مۇنارلار، پىشايۋانلار، خلمۇ – خىل نەقىشلەر، گۈل نۇسخىلىرى چۈشۈرۈلگەن تۆۋرۈكلەر، تورۇسلاردىكى خەرە، ۋاسىجوپلارغا چۈشۈرۈلگەن گۈل نۇسخىلىرى كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ. پىشايۋانلارنىڭ ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈشلىرى دىيارىمىز قەشقەردىكى ئايۋان – سارايلارنى ئەسلىتەتتى. سارايدىكى چوڭ – كىچىك خانىلاردا ساقلانغان بۇيۇملار ئاساسەن ئەينەك ساندۇقچىلار ئىچىدە ساقلانغان بولۇپ، ناھايىتى مۇكەممەل تۇرۇپتۇ. سۇلتانلار تۇرىدىغان خانىلار، ۋەزىر – ۋۇزرالار ئىش بېجىرىدىغان، كېڭەش ئۆتكۈزىدىغان ئۆيلەرنىمۇ سىرتتىن كۆردۇق. ھەتتا پۇل (تىللا) قويىدىغان جايلاردىن تارتىپ، مۇلازىملار تۇرىدىغان خانىلار، ھەرەمخانىلارغىچە ئىنتايىن مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، ئەينى زاماندا ئىشلىتىلگەن سۇ يوللىرى، نان پىشۇرىدىغان جايلار ھەتتا جازا ئىجرا قىلىنىدىغان قاراڭغۇ ئۆي، زىندانلارمۇ بار ئىكەن.

بىز يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ماڭغاندىن كېيىن، «بابو سائادەت» دەپ ئاتىلىدىغان بىر سارايغا كىردۇق. بۇ ساراينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا پەيغەمبىرىمىز «توغ» تىككەن جاي دەپ ئاتىلىدىغان مۇقەددەس جاي بار ئىكەن. ئۆز زامانىسىدا شاھ – سۇلتانلار بۇ ئورۇننى مۇقەددەس بىلىپ، تەختلىرىنى مۇشۇ جاينىڭ ئالدىغا قويۇپ ئولتۇرۇپ، شاھانە ئىشلارنى قىلىدىكەنتۇق. سۇلتانلىقنىڭ ھەر قانداق بىر مۇھىم مەرىكە مۇراسىملىرىنى يەنى: ھەربىيلەرگە مائاش تارقىتىش، تارتۇقلاش، مەنسەپ بېرىش، ئۇلارنى جەڭلەرگە ئۇزۇتۇش قاتارلىق پائالىيەتلىرى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزىلىدىكەن.

تۇغ تىكىلگەن جاينىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنىشلىرىنى يازما خاتىرىلەردىن ئىزدەپ تاپالمىدىم. بۇ ساراينىڭ ئىچىگە قويۇلغان يادىكارلىقلار ئاز ئەمەس ئىكەن. پەقەت كۆرگەنلىرىمنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنىلا  خاتىرىلىيەلىدىم.

تۈركلەر 1510 – يىللىرى مىسىردا «مامۇق»  دۆلىتىنى قۇرغان دەۋرلەردە ئۆتكەن پادىشاھلار مىسىردىن تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك تەۋەرۇك يالدامىلارنى ئىستانبولغا ئېلىپ كېلىپ خان سارىيىدا ئەتىۋارلاپ ساقلىغان.

 

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يالدامىلىرى:

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياغ ئىزى؛

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساقىلى؛

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ چىشى؛

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇپرىقى

(بۇ تۇپراق قۇتا ئىچىدە ساقلاقلىق بولۇپ، قۇتا ئېچىلسا خۇشپۇراق چاچارمىش)

پەيغەمبىرلەرنىڭ يالدامىلىرى:

داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قېلىچى؛

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قازىنى؛

يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ سەللىسى؛

ھەجەرۇلئەسۋەت (جەننەتتىن چۈشكەن تاش)؛

يەھيا ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇلى؛

ساھابىلەرنىڭ ئۈچ دانە قېلىچى؛

تۆت خەلپىنىڭ ئىشلەتكەن قېلىچلىرى؛

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاسسىسى؛

 

خان ساراينىڭ ئىچىدە كۆرگەنلىرىم ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، ۋاقىتنىڭ قىسلىقى، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپلىكى تۈپەيلى بەزى بىر ئىنچىكە ھالقىلارنى خاتىرلەپ مېڭىشقا پۇرسەت بولمىدى.

چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا بىز كۆك مەسجىد يەنى سۇلتان ئەھمەد جامئەسى ئەتراپىدىكى كىچىكىرەك بىر ئاشپۇزۇلغا كىردۇق. ئاشپۇزۇل گەرچە بەك چوڭ بولمىسىمۇ، كۈتكۈچىلەرنىڭ قىزغىن مۇلازىمىتى، مۇھىتىنىڭ پاكىزلىقى خېرىدارلاغا  ئارام – بەخش ئەتسە، شىرەدىكى ئاپئاق داستىخان، داستىخان ئۈستىگە تىزىلغان چىنە، ئارا، پىچاق، قوشۇقلار پارقىراپ كۆزنى چاقنىتىپ، ئاشپۇزۇلنى خۇددى يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايلارنىڭ تېز تاماقخانىسىغا ئوخشىتىپ قويغانىدى.

تامىقىمىز كەلتۈرۈلدى، بىر چىنىدىن ئۇماچ، قوتۇرماچ، كاللەك يېسىۋېلەك، شوخلا،تەرخەمەكلەر بىلەن ئىشلەنگەن خام توغرامچىلار، شىرەنىڭ بىر چېتىگە زەيتۇن يېغى، تۇز يەنە بىر تال لىمونمۇ بار…ھەي، ھەي! بۇ تاماقلارنى ئۈرۈمچىدىكى ئىنچىكە تارتىلغان لەغمەن ياكى ھور چىقىپ تۇرغان پولو، پېتىر مانتا، كاۋاپلارغا قانداقمۇ تەڭ قىلغىلى بولىدۇ دېيىشىپ پىچىرلىشىپ كەتتۇق ھەممىمىز.

غىزالىنىپ بولۇپ تۇرىشىمىزغا، ناماز دېگەرگە توۋلانغان ئەزاننىڭ ياڭراق ئاۋازى قۇلۇقىمىزنىڭ تۈۋىدىلا ئاڭلاندى. كوچىلاردا كىشىلەر مەسجىدكە قاراپ يۈگۈرمەكتە ئىدى. بىزمۇ ئاشپۇزۇلدىن چىقىپ، يېتەكچىمىز ئايدىن ئەپەندىنىڭ يول باشلىشى بىلەن كۆك مەسجىدكە كىردۇق. مەسجىدنىڭ تاھارەت ئېلىش ئۆيلىرى ئەر – ئاياللارغا ئايرىم – ئايرىم راسلانغان ھەم تاھارەت ئېلىشقا قولايلىق، ئازادە،  لايىھىلەنگەن بولۇپ، تاھارەت ئېلىش ئۆيلىرى غەيرىي پۇراقتىن قەتئىي خالىي ئىكەن. ئاياغلىرىمىزنى خالتىلارغا سېلىپ مەسجىدكە كىردۇق. ناماز ئوقۇش ئۆيى ئايالللار ئۈچۈن ئايرىم راسلانغان بولۇپ، پاكار ـ پاكار ياغاچ تاغاق توسۇقلار بىلەن ئايرىۋېتىلگەنىكەن. مەسجىدنىڭ ئىمامى 40 ياشلار چامىسىدىكى تەندۇرۇس، قامەتلىك، ئاۋازى سۈزۈك ھەم دانە – دانە سۆزلەيدىغان كىشى بولۇپ، ناماز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قۇرئاندىن «سۈرەكەھىپ» نى قىرائەت قىلىپ بەردى.

نامازدىن يانغاندىن كېيىن يېتەكچىمىز ئايدىن ئەپەندى بىزگە كۆك مەسجىدنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. بۇ مەسجىد ئەسلىدە ئاياسوفيا چىركاۋىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان بولۇپ، سۇلتان ئەھمەد جامئەسى دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. ئايا سوفيا چىركاۋى ئالتە مۇنارلىق، ئالتە گۈمبەزلىك ئىدى. شۇڭا، سۇلتان ئەھمەد جامىئەسىنى شۇ زاماننىڭ مىمارچى ئۇستىلىرى كۆك خىشتىن ئالتە مۇنارلىق، ئالتە گۈمبەزلىك قىلىپ ياسىغان. تاشقى كۆرۈنىشى چىركاۋغا ئوخشاپ قالسىمۇ، مەسجىدنىڭ ئىچى – سىرتى ھەم تام – تورۇسلىرىدا ھەيكەل ياكى رەسىملەر يوق بولۇپ، پەقەت قۇرئان كېرىمدىن ئېلىنغان ئايەت – سۈرىلەر ھۆسنخەت شەكلىدە يېزىلغانىكەن. مەسجىدنىڭ گۈمبەز، مۇنار تورۇسلىرىدىكى پەنجىرە، رۇجەك، تۈنۈكلىرىدىن كۈن نۇرى تولۇق چۈشۈپ تۇرغاچقا، مەسجىد ئىچى خىلمۇ – خىل رەڭلەردە جۇلالىنىپ، ئۆزگىچە مەنزىرىنى پەيدا قىلىدىكەن. مىمارچى ئۇستىلار پەنجىرە تۈنۈكلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى گىئومېتىرىيىلىك، ئىلمىي نۇجۇم ئۇسۇللىرى بويىچە ھېسابلاپ لايىھىلەپ چىققان بولۇپ، ھەر ۋاقىت تەبىئىي كۈن نۇرىدا يورۇق چۈشۈپ تۇرىدىكەن. گۈمبەز، مۇنار، پەنجىرە تۈنۈكلىرىنىڭ ئۆمۈچۈك تورى بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆگە قۇشى تۇخۇمىنىڭ ئېقى بىلەن سىرلاپ چىققان دەپ چۈشەندۈردى.

بىز ئايدىن ئەپەندىمدىن، «مەسجىد بەك چوڭ ئىكەن، تازىلىق ئىشلىرى قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟» دەپ سورىدۇق.

ــ بۇ مەسجىدنىڭ مەخسۇس تازىلىق خادىملىرى، باشقۇرغۇچىلىرى بار. ئەمما خالىس تازىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى دېگۈدەك ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. ئۆزلىرىگە ھەقىقىي ساۋاب ئىزدىگۈچىلەر مەسجىدنىڭ تام – تورۇسلىرى، مۇنار – گۈمبەزلىرى ۋە ئىشىك – پەنجىرىلىرىنى تازىلاپ تۇرىدۇ. ھەر دائىم  پاكىز، ھاۋاسى ساپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ دەپ چۈشەندۈردى. مەسجىد ئىچىگە سېلىنغان ئوتقاچتەك گىلەملەرنىڭ تېخى يېڭىلا سېلىنغانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭىزدىلا ئىشنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولىدۇ. كىرىپ – چىقىۋاتقان ئادەملەرنىڭ كۆپلىكى بۇ مەسجىدنىڭ ھاۋاسىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە، خۇشپاراق تۇرىدىكەن. ئايدىن ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا قايىل بولماي تۇرالمىدۇق.

بىز كۆك مەسجىدتىن چىقىپ ساياھىتىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. كوچىلاردا سىم – سىم يامغۇر يېغىپ تۇرغانغا پەرۋا قىلماي كوچىدا يۈرگەن ئادەملەر توپى، چوڭ – كىچىك ئاپتوموبىللار ئۇياقتىن – بۇياققا ئۆتۈشۈپ مىغىلدايتتى.

مەن ساياھەت ئورنىدا ئۇنى –بۇنى كۆرۇپ، ئۆمىكىمىزدىكى ئەزالىرىمىزدىن قانداق ئايرىلىپ قالغىنىمنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن. ئالدىمغا قارىساملا تونۇش كىشىلەر، ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭسام گەپلىرىنىڭ بەزىسى ئىنتايىن تونۇش، بەزىسى ناتونۇش ئىدى. كوچىدا ئۇزۇن پەلتۇلارنى كىيىۋالغان، چىرايلىق ياغلىقلارنى ئارتىۋالغان ئاياللار توپىنى كۆرسەملا ئارقىسىدىن مېڭىۋېرىپتىمەن. لېكىن ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئۇيغۇر خانىم –قىزلىرىمىز بولۇشى ناتايىنلىقىنى ئەسلا ئويلىماپتىمەن.

شۇنداق قىلىپ ئۆزۈممۇ سەل جىددىيلىشىپ قالدىم، ئەتراپقا تازا سىنچىلاپ قارىسام ئۆمىكىمىزدىكى بېشىغا ئاق شاپاق دوپپا كېيىپ يۈرۈيدىغان ئابدۇلئەزىز ھاجىمنى كۆرۈپ قالدىم ۋە بايامقى ئەنسىز، جىددىيلىشىشلەر تېنىمدىن بىراقلا كۆتۈرۈلدى. نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ يەر مېنىڭ يۇرتۇم ئەمەستە!

 

ئىستانبولدا مېھماندارچىلىق

 

بىر كۈنلۈك پائالىيىتىمىز تۈگەپ مېھمانساراي ئالدىغا كەلسەك دوستۇمنىڭ تۇغقىنى بىزنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇلار بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، ئالاھىدە ئالدىمىزغا چىقىپتىكەنتۇق. ئۇلار مېنىمۇ بىللە بېرىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇرىۋالدى. مەن سەل تارتىنىپ تۇراتتىم، يەنە بىر تەرەپتىن ئىچىمدە، تۈركىيەگە كەلگەن تۇرۇقلۇق ئىستانبوللۇقلارنىڭ تۇرىۋاتقان ئۆيلىرىنى كۆرۈپ كەتمىسەم بولماس دەپمۇ ئويلىدىم. مەن دوستۇمنىڭ ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ زورلىشى، ئۆمىكىمىزدىكىلەرنىڭ سالا قىلىشلىرى بىلەن بىرگە بېرىشقا ماقۇل بولدۇم.

ساھىپخان 45 ياشلارغا كىرىپ قالغان ئوچۇق مىجەزلىك، خۇش چىراي جۇۋان ئىكەن. ۋەتەندىن ئايرىلىپ تۈركىيىگە كەلگىلى 10 يىلدىن ئېشىپتۇ. گۈلباھار ئىسىملىك بۇ جۇۋان دادىسىنىڭ سودا ئىشلىرىدىن قالغان قەرز ئىگىلىرىنى ئىزدەپ تۈركىيەگە بىر قانچە قېتىم كېلىپ – كېتىش جەريانىدا نۇرغۇن جەۋرى – جاپالارنى تارتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تاموژنىدا ئىشلەيدىغان بىر تۈرۈك يىگىتى بىلەن تونۇشۇپ، توي قىلىپ بەختلىك ئۆتۈۋېتىپتۇ. ئېرى بۇرۇنقى ئايالى بىلەن ئاجىرىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ جۇۋاننى ياقتۇرۇپ قېلىپ توي قىلغانىكەن. بۇ ئايالنىڭ ئىككى قىزى بار بولۇپ. ھازىرقى ئېرى ئۇلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن.

بىز ئۇلار ھەيدەپ كەلگەن «مىرسېدس» ماركىلىق پىكابىغا ئولتۇرۇپ، ماڭغاچ سۆزىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. بۇ ئايالنىڭ ئېرى تاموژنا باشلىقى ئىكەن. پاراڭ داۋامىدا بىز بىلەن بىرگە كەلگەن ساياھەت كوپىراتىپىدا ئىشلەيدىغان ئاتۇشلۇق ھاجى سەمەت گەپ قىستۇرۇپ:

ــ گۈلباھار ئاچامغا لاتارىيە بېلىتىدىن ئامەت چىققاندەكلا كەلگەن ئامەتتە بۇ! دېۋىدى، گۇلباھار قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.

ــ راست دەيسىز ئۇكام، ماڭا ھەقىقەتەن لاتارىيە بېلىتىدىن ئامەت چىقتى، ئەڭ خوش بولىدىغىنىم، ئېرىم دىيانەتلىك، ماڭا ئىشىنىدۇ. ئائىلەمنىڭ پۈتۈن ئىقتىسادى مېنىڭ قولۇمدا. بۇرۇنقى خوتۇنىدىن تۇغۇلغان ئوغلىمۇ ئۆيىمىزگە دائىم دېگۈدەك كېلىپ – كېتىپ تۇرىدۇ. ئېرىمنىڭ تۇغقانلىرى بىلەنمۇ چىقىشىپ ئۆتىمەن. ئېرىم قىزلىرىمنى نېمە دەيدۇ دېمەمسىلەر، «گۈلباھار، بۇ قىزلارنى ئاللاھ ماڭا ئىنئام قىلغان ھەم ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان ئەڭ چوڭ ئىلتىپاتى» دەيدۇ.

شۇكرى ئەلھەمدۇلىللا، قىزلىرىمنىڭ چوڭى 20 ياش، كىچىكى 18 ياشقا كىردى. قىزلىرىم مېنىڭ ۋە ئېرىمنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىپ، چوڭى ئىستانبول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىببىي پەنلەر فاكولتېتىدا، كىچىكى دورىگەرلىك كەسپىدە ئوقىۋاتىدۇ.

گۈلباھارنىڭ بەختىيار كۈلكىسى، مەمنۇنلۇققا چۆمۈلگەن سۆزلىرى بىزنى ھاياجانغا سالدى.

بىز ئۇزاق ماڭمايلا ئايرۇپورتقا يېقىن بولغان، «ئاتاكەنت» يېڭى رايونىدىكى ئاۋروپا مەھەللىسىگە كەلدۇق. ئىگىز – ئىگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ رايون يىراقتىنلا ياپ – يېشىل چىملىق، مەرمەر تاشلىق يوللار، سۇ ئۈزۈش كۆللىرى، ھەر خىل شەكىلدىكى چېنىقىش ئەسلىھەلىرى بىلەن كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدىكەن. بۇ يەردە تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك قارشى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، تەپەككۇرى بىزگە زادىلا ئوخشىمايدىكەن. كۈن نۇرىنىڭ ئۆيلەرگە تولۇق چۈشۈشىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىنا ئارلىقلىرىنى كەڭ ھەم يىراق، ئازادە قويىدىكەن. ھەر بىر بىنانىڭ ئالدى ياكى يان تەرىپىگە، ئۈستى يېپىق ئاپتوموبىل قويۇش مەيدانلىرى ياسالغان بولۇپ، ناۋادا سىز ئۆي سېتىۋالماقچى بولسىڭىز بۇ ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرىنى سىزگە سوۋغات سۈپىتىدە بېرىدىكەن. بىنالارنىڭ ئارقىسى ياكى ئالدى تەرەپكە چوڭلار ۋە بالىلار ئۈچۈن سۇ ئۈزۈش كۆللىرىمۇ ياسالغانكەن. ئومۇمەن ئېيتقاندا ئۇلار زېمىندىن تولۇق پايدىلىنىدىغان بولۇپ، ئالقانچىلىك يەرنىمۇ ئىسراپ قىلماي، ئاھالىلەرنىڭ پايدىلىنىشى، قولايلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدىكەن. بىزدە زېمىن دېگەن كەڭ، كۆپ قەۋەتلىك بىنالار خۇددى ئورمان تىكىلگەندەك ئارلىقى ئىنتايىن يېقىن، ھەتتا بەزى بىنالار بىر – بىرىنىڭ دېرىزىلىرىنى كۈن نۇرىدىن توسىۋالىدۇ. يول – يوللاردىكى «بۇ يەرگە ئاپتوموبىل توختاتسىڭىز جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئۇ يەرگە توختاتسىڭىز نومۇرىڭىز يىرتىلىدۇ» دېگەندەك ئاگاھلاندۇرۇش تاختىلىرىدىكى ئۈندەش بەلگىلىرى سىزنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويىدۇ.

گۈلباھار بىزنى بىر بىنانىڭ 9 – قەۋەتىگە باشلاپ چىقتى. لېفىتتىن چىقىپ كەڭلىكى 2 -3 مېتىر ، ئۇزۇنلىقى 10 نېچچە مېتىر كېلىدىغان ئۇزۇن كارىدورغا قارايدىغان بولساق، كارىدور يورۇق ھەم ئازادە بولۇپ، زال ئىچىدە كىچىككىنە بىرەر تال سەرەڭگە چاغلىق ئەخلەتنىمۇ كۆرەلمەيدىكەنسىز. زالغا ئىككى لېفىت ئورنىتىلغانىكەن. لېفىتنىڭ بىرى مەخسۇس مېيىپلەر ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا ئاتاپ ئورنىتىلغانكەن. ئۆيگە كىرگىنىڭىزدە كەڭلىكى بىر يېرىم مېتىر كىلىدىغان ئۇزۇنچاق زال بولۇپ، سول تەرەپتە ئاشخانا. ئاشخانىدا ئىگىز ھەم چوڭ قوش ئىشىكلىك توڭلاتقۇ، تۆت كۆزلۈك گاز ئوچاق، دوخۇپكا، كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرىدىغان ئازادە بالكونلار… زالدىن مېڭىپ سول تەرەپكە قارىسىڭىز، توت چاسا ئاددىي – ساددا بېزەلگەن مېھمانخانا ئۆيى بار ئىكەن. ئۆيدىكى تاملار ئاساسەن ئىشكاپلار بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، جىمى ئۆي – بىسات، كىيىم – كېچەكلەر پۈتۈنلەي ئىشكاپلارغا سەرەمجانلاشتۇرۇلغاندىكىن ئۆيلەر رەتلىك ھەم پاكىز كۆرىنىدىكەن. زالدىن ئۇدۇلغا قاراپ ماڭسىڭىز 12 – 10 كۋادىرات مېتىر كېلىدىغان ياتاق ئۆيلەر بار ئىكەن. ئاشخانا، مېھمانخانا، ياتاقخانىلارنىڭ دېرىزىلىرى بىردەك بىنا ئارقىسىدىكى چوڭ –كىچىك كۆللەرگە قارايدىكەن. مەن يامغۇر بولسىمۇ تۈن قاراڭغۇسىدا كۆزۈمنى ئۈزمەي، ئاشخانا دېرىزىسىدىن كۆلدىكى فونتانلارغا قاراپ تاماشا قىلدىم.

ئۇزاق ئۆتمەي گۈلباھار بىر چىنىدىن ئاتۇش ئۈگرىسى كەلتۈردى. ھەم بىزنى دەپ ئالاھىدە دوخۇپكا سامسىسىمۇ پىشۇرۇپتۇ.بىز تاماقنى مەززە بىلەن يىدۇق.

ئادەم ھاياتىنى قايسى تەرىققىدە ئۆتكۈزىمەن دېسە شۇنداق ئۆتكۈزىدىكەن. بىزدەك كىچىك ھەم تارچۇق ئۆيلەردىمۇ ئۆتۈۋەرگىلى بولىدىكەن. تۈركىيىلكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېڭى ئاھالە ئولتۇراق رايونلىرىدىن ئۆي سېتىۋالىدىغانلار ھەم 2 – 3 تىن داڭلىق ماركىلىق پىكاپلىرى بارلار ئاساسەن ئوتتۇرا ھال سەۋىيىدىكى ئائىلىلىكلەر تىپىگە كىرىدىكەن.

تۈركىيە ۋاقتى كېچە سائەت 10 دىن دىن ئاشقاندا گۈلباھار بىزنى ئەتىكى ساياھىتىمىزگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن مېھمانخانىمىزغا ئاپىرىپ قويدى ھەمدە ساياھەت ئاخىرلىشىپ ئىستانبولغا قايتىپ كەلگەندە بىزنى چوقۇم ئىستانبول سودا-  سارايلىرىنى ئايلاندۇرۇپ كېلىشكە ۋەدە بەردى.

 

ئەنقەرىگە سەپەر

ئەنقەرە ـــ تۈركىيە جۇمھىرىيىتىنىڭ پەيتەختى بولۇپ، 1 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى يەنى شەرقىي رىم ئىپىرىيسى دەۋرىدە بىر كىچىك يېزا ئىدى. سۇلتانىلىق ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرلەردىمۇ راۋاجلانمىغان. 1 – دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ تۈرك ئاتىسى مۇستاپا كامال باشچىلىغىدىكى ئىنقىلاب ئوتى تۇتاشقاندىن باشلاپ، راۋاجلىنىشقا باشلىغان.

بىز ئىستانبولدىن چىقىۋاتقان چېغىمىزدا يەتەكچىمىز ئايدىن ئەپەندى چۈشەندۈرۈشنى باشلىۋەتتى.

بىزنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىمىز 2500 كىلومېتىرغا سوزىلىدۇ. ھازىر بىز ئىستانبولدىن چىقىپ كېتىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز. بىز كۆرىۋاتقان ئاۋۇ سېپىللار مۇكەممەل ساقلانغان تاغ ئىزنالىرى بولۇپ، بۇ يەرنى ھەقىقىي ئىستانبول دېيىشكە بولىدۇ. نەچچە ئەسىردىن بۇيان سانسىزلىغان ئۇرۇشلارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بۇ سېپىللار تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى، 1453 – يىللىرى قېزىلغان ئۇزۇنلىقى 21 مېتىر، چوڭقۇرلىقى 18 مېتىر، كەڭلىكى ئىككى مېتىر كېلىدىغان خەندەكلەرمۇ ھازىرغىچە ساقلانماقتا. سېپىل بويلاپ خىلىچ قولتۇقى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. تۈركىيىدە ھەر قەدەمدە دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك، گۈمبەزلىك مەسجىدلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ 700 دىن كۆپىرەكى 1 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ياسالغان. بۈگۈنكى كۈنلەردە يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان مەسجىدلەرنىڭ سانى بىزگە نەمالۇم – دەپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئالدىمىزدا كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاسما كۆۋرۈك، دېڭىزنىڭ ئىككى قىرغىقىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كۆۋرۈك بولۇپ، 1973 – يىلى فىرانسىيىلىكلەر تەرىپىدىن ياسالغان بۇ كۆۋرۈك 1453 – يىلى رىم ئىمپىرىيىسى ۋە ئىستانبولنى بويسۇندۇرغان فاتىخ سۇلتان مۇھەممەد نامى بىلەن ئاتالغان. سۇلتان مۇھەممەد دۇنيادا ئۆزىنى تەڭداشسىز كۈچلۈك ھەم قۇدرەتلىك ھېسابلايدىغان رىم ئەسكەرلىرىنىڭ «پۈتكۈل دۇنيادىكى تۈركلەر يوقالسۇن، دىنسىزلارنى قىرىپ تاشلايلى، كاتولىك دىندىن باشقا دىنلار يوقالسۇن!» دەپ ھەيۋە بىلەن باشلىغان بىر قانچە قېتىملىق ئۇرۇشلىرىغا ئەجەللىك زەربە بېرىپ، ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، ئىستانبولنى قولغا ئېلىپ بۈيۈك ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنى قۇرغانىدى.

ئىككىنچى ئاسما كۆۋرۈكنى 1988 – يىلى ياپونىيىلىكلەر ياسىغان، ئۈچىنچى ئاسما كۆۋرۈك ياسىلىش ئالدىدا تۇرېۋېتىپتۇ. مانا بىز ھازىر ياۋروپا قىتئەسىدىن ئاسىيا قىتئەسىگە ئۆتتۇق.

بىز ئەزەلدىن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى دېڭىز – ئوكيانلاردىن يىراق زېمىندا ياشاپ كەلگەنلىمىز ئۈچۈن بۇنداق قىتئەلەر ئارىسىدا يۈرمەك تولىمۇ چوڭ ئىش ھېسابلىناتتى. شۇڭا، كۆز ئالدىمدا چېكى يوق دېڭىز تۇرغاچقىمىكىن كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچىلا ئىككى قىتئەدە تاماشا قىلغىنىمدىن  ئىنتايىن  ھاياجانلاندىم.

تۈركىيىنىڭ ھازىرقى دۆلەت ئورگانلىرى جايلاشقان پايتەخت ئەنقەرە بىلەن ئىستانبول ئارىسغا ساكارىيا، دورجە، بولو ۋىلايەتلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت جايلاشقان. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە 81 بىر ۋىلايەت بار ئىكەن. لېكىن بۇ ۋىلايەتلەر ۋەتىنىمىز شىنجاڭدىكى ۋىلايەتلەرنىڭ يەر كۆلىمىدىن خېلىلا كىچىك بولىدىكەن. يول بويلىرىدىكى ئېتىزلىقلار، ئاپلىسېن ئورمانلىقلىرى، تاغ – ئېدىرلاردا ئۆستۈرۈلگەن زەيتۇنلار، ئۈزۈمزارلىق، ئانار ھەم ئەنجۈرلىكلەر پۈتكۈل زېمىننى قاپلاپ كەتكەندەك چەكسىز كۆرۈنەتتى. يول ياقىلىرى، تاغ ئېتەكلىرىگە سېلىنغان ئۆيلەر ئاپئاق ئاقلانغان بولۇپ، ئۆگزىلىرى تامامەن قىزىل كاھىشتىن ياسالغانىكەن. مەن يول بويى ئىككى چەتكە قاراپ – قاراپ تويمايتتىم. ئۆز دىيارىمدا ئۇزۇندىن – ئۇزۇنغا سوزۇلغان يوللار كۆز ئالدىمغا بىر –بىرلەپ كېلىشكە باشلىدى. يول بويىدىكى تاشلاندۇق ئۆيلەر، ئىسلىشىپ كەتكەن ئاشپۇزۇللار، ھېلىلا ئۆرۈلۈپ كەتكۈدەك بولوپ قالغان قىڭغىر – قىيسىق قوتانلار، قىغ دۆۋىلىرى ۋە ياۋا ئوت – چۆپلەر… … ئەجىبا بىز بۇ يەردە ئۇنداق ئۆيلەرنى زادىلا ئۇچراتمىدۇق. ئەتراپقا توختىماي نەزەر سېلىۋاتىمەن. ئىنساننىڭ ھۇزۇرلىنىشمۇ ھەر خىل بولىدىكىن، مەن يول بويىدىكى ھەممىلا نەرسىگە قىزىقىپ، ھۇزۇر ئېلىپ كېتىۋاتاتتىم. مۇشۇ تاپتا قەلەملىرىم ئۆزۈمگە بويسۇنماي، كۆرگەنلىرىمنى تەسۋىرلەشكە تولۇمۇ ئاجىزلىق قىلۋاتىمەن. شۇنداقتىمۇ تىرىشىپ – تىرمىشىپ خاتىرە قالدۇرۇشنى داۋاملاشتۇردۇم.

يېتەكچىمىز ئايدىن ئەپەندى ئۇزۇن سەپەرنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ:

ــ بۈگۈن مېنىڭ ھەر قايسىڭلار بىلەن سەپەرگە چىققانلىقىمنىڭ 3 – كۈنى، ئۆز ئارا تونۇشۇۋالغان بولساق، قانداق دەيسىلەر؟ – دېدى.

ھەممىمىز بىردەك قوشۇلدۇق. دوستۇم ئىككىمىز يېتەكچىنىڭ ئارقىسىدىلا ئولتۇرغاچقا نۆۋەت باشتا ماڭا كەلدى. مەن سەل جىددىيلىشىپ ئۆزۈمنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. ئۆمەك ئەزالىرىمىزمۇ كەينى –كەينىدىن ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ساياھەت ئۆمىكىمىز ئىچىدە دوستۇم ئىككىمىز باشقىلارغا قارىغاندا ياشتا چوڭ ئىكەنمىز. ئارىمىزدا تىجارەتچى، بانكا خادىمى، دۆلەت مەمۇرلىرى، ئىنژىنېر، ئادەتتىكى خىزمەتچى خادىملار، شېرىن ئاي ئۆتكۈزۈشكە چىققان قىز –يىگىتلەر بولۇپ، ئۆمەك باشلىقى، يېتەكچى، شوپۇر بولۇپ 15 نەپەر ئادەم بار ئىدۇق.

ئۈرۈمچىدىن  ساياھەتكە چىققان 65 ياشلار چامىسىدىكى ھاجى خېنىم ئاق پىششماق، غۇنچە بوي، سۆزمەن، خۇشخۇي، ھەر بىر ئېغىز سۆزىدە ماقال – تەمسىللەر تەييار تۇرىدىغان قىزىقچى ئايال بولۇپ، ھەممىمىز بىلەن تېزلا چىقىشىپ كەتتى. ھاجى خېنىمنىڭ يېنىدا بىر قىزى بولۇپ، ئۇ چوكانمۇ ئوچۇق مېجەزلىك، زىلۋا بويلۇق بولۇپ، بانكىدا خىزمەت قىلىدىكەن. بۇ قىز ھە دېسىلا ئانىسىنىڭ ساددا ھەم كۆڭۈلچەكلىكى سەۋەبىدىن ئەنسىرەپ، باشقىلارغا ئوڭايلا ئالدىنىپ قالماسلىقىنى پات – پات  ئەسكەرتىپ قىزىقچىلىق قىلاتتى.

69 ــ  68 ياشلاردىكى يەنە بىر ئايال بولسا كېلىنى بىلەن غۇلجىدىن ساياھەتكە چىققان بولۇپ، بويلىرى ئىگىز، بۇغداي ئۆڭ، سەل – پەل سېمىزىرەك ئەمما ئۇششاق سۆزلۈكىرەك ئىكەن. كېلىنىمۇ 40 – 38 ياشلادىكى زىلۋا بويلۇق چىرايلىققىنە جۇۋان بولۇپ، ئانىسىغا ئوخشاشلا يول بويى نېمىدىندۇر غۇدۇراپ نارازى بولۇپلا يۈرەتتى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئىلى خەلقى چاي خۇمار خەلق، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمىشىدا ئەتكەن چاي كەم بولسا بولمايدىغان ئىستېمال ئادىتىگە ئايلانغان. غۇلجىلىقلارنىڭ بىر كۈن ئەتكەن چاي ئىچمىسە بېشى ئاغرىپ،  كەيپىياتى ناچارلىشىدىغان ئەھۋاللارنى بىزمۇ كۆپ ئاڭلىغانىدۇق. شۇڭا بىزمۇ ئۇلارنىڭ بۇنداق غۇدۇراشلىرىغا سەپەرنىڭ يېمەك – ئىچمەكلىرى بىۋاسىتە سەۋەپ بولغاندۇ دەپ چۈشەندۇق.

ئارىمىزدا قارامايدىن چىققان 59 -58 ياشلار چامىسىدىكى رەئوپ ئىسىملىك بويتاق بىرىمۇ بار ئىدى، ئۇ ئادەم ناھايىتى كەم سۆز، سىلىق – سىپايە، ئېھتىياتچان بولۇپ، رەتلىك كىيىنىپ، ئاقارغان چاچلىرىنى كەينىگە تاراپ يۈرۈيدىكەن. ساياھەت جەريانىدا بۇ كىشى دوستۇم ئىككىمىزنى بىر قانچە قېتىم رەسىمگىمۇ تارتىپ قويدى.

ئۆمەك ئەزالىرىمىز ئىچىدە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان قەشقەردىن چىققان 50 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان ئىككى نەپەر ھاجىم بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسىمى مۇھەممەد تۇرسۇن ھاجىم ئىكەن. ئۇ ئادەم  پاكىز كىيىنىپ يۈرىدىغان، بەستى ئىگىز، قاڭشارلىق، ئاقيۈزلۈك، گەپ-سۆزى جايىدا، تىجارەت قىلىپ باي بولغان، مەككە –مەدىنىلەرگە بېرىپ ھەج –تاۋاپ قىلىپ كەلگەن، ھازىر  قەشقەردە تىجارەت قىلىدىغان كىشى ئىكەن، يەنە بىرىنىڭ ئىسىمى ئابدۇلئەزىز ھاجىم بولۇپ، ئوتتۇرا بوي، يۈزلىرى ياپىلاقىراق، كۆزلىرى پولتىيىپ چىققان، تىجارەت قىلىپ بارمىغان يېرى، قىلمىغان سودىسى قالمىغان، باداڭ قورساقلىق كىشى ئىكەن، ھازىر قول ئىلكىدە 40 -45 ئادەم ئىشلەيدىغان مۇقىم شىركىتى بار ئىكەن. مەن بۇ ھاجىمنىڭ تومپىيىپ چىققان قورساقلىرىغا قاراپ، قورساققا بەكمۇ ئامراقلىقىنى ھېس قىلدىم. لېكىن بۇ ئادەمنىڭ تۇرقىدىن مۇلايىم، چىقىشقاق، تىرىشچانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن.

ئۆزىمىزنى تونۇشتۇرۇش داۋامىدا بەزىلەر نەچچە كۈن ئېغىزغا چىققۇدەك بىر لوقما گۆش يېيەلمىگەنلىكى توغرىسىدا گۆش دەۋاسى قىلسا، يەنە بەزىلىرى چايغا قانماي بېشى ئاغرىۋاتقانلىق توغرىسىدا كوتۇلداشقا باشلىدى. دېمىسىمۇ بىز گۆشتىن ئايرىلساق ياشىيالمايدىغان ئىنسانلاركەنمىز دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.

شۇنداق قىلىپ بىر –بىرىمىزنى ئۆز –ئارا تونۇشتۇرۇشمۇ ئاياقلاشتى، بىر نەچچە سەپەرداشلىرىمىز مېنى ئاخىرىدا سۆز قىلىپ بېرىشقا تەكلىپ قىلدى.

مەن ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە سۆزلەشكە باشلىدىم:

ــ ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، مەن سىلەرگە نېمە توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرسەم بولار؟ – دەپ سوئال نەزىرى بىلەن كۆپچىلىككە قارىدىم. كۆپچىلىك مېنىڭ نېمىلا توغۇرلۇق سۆزلىسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. دېمىسىمۇ تېخى تونۇشقىلى ئۈچ كۈن بولغان سەپەرداشلارغا نېمە توغۇرلۇق سۆزلىشىمنى ئويلاپ قالدىم. شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى سەل رۇسلىۋېلىپ سۆزۈمنى باشلىدىم:

ــ مېنىڭ چەتئەل تۇپرىقىغا تۇنجى قېتىم قەدەم قويۇشۇم. چەت ئەل توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىم كۆپ ئەمەس. سەپەرداشلىرىم، قېرىنداشلىرىم، بالىلىرىم! سىلەر بىلەن ھەمسەپەر بولغۇنىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن. مەن سىلەرگە ئۆزۈم ئوقىغان كىتابلار، تۈركىيە ھەققىدە كۆرگەن ماتېرىياللىرىمدىن بىلگەنلىرىمنى ھەم ھېس قىلغانلىرىمنى قىسقىچە سۆزلەپ بېرەي. تۈركىيەدە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك. نۇرغۇن جەھەتلەردە بىز بىلەن پەرقلىنىدۇ. گەرچە بىز ئەدەب – قائىيدە، يۈرۈش – تۇرۇش جەھەتتە قەدىمىي ھەم مەدەنىيەتلىك، قائىيدە – يوسۇنلۇق مىللەت ھېسابلانساقمۇ، ئەمما بىزدە ئەسىرلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن مەدەنىيەتتە ئاز –تولا چېكىنىشلەر بولغان، بىز بۇنى توغرا چۈشىنىشىمىز كېرەك.

بۈگۈن بىز جۇغراپىيىلىك ئورنى، دۆلەت تۈزىمى، تارىخي ئارقا كۆرۈنىشى بىز تۇرىۋاتقان ۋەتەنگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بىر تۇپراققا كەلدۇق. بىز گەرچە ئۆز خىراجىتىمىز بىلەن بۇ قېتىمقى ساياھەتكە چىققان بولساقمۇ، ئالدى بىلەن مىللىتىمىزگە، ئاندىن ۋەتىنىمىزگە ۋەكىل بولۇش سۈپىتىدە كەلدۇق. بىز بۇ زېمىندا قانداق تەسىراتلارنى قالدۇرۇشىمىز كېرەك؟

بىزنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىمىز، ھەرىكىتىمىز ئۆزىمىزگىلا ئەمەس بەلكى ۋەتەنگە، مىللىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز گەپ – سۆز، ئىش –ھەرىكەتتە ئەدەبلىك، مەدەنىي بولساق دېگەن ئۈمىدتىمەن.

بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتى بويىچە ئالغاندا، ئاشخانا، مەسجىد، ساياھەت نۇقتىلىرى قاتارلىق ئاممىۋىي سورۇنلاردا يۇقۇرى ئاۋازدا سۆزلەش، كۈلۈش، ئەدەبسىزلىك ھەم مەدەنىيەتسىزلىك قىلمىش ھېسابلىنىدىكەن. تارىخي يازمىلاردا خاتىرىلىنىشىچە «ئۇيغۇر مىللىتى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى» دەپ يېزىلغانىكەن. ھەتتا ھازىرمۇ تۈركىيەنىڭ مەدەنىي – مائارىپ ساھەلىرىدە «ئۇيغۇر» ئاتالغۇسىنى «مەدەنىيەت» ئاتالغۇسى ئورنىدا قوللىنىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىكنى ئاممىۋىي سورۇنلارغا بارغاندا، ئەخلاقلىق – مەدەنىي بولۇشقا دېققەت قىلساق دېمەكچىمەن.

يەنە بىر ئەسكەرتىدىغىنىم، بىز بۇ يەرگە پەقەت 12 كۈنلۈك ساياھەت ئۈچۈن كەلدۇق. بۇ يەردىكى تائاملارنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولسىمۇ، كۈندىلىك تاماقلىرىمىزدا ئانچە – مۇنچە توخۇ ۋە بېلىق گۆشىدىن باشقا گۆشلەر يوق دېيەرلىك بولاۋاتىدۇ. قېنىپ –قېنىپ ئىچىدىغان قاراچاي، ئەتكەن چايلارمۇ يوق دېيەرلىك. بۇگۈن ئەنقەرەدە بولساق ئەتە كونيادا، ئۆگۈنى يەنە بىر شەھەردە قونىدىغان گەپ. ئۇنداقتا غۇدىرىساق ئىش پۈتەمدۇ؟ مېنىڭچە بۇنداق ئوزۇقلىنىش ئەلۋەتتە ئىلمىي ئاساسقا ئىگە. ئەسلى بىز بۇ قېتىم بىزنى ساياھەت قىلدۇرغان شىركەتكە رەھمىتىمىزنى ئېيتساق توغرا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار سىز ۋە بىزنى 12 كۈن بولسىمۇ يەڭگىل، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەر بىلەن ئورۇقلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى ئەمەسمۇ؟

بىز يىلدا 30 كۈن  روزا تۇتىمىزغۇ؟ روزى تۇتۇشنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە ئىسلام دىنى يوسۇنى جەھەتتە ياكى پەننىي جەھەتلەردە بولسۇن، روزا تۇتۇشنى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ. دېمەكچىمەنكى 10 نەچچە كۈنلۈك ساياھەت دېگەن كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقىچە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بىزدىكى مۇشۇ 10 نەچچە كۈنلۈك ساياھەت داۋامىدا دائىم گۆش ھەزىم قىلىشتەك ئېغىر يۈكنى زېممىسىگە ئالغان ئاشقازان – ئۈچەيلىرىمىز «ھۆرلۈككە» چىقىپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟ بۇ پۇرسەنتنى غەنىيمەت بىلەيلى! يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتساق پولۇ، پېتىرمانتا، كاۋاپ، لەغمەن، چۆچۈرىلەر ئالدىمىزغا دوقمۇش – دوقمۇشتىن چىقىپ، مېزىلىك پۇرىقى بىلەن بىزنى قارشى ئالىدۇ ئەمەسمۇ؟

بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن باشلىرىنى لىڭشىتىپ قاقاھلاپ كۈلۈشتى…

ئەڭ ئاخىرىدا تەكىتلەيدىغىنىم، ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆزىنى –ئۆزى چۈشۈنىشى، ئۆز تارىخنى، يىلتىزىدىن بىلىشى كېرەك. بىز كۆرۈۋاتقان تارىخىي خاتىرىلەردە تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ تارىخ ئىزنالىرى يوق ئەمەس. تۈركلەر بىز ئۇيغۇرلارنى نېمە ئۈچۈن «ئاتا تۈرك» دېيىشىدۇ؟ «ۋاي، بىزنى چوڭ كۆرۈدىكەن» دەپلا قويغىنىمىزدىن كۆرە ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، بۇ گەپنىڭ تېگى – تەكتىنى بىلۋالساق يامىنى يوققۇ؟ ئەلۋەتتە ھەممىمىز ساياھەتكە چىققانكەنمىز بىرەر بىلىمگە ئىگە بولىشىمىز، باشقا ئەللەردە ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ تازىلىق، يېمەك – ئىچمەك، يۈرۈش – تۇرۇش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى، ياخشى ئادەتلىرىنى ۋەتىنىمىزگە، يۇرتىمىزغا، مىللىتىمىزگە سوۋغات سۈپىتىدە ئالغاچ كېتىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن. بولۇپمۇ ئارىمىزدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تەلىم ئالغان ياش ئەۋلادلارغا بۇ تەكلىپنى بېرىمەن. ئەسلىدە كونىلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتساق ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ يەتتە ئاتىسىنى بىلىشى، ئۆز ئەۋلادلىرىغا يېزىپ قالدۇرۇشى كېرەك دېيىلىدىكەن. ھازىر بىزدىكى كىشىلەر ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆت ئاتىسىنى دەپ بېرەلەيدۇ. ياشلار بىزدىن كۆپ ئوقىغان، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا بىرەر خاتىرە قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ئويلىشىپ كۆرسەڭلار دەيمەن.

ئاخىرىدا سەپەرداشلىرىمنىڭ ساياھىتىنىڭ كۆڭۈللۈك، تېنىنىڭ سالامەت، خاتىرجەم بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن، رەھمەت سىلەرگە!

ھەر كۈنى ناشتىغا چىققان چېغىمىزدا، دوستۇم ئىككىمىزدىن ھەممە كىشى بولۇپمۇ ھېلىقى ئىككى ھاجىم ئالاھىدە ھال –ئەھۋال سوراپ تۇرىشىدىغان، ئاپتۇبۇسقا چىققاندا، چۈشكەندە چامادانلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ ياردەملىشىدىغان بولدى. ھەر قانداق بىر ئەقىل ئىگىسىدە بىرەر كىچىككىنە ياردەملەردە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بولماي قالمايدىكەن. شوپۇرىمىز تۈرك يىگىتى تەيپۇل بىزگە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ، چامادان، سومكىلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ ئاپتوبۇسقا ئەپچىقىپ بېرىپلا قالماي، ئاپتوبۇسقا چىقىپ – چۈشكەن چاغلىرىمىزدا بىزنى يۆلەپ، قوللىرىمىزنى تارتىپ قويىدىغان، «گۇنايدىن»، «ناسلسن» سۆزلىرىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بولدى. ئارىمىزدىكى ياش قىز – يىگىتلەرمۇ خاتىرە دەپتەرلىرىنى چىقىرىپ، ساياھەت داۋامىدا كۆرگەن مۇھىم –مۇھىم جاي ناملىرى، موزىيلاردىن كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىنى سوراپ  يۈرۈپ خاتىرىلەيدىغان بولدى. مانا بۇ ــ ئۆز يىلتىزىنى، تارىخىنى بىلىشكە ئىنتىلگەنلىكنىڭ ئالامىتى!

ئۆمىكىمىزدىكى ئۈرۈمچىدىن شېرىنئاي ئۆتكۈزۈشكە چىققان ئىبراھىمجان بىلەن مەرھابا ھاياتىدىكى ھەقىقىي يېڭى باشلىنىشقا قەدەم قويۇپتۇ. مانا بۇ زاماننىڭ تەرەققىياتىنى، يەنى مىللىتىمىزنىڭ ساياھەت ئېڭىدا يېپيېڭى بىر ئۆزگۈرۈش پەيدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ ياش ۋاقىتلىرىمىزدا چەت ئەللەرگە چىقىپ شېرىنئاي ئۆتكۈزۈش دېگەن ئاتالغۇنى تۇرمۇشىمىزدىن تېپىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا چۈشۈمىزدىمۇ كۆرمەيتتۇق. قاتناشنىڭ قولايسىزلىقىدىن تۇغقان يوقلاشقىمۇ چارىسىز قالاتتۇق. تويلارنى بەزىدە ۋېلىسپىتلىك كۆچۈرسەك، بەزىدە داپ، دۇتتارلارنى چېلىپ قىزلارنى پىيادە كۆچۈرەتتۇق. بۇ بىر جۈپلەرگە قاراپ ھەممىمىز زوقلاندۇق. ئۇلارنىڭ شېرىن ئايلىرى كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگۈدەك شېرىن ئۆتمەكتە ئىدى. يىگىتمۇ ئېغىر – بېسىق، ئوچۇق چىراي، نامازخان بالا بولۇپ، ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىدىكەن. يېڭى كېلىنچەك مەرھابامۇ ئالىي مەلۇماتلىق بولۇپ، دۆلەت مەمۇرى ئىكەن. ساياھەت داۋامىدا بۇ بىر جۈپلەر ئۈن –تۈنسىز مېڭىشاتتى. ئۇلار بىر – بىرىنىڭ كۆزلىرىگە قاراپلا مۇددىئالىرىنى بىلىۋالامدىكىن، ئىشقىلىپ ھەر قانداق ئىشلاردا ئاۋاز چىقىرىپ سۆزلەشكىنىنى ئاڭلىمايتتۇق. ئىنتايىن كەم سۆز، ئىشلىرى جايىدا، داۋراڭ سالمايلا يۈرىشىدىكەن. ساياھىتىمىزنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى يېقىنلاشقانسېرى ھەممىمىز ئۇرۇق – تۇغقانلاردەك بولۇشۇپ كەتتۇق. شېرىنئاي ئۆتكۈزۈشكە كەلگەن كېلىنچەكنىڭ ساياھەت داۋامىدا سېزىكى تۇتۇپ قېلىپ، ئاچچىق –چۈچۈك سۇيۇقئاش ئىچكۈسى كېلىپ قاپتۇ. دوستۇم ئىككىمىز «سېزىك» سۆزىنى ئاڭلاپ، قارامايدىن كەلگەن رەئوپ ئەپەندىنىڭ ئېلىۋالغان تەييار چۆپلىرىنى سوراپ كېلىنچەككە بەردۇق. چۈنكى «سېزىككە زۆرۈر بولسا ئۆز ئېتىنى كېسىپ بەرسىمۇ بولىدۇ» دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟!… مەرھابامۇ بۇ ئىشلاردىن قەۋەتلا خوش بولۇپ كەتتى.

يۇقۇرىدا ئاتاپ ئۆتكەن ئىككى ھاجىم تونۇشۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆمەك ئەزالىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى بىر ئۆتەڭدە «ئادانا كاۋىپى» بىلەن ئالاھىدە مېھمان قىلدى. «سېخى جەننىتى» دېگەن مانا مۇشۇ! پۇل تاپقان سودىگەرلەر سەپەر ئۈستىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭۈللىرىنىمۇ چاي بېرىپ ئېلىۋېلىشقا ئۈلگىردى. نېمىلا دېگەن بىلەن يۇرت كېزىپ كۆپنى كۆرگەن كىشىلەر – دە!

ئارىمىزدا ئۈرۈمچىدىن كەلگەن 37 -38 ياشلاردىكى چاققان بىر چوكاننىڭ ئېرىدىن ئاجىرىشىپ كەتكەنلىكىنى، ھازىر تۇل ئۆتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانىدۇق. ئۆمىكىمىزدىكى ئەرلەرنىڭ ئارىسىدا ھېلىقى بويتاق ئەركىشى بىلەن بۇ تۇل چوكاننى بىر –بىرىگە سايە قىلىش گەپلىرىمۇ بوپتۇ. سەپەر جەريانىدا بۇ ئىككەيلەنگە خېلى ئوچۇق چاقچاقلار چىقىشقا باشلىدى. بەزىلەر «ساياھىتىمىز خاسىيەتلىك بولسۇن، بۇ ئىككىسىنىڭ تويىنى مۇشۇ يەردىلا قىلىۋېتەيلى» دېيىشكەنلەرمۇ بولدى. چۈنكى ئوتتۇردا بولۇنغان چاقچاقلارغا بۇ «قىزچاق» زادىلا قارشىلىق بىلدۈرمەي كۈلۈپلا ئولتۇراتتى. كۆپچىلىككە بۇ «توي» ۋۇجۇدقا چىقىدىغاندەكلا بىلىنىۋاتاتتى. بويتاق ئەركىشى بۇ چوكاندىن 20 ياش چوڭ بولسىمۇ كۆپچىلىكنىڭ چاقچاقلىرىدىن، «قىزچاق» نىڭ پوزىتسىيىسىدىن سەل – پەل ئۈمىدلىنىپمۇ قالغانىدى. شۇڭلاشقا ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدىلا: «مەن بۇ قىز ئۈچۈن بارلىقىمنى بېغىشلايمەن، بۇ قىزنى بىر ئۆمۈر بەختىلىك قىلىمەن» دەپ يۈرەك سۆزىنى ئېيتتى ھەم ھەر ۋاقىت خىزمىتىدە بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يولنىڭ ئۇزۇنلىقى بارغانچە زېكىشلىك بىلىنىپ كېتىۋاتاتتى. يول بويى دېمىگەن يۇمۇرلىرىمىزمۇ قالمىدى. ئايدىن ئەپەندىمۇ ساياھەت يېتەكچىلىكى قىلىش جەريانىدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان قىزىقارلىق ئىشلىرىنىمۇ سۆزلەپ بەردى.

بىر چاغدا ئاپتوبۇسنىڭ ياڭراتقۇسىدىن ھوشور قارىنىڭ ياڭراق ھەم مۇڭلۇق خەلق ناخشىلىرى ياڭراشقا باشلىدى. ئەسلىدە ئايدىن ئەپەندىمۇ ھوشور قارى ناخشىلىرىنىڭ مەستانىسى ئىكەن. ئايدىن ئەپەندى يولنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى بىلگەچكە، ناخشا پلاستىنكىلىرىنى ئېلىپ تولۇق تەييارلىق بىلەن يولغان چىققانىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشىلارغا ئىنتايىن ئامراقلىقىنى ھەم سۆيۈپ ئاڭلايدىغانلىقىنى، ئىستانبولدىكى دوست– بۇرادەرلىرىنىڭ يىغىلىش قىلغان چاغلىرىدا ئۆزىنى ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىپ بېرىشكە ۋە ئۇيغۇرچە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇرىۋالىدىغانلىقىنى، بەزىدە ساۋاقداشلىرىنىڭ «سېنىڭ ئۇيغۇر دوستلىرىڭ بەك كۆپكەن، بىزگىمۇ تونۇشتۇرۇپ قويغىن» دېيىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىزگە پەخرلەنگەن ھالدا سۆزلەپ بەردى.

بىز ئايدىن ئەپەندىمنىڭ يۇقۇرىدا ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ھوشور قارىنىڭ ناخشىلىرىنىدىن ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق.

ئايدىن ئەپەندى تەكلىپىزگە ئانچە تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايلا قوشۇلدى- دە ئۆزىنىڭ بوم ھەم يېقىملىق ئاۋازى بىلەن قويۇق ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى تەلەپپۇزىدا، ناخشا ئېيتىشنى باشلىۋەتتى. كۆپچىلىك ئايدىن ئەپەندىمنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپ بىردەك چاۋاك چېلىشىپ، ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇشتۇق.

تىلنىڭ يېقىنلىقى كىشىنى تېخىمۇ يېقىملىق كۆرسىتەمدۇ قانداق، كەيپىياتىمىز بىراقلا كۆتۈرۈلدى. ئارىمىزدىكى بىر – ئىككى جۇۋانمۇ ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ناخشىلىرىنى ئېيتىشتى. بەزىلەر ھوشور قارىنىڭ ناخشىلىرىدىكى ئاتۇش پەدىلىرىگە تەڭكەش قىلىپ ئۇسسۇل ئويناشتى.

بىر كۈن يول يۈرۈپ تۈركىيە جۇمھىرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە قاش قارايغان چاغدا يېتىپ كەلدۇق. نېمىلا دېگەن بىلەن «يول ئازابى، گۆر ئازابى» دېگەندەك ياشىنىپ قالغىنمىز چېنىپلا قالدى. ئەزالىرىمىزنىڭ بەزىلىرى سىم – سىم يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي، ئەنقەرە كېچىلىك بازىرىنى ئايلىنىش ئۈچۈن تەرەپ – تەرەپكە جەرەندەك چېپىشىپ كەتتى. دوستۇم ئىككىمىز سەپەر ھاردۇقى يەتتى بولغاي تامىقىمىزنى يەپلا ئاندا – مۇندا تازىلىقىمىزنى قىلىپ يېتىۋالدۇق.

تۈن نىسپى بولغاندا دېمىم سىقىلىپ، نەپەسلىنىشىم قېيىنلىشىپ كەتتى. دېرىزىنى ئاچاي دەپ بارسام ئاچىدىغان يېرىنى تاپالمىدىم، ياتاق تار كېلىۋاتاتتى. زالغا چىقىپ باقتىم، زالدىمۇ دېرىزە كۆرۈنمەيتتى. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ ئاخىرى دوستۇم بۇخەلچەممۇ ئويغىنىپ كەتتى. دۈپدۈگۈلەك دېرىزىنىڭ ئاچىدىغان تۇتقۇچى يان تەرەپتىكەن. دېرىزىنى ئېچىپ سالقىن ھاۋانى قانغۇچە سۈمۈرۈپ ئازىراق ئوڭشىلىپ قالدىم. ئەتىسى بۇ ئەھۋالنى يېتەكچىمىز ئاڭلاپ: «يېگەن يېمەكلىكلەردە گەپ بارمۇ – يە؟» دېۋىدى، مەن ئۈچ كۈندىن بېرى 2 – 3 خىل زەيتۇندىن  5 – 6 تالدىن يەپ كېلىۋاتقىنىمنى دېيىشىمگە، «بولماپتۇ، زەيتۇن دېگەننى بەش تالدىن ئارتۇق يېيىشكە بولمايدۇ!» دەپ چۈشەندۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن زەيتۇن (چىلانغان ئىكەن) نى زادىلا يېمەس بولدۇم.

ئەنقەرە ــ ئەسلىدە رىم ئېمپىرىيىسى دەۋرىدە كىچىك بىر يېزا ئىدى، 1 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يەنى 1915 – يىلدىن باشلاپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. ئوسمان ئېمپىرىيىسى نەچچە ئەسىر ھۆكۈم سۈرگەن ئىستانبولدا ئىنقىلاپ قىلىش مۇشكىل بولغانلىقتىن، سۇلتانلىقنىڭ كۆزىدىن يىراق تۇرۇش، دىنىي مەزھەپلەر، گۇرۇھلار ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىك، ئۆز – ئارا ئىشەنمەسلىك يامراپ كەتكەن جەمئىيەتتىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن  مۇستاپا كامال مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى قوزغاپ، ئەنگىلىيە باشچىلىقىدىكى جاھانگىرلارنىڭ تۈركىيىنى بۆلۈشىۋېلىش قار نىيىتىنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن ئىستانبولنى ۋاقىتچە تاشلاپ چىقىپ، ئىنقىلابنى باشقا رايونلاردا يالقۇنجىتىپ، خەلقنى تەشكىللەپ قوزغىغان ھەم ئۇلارغا رەھبەرلىك قىلغان، ئاخىرىدا ئەنقەرەنى پايتەخت قىلىپ تاللىغان.

ئەتىسى ناشتىدىن كېيىن يەنە يولغا چىقتۇق. ئەنقەرە كوچىلىرىدا كېتىپ بارىمىز، يېتەكچىمىز ئايدىن ئەپەندى بىزگە ئاپتوبۇستا كېتىۋېتىپلا: «ئاۋۇ كۆرۈنۈپ تۇرغان ھۆكۈمەت بىناسى، ئوڭ يېنىمىزدىكى مەركىزى مەيدان، بۇ مەيداندا دائىم دېگۈدەك ھەر خىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى، خاتىرە كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىلىدۇ» دەپ چۈشەندۈرۈپلا قويدى. بىزنىڭمۇ تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشىمىزغا ئىمكانىيەت بولمىدى.

ــ ئايدىن ئەپەندى، سىزدىن بىر سوئال سورىغىمىز كېلىۋاتىدۇ، 2 -3 كۈندىن بېرى بىز ئىستانبولدىن تارتىپ ئەنقەرەگىچە بولغان كوچا، دۇكان، ئىگىز بىنالاردا لەپىلدەپ تۇرغان تۈركىيە دۆلەت بايرىقىنى كۆپ ئۇچراتتۇق، بۇنداق قىلىشنىڭ قانداق مۇھىم ئەھمىيىتى بار؟ دەپ سورىدۇق.

ئايدىن ئەپەندى، ئىنتايىن ئىپتىخارلانغان ھالدا كۈمسىرگىنىچە:

ــ تۈركىيە خەلقى ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدۇ، بايراق بولسا ئۆزىنىڭ سۆيگۈسىنى، ۋەتەننى ئۇلۇغلاشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى. تۈركىيە خەلقى ھەر قانداق بىر مۇھىم كۈنلەردە يەنى ھېيت – بايرام، توي – تۆكۈن، قىزلارغا چاي ئىچكۈزۈش، ئوغۇللارنى ھەربىي سەپكە ئۇزۇتۇش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بولسۇن، دۆلەت بايرىقىنى ئېسىپ، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەر  قولۇم – قوشنىلىرىغا ئۆز ئائىلىسىنىڭ خوشاللىقىنى بىلدۈرىشىدۇ. دەپ چۈشەندۈردى.

مەن بۇ خىل خوشاللىقنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىر مىللەتنىڭ ساپاسىنى ياكى ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى كۆرسىتەمدۇ – قانداق دەپ ئويلىنىپ قالدىم!؟ تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى بايراق قاداپ بىلدۈرۈشنىڭ  مەنىسىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇرلىقىنى، بۇنداق ئۇسۇلنىڭ  ھەر بىر پۇقرا ئۈچۈن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدىغان بىر خىل ئەمەلىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم ھەم ئۇلارغا ھەۋەس قىلدىم.

 

بىزگە يامغۇر ئارام بەرمەيۋاتاتتى. شۇنداق بولسىمۇ تۈرك ئاتىسى مەقبەرىسى خاتىرە سارىيىغا يېتىپ كەلدۇق.

ئاتا تۈرك مۇستاپا كامال ۋاپاتىدىن كېيىن 15 يىل ئۆتكەندە ئەسلىدىكى مۇتەبەررەگ دىكى ۋاقىتلىق قەبرىسىدىن 1953 – يىلى 10 نويابىردا بۈگۈنكى ئەنقەرە تەۋەلىگىدىكى ئەڭ ئىگىز تۆپىلىك رەشاد تەپەدە يېڭىدىن ياسالغان خاتىرە قەبرىسىگە قويۇلغان*

*يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامىنىڭ «مۇستاپا كامال» رومانىدىن ئېلىندى.

بىز تاراسلاپ يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي كەڭ كەتكەن «تاندۇغان» يەنى تاڭ تۇغقان مەيدانىدىن يۈگۈرۈشىپ خاتىرە موزىيىنىڭ ئىچىگە كىردۇق. يېتەكچى ئايدىن ئەپەندى ئاتا تۈرك مۇستاپا كامالنىڭ ھاياتى توغرىسىدا قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتتى.

تارىخ ــ ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە ئۇلار ئېلىپ بارغان كۈرەشلەرنىڭ خاتىرىسى. تارىخ پۈتمەس – تۈگىمەس بىلىم خەزىنىسى.

بىز «دۇنيانىڭ 5000 يىلى» ناملىق تارىخىي ھېكايىلەر يېزىلغان، كىتابقا كىرگۈزۈلگەن مۇستاپا كامال مەقبەرىسى ئىچىگە كىرىپ باشقىچە تەسىراتقا ئىگە بولدۇق.

«ئاتا تۈرك» مۇستاپا كامالنىڭ ئەسلى ئىسىمى مۇستاپا. 1881 – يىلى 19 – مايدا ھازىر گرىتسىيەگە تەۋە بولغان سلانىك دېگەن جايدىكى ھاللىق ئائىلە ھېسابلىنىدىغان ئەلى رىزا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مۇستاپا 11 ياشقا كىرگەن يىلى ئاتىسىدىن ئايرىلغان. مۇستاپا ئاتىسىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغاندىن كېيىن شۇ يەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقىدى. ھەربىي بولۇش ئىستىكى كۈچلۈك بولغاچقا ھەربىي ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىدى. ئوقۇتقۇچىسى ئارىسىدا مۇستاپا ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ، بىر كۈنى مۇستاپانى چاقىرتىپ: «ئوغلۇم، سېنىڭ ئىسىمىڭ بىلەن مېنىڭ ئىسىمىم ئوخشاش بولۇپ قاپتۇ. ئىككىمىزنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن سېنى مۇستاپا كامال دەيلى» دېدى. «كامال» سۆزى ئەرەبچىدە تونۇلغان، يېتىلگەن، پىشقان دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، كىچىك مۇستاپا ماتىماتىكىغا ئالاھىدە ئۇستا بولغانلىقتىن «كامال» نامىنى ھەدىيە قىلغان*

* يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامىنىڭ «مۇستاپا كامال» ناملىق رومانىدىن ئېلىندى.

مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى 1923 – يىلى غەلبە قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە ئالىي مىللىي كېڭەشىنىڭ بىردەك ماقۇللىشى بىلەن ئۇنىڭغا «ئاتا تۈرك» فامىلىسىنى بېرىشنى قارار قىلغان. بۇ فامىلىنىڭ مەنىسى «دۆلەت ئاتىسى» دېگەنلىك بولۇپ، مۇستاپا كامالنىڭ تۈركىيە تارىخدا نەچچە ئەسىر ھۆكۈم سۈرگەن «ئوسمانلى سۇلتانلىقى» نى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن بېرىلىگەن ئەڭ ئالىي، ئەڭ شەرەپلىك نام ئىدى.

مۇستاپا كامال ئەسلىدە ئوسمانلى سۇلتانلىقى ئىلتىپات قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھەربىي ئۈنۋان ئالغان كىشى ئىدى. 1 – دۇنيا ئۇرۇشى بولغان مەزگىلىدە ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى زۇۋاللىققا يۈزلەنگەن بولۇپ، ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر تىل بىرىكتۈرۈپ، تۈركىيەنى خۇددى ئىگىسىز قالغان لوق گۆشنى تالاشقاندەك يۈتۈۋالماقچى بولغاندا، مۇستاپا كامال دۆلەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدە قان كېچىپ جەڭ قىلغان. نۇرغۇنلىغان ئوردىنلارغا ئېرىشكەن گېنرال ئىدى. لېكىن ئوسمانلى ئېمپىرىيىسى ئىچكى جەھەتتىن چىرىكلىشىپ پارچىلانغان، تاشقى جەھەتتە چەت ئەللەرگە بېقىندى ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقتىن تاجاۋۇزچىلارغا تاقابىل تۇرغۇدەك ماجالى قالمىغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان. پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن ئەنگىلىيە باشچىلىقىدىكى گىرىتسىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى كېڭەش چاقىرىپ تۈركىيە زېمىنىغا يوپۇرۇلۇپ كەلگەن.

موزىي ئىچىدىكى مودېل، سۈرەت، ماي بوياق رەسىملەردە مۇستاپا كامالنىڭ تۈرك خەلقىگە مۇراجەت قىلىۋاتقان نۇتۇقلىرى ئالاھىدە گەۋدۈلەندۈرۈلگەن ئىدى. يوغان بىر تامنى بىر پارچە جەڭ مەيدانى تەسۋىرلەنگەن ماي بوياق رەسىمى ئىگىلىگەن بولۇپ، تام رەسىمدىكى جەڭ مەيدانى بىلەن يەردىكى خەندەكلەر، ئۇرۇش خارابىلىرى، يارىدار ئەسكەرلەر بولۇپمۇ مىللىي قەھرىمان «سىيىت 10 بېشى» نىڭ 275 كىلوگىراملىق توپ ئوقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان كۆرۈنۈشى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ كۆرۈنۈشكە يەنە گۈمبۈرلىگەن ئوق ئاۋازى، ئىس – تۈتەك پۇراقلىرى قوشۇلۇپ، ئۆزىڭىزنى خۇددى ئۇرۇش مەيدانىدا تۇرغاندەك ھەتتا ئېتىلىۋاتقان ئوقلارنىڭ قەيەردىن ئۇچۇپ كېلىپ تېگىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قورقۇنچ ئىچىدە قالىدىكەنسىز. مانا بۇ مۇستاپا كامال قوماندانلىق قىلغان جەڭلەر! موزىيدىكى ھەر بىر بۆلۈمچىگە كىرسىڭىز مۇستاپا كامالنىڭ ئەينى چاغدىكى نۇتۇقلىرى ياڭراتقۇلاردىن جاراڭلاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلەۋاتقان ھالەتلىرى، ئۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى، ئىشلەتكەن خاتىرە، قورال، ئوردىنلىرى، ھەربىي فورمىلىرى ئۆز ئەينى ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ.

تاملارغا ئېسىلغان يوغان – يوغان ماي بوياق رەسىملەر 1:1 نىسبەت بويىچە سىزىلغان بولۇپ، مىللىيچە كىيىم كېيىۋالغان ياش ئاياللارنىڭ كالا ھارۋىسى بىلەن ئۇرۇش لاۋازىمەتلىرىنى توشۇۋاتقان، ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنى، ئانىلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇرۇشلارغا ئۇزىتىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ئىنتايىن تەسىرلىك ئىپادىلەنگەن.

مۇستاپا كامال ــ شۆھرىتى ئالەمگە مەشھۇر بولغان ئۇرۇشلارغا قوماندانلىق قىلغان ئىسمى – جىسمىغا لايىق «تۈرك ئاتىسى»، ھەربىي مۇتەخەسسىس بولۇپ، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان ئۇلۇغ بىر ئىنسان.

1915 – يىلى ئاپرېلدا باشلانغان داردانىل بوغۇزىنى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان چاناق قەلئە ئۇرۇشى 1916 – يىلى يانۋارغا قەدەر داۋاملاشقان. بۇ ئۇرۇشتا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىن ئەنگىلىيە 214 مىڭ ئادىمىدىن، فىرانسىيە 47 مىڭ ئادىمىدىن ئايرىلدى. بۇ قېتىملىق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى تەبىئىي ئاپەتلەر تۈركىيە ئارمىيىسىگىمۇ يۈز خاتىرە قىلمىدى. نويابىر ئايلىرىدىكى بوران – چاپقۇن، قار يامغۇر، مۆلدۈرلەر خەندەكلەرنى تىندۈرىۋەتكەن بولۇپ، 500 ئادەم خەندەك ئىچىدىكى لاي –لاتقۇلاردا تۇنجىقىپ ئۆلگەن، 5000 ئادەم مۇزلاپ قېتىپ، ئاغرىپ ئۆلگەن. *

بۇنداق رەھىمسىز تالاپەتلەر تۈركىيە خەلقىنى تىز پۈكتۈرەلمىدى شۇنداقلا مۇستاپا كامالنىڭ ئىرادىسىنىمۇ تەۋرىتەلمىدى.

*سانلىق مەلۇماتلار يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامىنىڭ «مۇستاپا كامال» رومانىدىن ئېلىندى.

مۇستاپا كامال ئىستانبولدىكى سۇلتانلىق ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قاتتىق تەقىپلىرى، جەمئىيەتنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيىتى تۈپەيلىدىن سۇلتان ئىلتىپات قىلغان ئەڭ ئالىي گېنىراللىق ئىمتىيازدىن ۋاز كېچىپ، ئىستانبولدىن يەنى سۇلتاننىڭ كۆز – قۇلاقلىرىدىن يىراق جاي بولغان ئانتاليادا مىللىي مۇستەقىللىق تەشكىلاتىنى قۇردى. تۈرك خەلقىنىڭ ھايات –ماماتلىقى، ئەركىنلىكى، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىشنى نەدىن باشلاش، نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا پىكىرداشلىرى بىلەن ئەتراپلىق پىلان تۈزدى.

مۇستاپا كامال ــ ھەربىي مۇتەخەسسىس ئىدى. مىللىي مۇستەقىللىق ئۈچۈن قان تۆكمەي بولمايتتى. بۇ چاغدا يەنى 1920 – يىلى ئاۋغۇست باشلىرىدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ پىلانلىشى ئارقىسىدا تەڭسىز بولغان سېۋىر شەرتنامىسى ئىمزالاندى. بۇ شەرتنامىگە يالغۇز تۈركىيە بىر تەرەپ، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، بىلگىيە، گىرىتسىيە، ھىجاز، پولشا، پورتىگالىيە، رومىنىيە، يۇگۇسلاۋىيە، چىخ – سلوۋاكىيە، ئەرمىنىيىدىكى داشناق پارتىيىسى باشلىقلىرى بىر تەرەپ بولۇپ قاتناشقان. بۇ شەرتنامە بويىچە بولغاندا تۈركىيە پەقەت قورالسىزلاندۇرۇلۇپ ئەنقەرە بىلەن قارا دېڭىز ئارلىقىدىكى كىچىككىنە بىر جاي باشقۇرۇشىغا قالدۇرۇلغان ھەم باشقىلارنىڭ قاراملىغىدا ياشىشى كېرەك دېيىلگەن. دېمەك، تۈركىيەنىڭ تەقدىرى قىل ئۈستىدە قالدى، مۇستاپا كامال ئاشۇنداق تەڭسىز شەرتنامىگە قەتئىي قارشىلىق كۆرسىتىشى تۇرغان گەپ.

1921– يىلغا كەلگەندە يېڭى قۇرۇلغان تۈركىيە ئارمىيىسى 15 مىڭ جەڭچى بىلەن ئىئونو دېگەن جايدا گىرىتسىيەنىڭ 60 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى تارمار قىلدى.

ساكارىيا دەرياسى بويىدا ئۆزلىرىنىڭ بەرباد بولغان شېرىن چۈشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ۋاز كەچمىگەن گىرىتسىيە ئارمىيىسى 96 مىڭ ئەسكەر، 5600 دانە پىلموت، 345 دانە زەمبىرەك بىلەن تولۇق قوراللىنىپ، تۈركىيىنىڭ 51 مىڭ ئەسكەر، 440 دانە پىلموت، 162 دانە زەمبىرىكى بار بولغان قوشۇنىغا جەڭ ئېلان قىلدى. تۈركلەرنىڭ ئاتلىق قوشۇنى سەل – پەل كۈچلۈكىرەك بولۇپ، 4727 چەۋەنداز، گىرىكلەرنىڭ 1300 چەۋەندازى بار ئىدى. مۇشۇنداق ھالقىلىق جىددىي ۋەزىيەتتە مۇستاپا كامالنىڭ قوماندانلىقى ئارقىسىدا ئۇرۇشنى 17 كۈن داۋاملاشتۇرۇپ غەلبە بىلەن ئاخىرلاشتۇردى. بۇ غەلبە مۇستاپا كامالنىڭ شۆھرىتىنى پۈتكۈل دۇنياغا تونۇتتى. مانا بۇ تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئۇخلىماي كۆرگەن چۈشلىرىنى بۇزىۋەتكەن داڭلىق «ساكارىيا ئۇرۇشى».

مۇستاپا كامال ــ تارىختا ئۆچمەس سەھنىلەرنى يازدى. مەيلى ئۆز ۋەتىنى، ئۆز خەلقى بولسۇن، مەيلى جاھانگىرلار بولسۇن ئۇنىڭ يۈكسەك جاسارىتى، قابىلىيىتىگە قايىل بولماي تۇرالمىدى.

مۇستاپا كامال زۇڭتوڭ بولۇپ سايلانغان كۈنى بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن:    «سىز ۋەتەننىڭ تەقدىرىنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭىز، سىز ئەمدى نېمە ئىشلارنى قىلماقچى؟» دەپ سورىغان سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «بەزىلەر ئۇرۇش تۈگىدى، ئەمدى مەقسىتىمىزگە يەتتۇق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر باشلىنىش، بىزنىڭ ھەقىقىي ئىشىمىز ئەمدى باشلاندى!» دەپ جاۋاب بەرگەن. «ھەقىقىي ئىش» ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى، تۈركىيەنى گۈللەندۈرۈشنى كۆرسىتەتتى. تۈرك ئاتىسى ئىسلاھاتنى يېزىقتىن باشلىدى. نەچچە ئەسىر ئىشلەتكەن ئەرەب يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئاندىن ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ دۆلەت باشقۇرۇشتىكى «شەيخولئىسلام» يەنى دۆلەتنى دىن بىلەن باشقۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دىن بىلەن ھۆكۈمەتنى ئايرىۋەتتى. بۇ ھەرگىز دۆلەتنى دىنسىزلاشتۇرۇش ئەمەس بەلكى ئىسلام دىنىگە مۇخالىپ كېلىدىغان تەشكىلات –گۇرۇھلارنى بىكار قىلىش ئىدى. ئالايلۇق: تەسەۋۋوپچى سوپىلار، تەرىقەت سۈلۈكلىرى تاقىتىلدى. پائالىيەتلىرى مەنئىي قىلىندى. مال –مۈلۈكلىرى مۇسادىر قىلىندى. خانىقالار تاقىۋېتىلدى. دۇئا – تىلاۋەت قىلىش ئورۇنلىرى تاقىتىلدى. شەيخ، سوپى – ئىشان، مورت، مۇخلىس، دەدە، سەئىد، چەلەب، بابا، ئەمىر، ناكىپ، خەلپەت، پالچى، سېھرىگەر، داخان، پىرخون، باخشىلار بىلەن تۈركىيە بىراقلا خوشلاشتى. بۇ ئىسلاھات يۇقۇردىكى تەشكىلات، كەسىپلەرگە ئەجەللىك زەربە بولدى. دوستلار كۈلدى، دۈشمەنلەر يىغلىدى. لېكىن تارىخ چاقى توختاۋسىز ئالغا قاراپ ماڭدى. بۈگۈنكى تۈركىيە بارلىققا كەلدى. ھازىر تۈركىيەدە %99 كىشى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. دىنىي ئەركىنلىك ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

 

كونيا

بىز مۇستاپا كامالنىڭ مەقبەرىسىدىن ئايرىلىپ كونياغا يەنى كىچىك ئاسىياغا قاراپ يول ئالدۇق. چەكسىز كەتكەن بۇغداي ئېتىزلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ ئالغا قاراپ كېتىۋاتاتتۇق. بۇ جاي تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇغداي ماكانى دېيىلىدۇ. قوڭۇر رەڭلىك ئېتىزلاردا بۇغدايلار ئورۇلۇپ بولغان بولسىمۇ، مۇنبەت تۇپراق ئىكەنلىكى مانا مەن دەپلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

كونيا يەنە تۈركىيەنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىمۇ دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى بۇ يەردە چوڭ بىر ناخشا – ئۇسسۇل ئانسانبىلى بار بولۇپ، پۈتكۈل تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ناخشا – مۇزىكا ئورۇنلىشىغا ئېچىۋەتكەن.

چۈشلۈك تاماق يېيىش ئۈچۈن بىز بىر ئۆتەڭدىكى ئاشپۇزۇلغا كىردۇق. بۇ يەر بىزگە بىر ئاشپۇزۇل ئەمەس خۇددى بىر قەدىمىي قەلئەدەكلا كۆرۈندى. يوغان دەرۋازىدىن كىرگىنىمىزدە ئوڭ تەرەپكە زامانىۋىي تازىلىق ئۆيلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. ئۆتەڭلەردىكى تازىلىق ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسىگە شەھەرلەردىكىگە ئوخشاش ئىستىنجا قىلىش قۇرۇلمىسى سەپلەنگەنىدى. ھەيۋەتلىك ياسالغان تاش قەلئە «خورازلى كارۋان سارىيى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئىگىز تاش پەلەمبەيلەر بىلەن چوڭ ئىشىكتىن كىرگىنىمىزدە، كۆزىمىزگە يوغان –يوغان تاش تۆۋرۈكلەر چىلىقتى. ئوتتۇرسى سەھنىدەك ئىگىز كۆتۈرۈلگەن، ئىككى تەرەپتە 2 ــ 3 مېتىر كەڭلىكتە چوڭقۇرراق قېزىلغان بوشلۇق بار ئىكەن. سەھنىدەك كۆتۈرۈپ ياسالغان تاش تۆۋرۈكلەر ئارىلىقىغىمۇ، پەستىكى چوڭقۇر بوشلۇققىمۇ تاماق شىرەلىرى قويۇلۇپتۇ. مۇلازىملار بىزگە بەك قىزغىن مۇئامىلە قىلدى. بىزنى ئېزىز مېھمانلار ئورنىدا كۆردىمۇ ياكى ئورۇن يوق شۇنداق قىلدىمۇ سەھنە شەكلىدە كۆتۈرۈلۈپ ياسالغان قاتار تۆۋرۈكلەر ئارىسىغا قويۇلغان شىرملەر ئارىسىغا ئورۇنلاتۇرۇلدۇق. بۇ ساراينىڭ تورۇسلىرى بەك ئىگىز، پەنجىرلىرى تار ھەم ئىگىز ياسالغان بولۇپ، ناھايىتى كۆپ ئىكەن. تاماق كەلتۈرۈلگىچە يېتەكچىمىز بۇ كارۋان ساراينى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى:

ــ بۇ كارۋان ساراي 13 –ئەسىردە يەنى 1200 ـ يىللىرى سالجۇقىلار دەۋرىدە ياسالغان بولۇپ، ۋەخپە ساراي ھېسابلىناتتى. ئۇ دەۋرلەردە سالجۇقىي دۆلىتىنىڭ خاقانلىرى بىرەر ئولىما ياكى بىرەر دۆلەت ئەربابى خىزمەت كۆرسىتىپ تۆھپە ياراتقان بولسا، ئۇلارنى تارتۇقلاش يۈزىسىدىن مەسجىد ياكى مەدرىس، كارۋان ساراي ياساشقا پۇل (ئالتۇن – كۈمۈش) ئاجىرتىدىكەن. بۇ سارايمۇ شۇنداق ياسالغانىكەن.

بۈگۈنكى كۈندە بىرىنچىدىن، بۇ ساراينى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىش ئىككىنچىدىن، پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۆتەڭ ئاشخانىسى قىلىۋالغان.

ــ قېنى ئەمىسە، تائاملاردىن ھۇزۇرلانغايسىلەر دېدى يېتەكچىمىز. چۈشلۈك تامىقىمىز ئادەتتىكىدەك بولسىمۇ قورساقنى تويغۇزىۋالدۇق.

مەن پېشىن نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ساراينىڭ ئىچكىرسىدىكى خانىلارنى قىزىقىپ كۆرۈپ چىقتىم. ئىچكىرىدە چوڭ – كىچىك خانىلەر كۆپ ئىكەن. ئەينى زاماندا گۈللەنگەن سالجۇقىيلار زېمىنىدا پۈتكۈل دۇنيادىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ سىمالىرى كۆز ئالدىمدا كۆرۈنگەندەك بولدى. سودىگەرلەرنىڭ كىچىك خانىلارغا سېلىنغان ئېسىل گېلەملەردە ئولتۇرۇپ سودىلىشىشى، ئۇلارنىڭ تىللا – كۈمۈشلەرنى قولدىن – قولغا ئۆتكۈزىۋاتقان چاغدىكى جىرىڭلاشلىرى، تاۋار –دۇردۇن، دۇخاۋا – كىمخاپلارنى توپى – توپى بىلەن ساناپ ئۆتكۈزىۋاتقان چاغدىكى شىرىلدىغان ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغەندەك، غەربنىڭ پۇراقلىق دورا – دەرمەكلىرىنىڭ دىماققا ئۇرۇلغان ئۆتكۈر پۇراقلىرىنى پۇرىغاندەك تۇيغۇغا كەلدىم. بۇ خىياللىرىم ھازىر كاللامدىن كەچكەن بىلەن، ئەسلى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار ئىدى. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئاشخانا مەركىزى قىلىنغان سەھنىدەك كۆتۈرۈلگەن جاي ئۆز ۋاقتىدا بەلكىم كارۋانلارنىڭ تۈرلۈك –تۈرلۈك ماللىرى يامغۇر يىشىنلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياسالغاندەك تۇراتتى.

تارىخى يازمىلاردىن بىلىشىمچە، مۇشۇ كاۋان سارايلار سالجۇقىلار (ئوغۇز ئەۋلادى سالجۇقبەگ، ئوغۇزلارنى باشلاپ غەربكە كۆچكەن. ئۇنىڭ نەۋرىلىرى دۆلەت قۇرغاندا بوۋىسى سالجۇقبەگنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، دۆلەت نامىنى سالجۇقىلار دۆلىتى دەپ ئاتىغان* ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە بۇ مۇنبەت تۇپراقنىڭ نەقەدەر سەلتەنەت سۈرگەنلىكى، راۋاج تاپقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەس.ئاشۇ زامانلاردا تۈركلەر پۈتكۈل دۇنيادا 160 تىن ئارتۇق دۆلەت قۇرغان بولۇپ، بىر كۆرۈۋاتقان كونيا سالجۇقى دۆلەتلىرىنىڭ پايتەختى ئىدى.

*«جالالىدىن رومى» رومانىدىن ئېلىندى  

تاشقىرىغا چىقىپ چەكسىز دالىلارغا نەزەر سالدىم. يىراقتىن كارۋان قوڭغۇرىقىنىڭ مۇڭلۇق ساداسى قۇلاق تۈۋۈمدە ئاڭلانغاندەك، كارۋان توپىنىڭ ئالدىدا كېلىۋاتقان ئاتلىقلار، ئاتلارنىڭ ئۈستىدىكى چىرايلىق ئىگەر – جابدۇقلار، نوقتىلىرىغا ئېسىلغان قىزىل رەڭلىك پۆپۈكلەر، زىلچە يوپۇقلار، چاپچىپ تۇرغان چىلان تورۇق، قارا يورغا، چىپار ئاتلار… … كېلىۋاتقان كىشىلەر بەقەسەم تونلارنى كېيىشكەن، ئاپئاق كۆڭلەكلەر ئۈستىدىن بەللىرىگە كەشتىلەنگەن پوتىلارنى باغلاشقان، پۈتلىرىغا ئۇچلۇق ئۆتۈكلەرنى كېيىپ، باشلىرىغا چوقچۇيۇپ تۇرىدىغان قارا كۆرپە تۇماقلارنى كېيىشكەن كشىلەرمۇ نېمە؟ ئۇلار مېنىڭ ئەجدادلىرىم بولمىسۇن يەنە!؟…كارۋان ساراينىڭ قارىسىنى كۆرگەن ئاتلار كىشنەشكە، تۆگىلەر شاللىرىنى چاچىرتىپ، پىرقىشقا باشلىدىمۇ نېمە؟… يەنە تېخى تۆگىلەرنىڭ ئۈستىدە سايىۋەنلەر كۆرۈنىدىغۇ؟ سودىگەرلەرنىڭ ئارىسىدا بەلكىم كۆچمەن ئائىلىلەرنىڭ ئانا – بالىلىرىمۇ بارمۇ قانداق؟… خىيالىمدىكى بۇ مەنزىرىلەر خۇددى كىنو كارتىنىسىدەك كۆز ئالدىمدىن بىر – بىرلەپ ئۆتمەكتە ئىدى.

تارىخىي كىتابلاردا بايان قىلىنىشىچە بۇ ئاۋات ماكانغا ئاچكۆزلۈك بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن چىڭگىز قوشۇنلىرى نەچچە ئون يىللار قايتا – قايتا تاجاۋۇز قىلغان ئەمەسمىدى؟ ئەنە قاراڭ، ئاۋۇ يىراقتىن چاڭ –توزان توزۇتۇپ كەلكۈندەك يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ئاتلىقلارغا! ئۇلار قېلىچلىرىنى ئوينىتىپ، قىقاس –چوقان سالغىنىچە ئېچىرقاپ كەتكەن بۆرىلەردەك كەلمەكتە. ئۇلار نېمىگە ئېرىشمەكچى بولغاندۇ، نېمىگە شۇنچە ئالدىرايدىغاندۇ؟ ئۇلارنىڭ ئالدى – كەينىدە چاكلىرى بار تونلىرى پايراقتەك لەپىلدەپ، ياپىلاق يۈزلىرىگە ياراشقان قىيسىق كۆزلىرى قانغا تولغان، بىر قولىدا ئاتنىڭ تىزگىنىنى تۇتسا، يەنە بىر قولىدا قېلىچلىرىنى پۇلاڭلىتىپ ئالدىغا ئۇچۇرغاننى ئۇر – چاپ قىلىپ، بويسۇنمىغانلار ياكى قاچقانلارنىڭ شىللىسىگە مىنىپ كەلمەكتە. چۈنكى ئۇلارغا ئات بېقىش ئۈچۈن يايلاق كېرەك ئىدى. ئالدىغا ئۇدۇل كەلگەن ئېتىزلىقلارنى پايخان قىلاتتى، خانىم – قىزلارنى ئاياق ئاستى قىلىپ ياكى قۇللۇققا تۇتىۋالاتتى. قېرى – ئاجىزلارنى ئۆلتۈرۈپ، ياش، قاۋۇل، ھۈنەرۋەنلەرنى ئالدىغا سېلىپ ئېلىپ كېتەتتى. خانىم – قىزلار موڭغۇللارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشتىن قورقۇپ ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس ئىدى. چىڭگىز قوشۇنلىرىنىڭ ئۈستى – ئۈستىلەپ تاجاۋۇز قىلىشلىرى پۇقرالارنىڭ ياشاش ئىمكانىيىتىنى قويمىغانىدى. كونيا زېمىنىدىكى ئوغۇز ئەۋلادلىرى (خاقانلىرى) مۇڭغۇللارنىڭ زۇلۇمىدىن پۇقرالارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قىلمىغان چارىلىرى قالمىغان. ئەينى زاماندا كونيا قوشۇنلىرىنىڭ مىللەت چەكلىمىسى ھەم دىن ئايرىمىسى يوق بولۇپ، ھەر قانچە قىلىپمۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلالمىدى. قوشۇننى كۈچەيتىش ئۈچۈن پۇقرالارنىڭ سېلىقى ئېشىپ كەتتى. سالجۇقىلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى زېمىنلار ئىچىدە ئۇزاق مۇددەت تىركەشتى.

مۇڭغۇل ئىستىلاچىلىرى 1243 – يىلغا كەلگەندە كونيانى ھالەك قىلدى.

ئۆزۈمنىڭ خىياللار ئىلكىدە ئەمەس، بەلكى تارىختىكى مەنزىرىنى ئەمەلىيەتتە كۆرگەندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم. قەدەملىرىم ئېغىرلىشىپ، كۆزلىرىم ئۇرۇش تۇمانلىرى ئىچىدە غۇۋالاشقاندەك بولۇپ قېلىۋاتاتتى.

بۇ بىر تارىخ. تارىخنى ئىنسانلار يارىتىدۇ، ئىنسانلار يازىدۇ. خىيال كەپتەرلىرىم قايتىپ كەلمىدى. تۇرۇپلا كونيادا ياشىغان سالجۇقى دۆلىتىنىڭ پۇقراسى «جالالىدىن رومى» نىڭ خاتىرە موزىيىغا يېتىپ كەلگىنىمىزنى تۇيماي قاپتىمەن.

بۇ بىر گۈمبەزلىك مەسجد بولۇپ، ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن يېتەكچىمىز «جالالىدىن رومى» نى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى:

ــ جالالىدىن رومى 13 – ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر مەسنەۋىي شائىرى، ئالىم، ئۇستاز. بۇ ئۇلۇغ زات كونيادا يېرىم ئەسىر ياشىغان. ئۇ 1207 – يىلى خۇراساننىڭ بەلخ شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، 12 يېشىدا كونياغا كۆچۈپ كەلگەن.   1273 – يىلى كونيادا ئالەمدىن ئۆتكەن. پۈتكۈل ھاياتىدا 31 مىڭ مىسرادىن ئارتۇق مەسنەۋى يازغان. ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن «دىۋانى كەبىرى» تەخمىنەن 44 مىڭ مىسرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 2703 غەزەل كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا پەلسەپەۋى، لىرىك تۆتلۈك شېئىر، رۇبائىيلىرى 4000 مىسرادىن ئاشىدۇ.

شائىرنىڭ شېئىرى ئەسەرلىرىدىن باشقا «نۇتۇقلار»، «سۆھبەتلەر» ۋە كىشىلەرگە يازغان مەكتۇبلىرى بولۇپ 140 پارچە ئەسىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

مۇتەپپەككۇر ئالىم جالالىدىن رومى پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنى يەنى مىللىتى، ئىرقى، دىنى تەبىقىسىدىن قەتئىي نەزەر ھەممە كىشىنى ئۆز يېنىغا چاقىرغان، باراۋەرلىكنى ئالغا سۈرگەن بىر كامىل ئىنسان.

مەن بۇ موزىيدىكى بەقەسەم تونلارنى، ئۇزۇن ھەم ئاق يېتەكلەرنى كېيىپ، بەللىرىگە قىزىل پوتىلارنى باغلىغان، باشلىرىغا ئىگىز قارا تۇماقلارنى كىيىشىپ چۆرىدەپ ئولتۇرۇشۇپ بىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان، قۇرئان ئوقىۋاتقان ھەيكەللەرنى كۆرۈپ ھەيرانلا قالدىم ھەم ئۆزۈمنى خۇددى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېڭىسار، مەكىت، مارالۋېشى ناھىيەلىرىدە تۇرغاندەكلا ھېس قىلدىم. بۇ ھەيكەللەر راست ئادەمدەكلا ياسالغانىدى. بولۇپمۇ  ئېلىكترونلۇق پىرقىراتما ئۈستىدە توختىماي چۆرگىلەۋاتقان ساما ئۇسسۇلى مېنى ھەيرەتتە قالدۇردى. مەكىت دولانلىرى بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟

موزىيدا شائىرنىڭ شېئىرلىرى، قوليازمىلىرىنى كۆردۇق. ئاخىرىدا شۇنى چۈشەندىمكى ــ شائىر ئەسەرلىرىدە  پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ پاراۋەرلىكى ۋە   ئەركىنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىسيانكارلىقىنى دىنىي تون، دىنىي تەلقىنلەرنىڭ توپىسىغا كۆمۈپ ئۆتكەن.

شائىر ئۆمۈر بويى تاشتەك قېتىپ قالغان دىنىي ئەقىدىلەرگە، پىكىر ۋە تۇيغۇلارنى باغلاپ قويىدىغان قائىيدە ـ يۇسۇنلارغا جەڭ ئېلان قىلغان ئىدى.

شائىر ــ قولچىلىقنى، مۇتەسسىپ قاراشلارنى يامان كۆرەتتى. شائىر ــ ئىنسان قەلبى مۆجىزىسىدىن باشقا مۆجىزىگە ئىشەنمەيتتى. بايا بىز كۆرۈپ ئۆتكەن ھەر خىل قىياپەتتىكى ھەيكەللەرگە كەلسەك بۇ بىر نىقاپ خالاس. شائىر ئۆزىنىڭ ئىسيانكارلىقىنى دىنىي پەردىلەر بىلەن نىقاپلاپ كەلگەن. شائىر ئۆز ئىشقىنى (دىنىي ئىشقىنى) ھەقىقەتنىڭ ۋاستىسى دەپ بىلەتتى.

700 يىلدىن بېرى بەزىلەر شائىرنىڭ ئىسيانكار ماھايىتىنى، جاسارىتىنى، خۇدا گۇيلۇق تەلقىنلىرى توپىسى بىلەن بىلەن كۆمۈپ كەلدى. مۇتەسسىپ روھانىلار شائىرنىڭ كۆز قاراشلىرىنىڭ دىنىي لىباسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى گۇمانىستىك مەزمۇنلارنى دىنىي روھتا چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنىشاتتى.

شائىر ــ دىنىي ئولىمالار ئىچىدە «سوپى»، «ئەۋلىيا»، «ئاشىق» دېيىلىپ كەلدى. «سوفى» ئاتالغۇسى ئەرەب تىلىدىكى قوپال توقىلغان يۇڭ رەخت مەنىسىدىكى سوف ئەمەس بەلكى يۇنان تىلىدىكى دانىشمەن مەنىسىدە چۈشۈنىش كېرەك.

 

ھەق ئۈچۈن ئىشىق ئۆلچەم بولار ئىمىش…

ــ جالالىدىن رومى

 

سوۋىت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى رادى فىش يازغان «جالالىدىن رومى» رومانىدا مۇزىكا ۋە سامانى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «مۇزىكا، سۆيۈملۈك راۋاپ جالالىدىنغا ئەقلى بىلەنلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن جىسمى بىلەن ئالەمگە، ئادەملەرگە قوشۇپ ئۆزىنى قۇدرەت ئىگىسى، تەڭرىگە تەڭ ئىنسان ئىگىسى دەپ ھېس قىلىشقا ياردەم بەردى».

جالالىدىن رومى ئۆزىنىڭ ھەققانىي كەسكىنلىكى بىلەن خەلق تەرەپدارى ئىدى. ھەرگىزمۇ ھۆكۈمدارلارنىڭ ئادالەتسىز قانۇنلىرىغا ئۆز پايدىسى ئۈچۈن بىر بۇردا نان ئۈچۈن پەتىۋا چىقىرىدىغان، سۇلتاننىڭ ئايىقىدا ئۆمىلەپ، ئىماندىن ۋەەزنامە ئېيتىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى.

جالالىدىن رومى شائىر بولغىنى بىلەن شېئىرىيەت ھەققىدە ئاز سۆزلەيتتى. شېئىرنىڭ نېمىلىكىنى ئۇقمىسام نېمە سۆزۈم بولغان؟ دېمىسىمۇ ئۇنىڭ شېئىرلىرى بىرەر سەۋەپ تۈپەيلىدىن توقۇلغان شېئىرلار ئىدى. شائىر ھېچقاچان ئوردا شائىرلىرىدەك قاپىيە ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ يۈرمەيتتى. ئوردا شائىرلىرى پادىشاھنى ماختاشنى يورۇقىراق، خوشامەتنى قويۇقىراق، ئوخشىتىشنى يېڭاراق قىلىشى كېرەك ئىدى. *

* «جالالىدىن رومى» دىن ئېلىندى

جالالىدىن رومى ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز قەلبىدىكى ئىسيانكارلىقنى نىقاپلاش ئۈچۈن دەرۋىش، ئاشىق، سوپى تونلىرىنى كىيىپ ساما ئوينىدى. راۋاپ چالدى، داپ چالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەلبى، مېڭىشى ھەر خىل زەنجىر – كىشەنلەردىن قۇتۇلۇپ، ئەركىن پىكىر قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ قەلبىدىن مەسنەۋى شېئىر، رۇبائىي، نۇتۇقلار خۇددى بۇلاق كۆزىدىن بۇلدۇقلاپ چىققاندەك تۆكىلىشكە باشلىدى…

جالالىدىن رومى ــ سالجۇقىلار دۆلىتىنىڭ پۇقراسى ئىدى. پۈتكۈل كونيادىكى ھەممە مىللەتكە، ھەممە دىندىكىلەرگە تونۇش، مەشھۇر بولۇپلا قالماي، پۈتكۈل دۇنياغا مەشھۇر ئىدى. جالالىدىن رومى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى بىر ئىنسان، ھەممىسى باراۋەر بولۇشى كېرەك دەيتتى. ئۇ كىشىلەرگە مۇنداق ھېكىمەتلىك سۆزنى قالدۇرغان:

 

مەردلىكتە دەريادەك بول،

مېھر – شەپقەتتە قۇياشتەك بول،

ئاچچىقلىغاندا ئۆلۈكتەك بول،

كەمتەرلىكتە تۇپراقتەك بول،

خۇش كۆرۈنۈشتە دېڭىزدەك بول،

ئىچىڭ –تېشىڭدا ئوخشاش بول.

ھەر قانچە ئوخشاش بولساڭ، شۇنچىلىك بار بولغىن،

ھەر قانچە بار بولغان بولساڭ، شۇنچىلىك ئوخشاش بولغىن.

ئالدىمدا تۇرسا قاچامدا قېتىق،

جاھان شەربەتلىرى نە كېرەك ماڭا.

گەرچە مەن ئاچ، قىينار ئۇ مېنى،

تېگىشمەسمەن ئەركىمنى قۇللۇق ساڭا.

 

ساياھەتچىلەر ئىنتايىن كۆپ ئىدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ھارۋۇدا ئولتۇرغانلار، ھاسسا تاياق تۇتقانلار، ئىنگىلىزلار، يۇنانلار، گىروزىنلار، بولغارلار، روسلار، فىرانسىيىلىكلەرمۇ بار ئىدى.

بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ تەسىرىدىنمۇ ياكى سېغىنىشىمۇ بىلمىدىم، كونيالىقلار شېئىر ئوقۇش، بېيىت توقۇش، مەسنەۋى يېزىشقا ھازىرغىچە ئىنتايىن ئامراق دېيىشىدىكەن. جالالىدىن رومى ۋاپات بولغاندا پۈتكۈل كونيا ــ سالجۇقى دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرى قوزغۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، سەھەردە يولغا چىققان جالالىدىن رومىنىڭ تاۋۇتى كەچكە يېقىن مەسجىدكە يېتىپ بارالىدى. تاۋۇت كۆتۈرۈشنى تالىشىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن، تاۋۇت يولدا تۆت قېتىم سۇنۇپ كەتكەنلىكتىن جالالىدىن رومىنىڭ يېقىنلىرى ياسىدى. تاۋۇت كۆتۈرگەن ھاپىزلار قۇرئان ئوقۇشاتتى. بىرلىرى تەۋرات ئوقۇشسا، پراۋۇسلاۋ دىنىدىكى روھانىلار ئىنجىلنى ئوقۇشاتتى. ئاشىقلار داپ، راۋاپ چېلىشىپ ئۇسسۇل ئوينىشاتتى.

بەزى ئولىمار غەيرى دىندىكىلەرنى قاتناشتۇرماسلىق تەكلىپىنى بەرگەندە شۇ زاماننىڭ خاقانى مۆئىنددىن  پەرۋانە بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولسىمۇ كار قىلمىغان. ساقچىلار نەچچە قېتىم كالتەكلىرىنى ئىشقا سالسىمۇ پەرۋا قىلىشمىغان.

مانا بۇ، ئۇلۇغ زات جالالىدىن رومىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى شۆرىتىنى، ئابرويىنى نامايەن قىلغانلىقى.

موزىيدىن كۆزۇم قىيمىغان ھالدا توپ – توپ كېلىۋاتقان ئادەملەر توپىغا قارىغىنىمچە خوشلاشتىم. شارىلداپ يېغىۋاتقان يامغۇر بولمىغان بولسا زىيارەتچىلەر قانچىلىك كۆپ بولاتتىكىن؟

 

تاراس تاغلىرى*

كۈن چۈشتىن قايرىلغان بولسىمۇ كونيا ئاسمىنىدا قۇياشنى كۆرەلمىدۇق. نېمە ئامال بار دەيسىز؟ بىز پىلان بويىچە ئالغا قاراپ كېتىۋەردۇق. تاراس تاغلىرى ياپيېشىل ئورمانغا پۈركەنگەن. توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇر تۈپەيلىدىن تاغدىكى قاراغاي، ئارچا، قىيىن دەرخلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرى پارقىراپ خۇددى يېشىل مەخمەلدەك كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئورمان ئارىلىرىغا سېلىنغان چىرايلىق ئۆيلەر يىراقتىن قارىسىڭىز، سىزىپ قويغان رەسىمدەك ۋە ئالاھىدە تىزىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قويۇلغان ئويۇنچۇقلاردەك كۆرۈنەتتى. بۇ دۆلەتنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ، ئەگەر سىز كۆچەت تىكىپ، ئورمان بەرپا قىلسىڭىز سىزدىن ئالىدىغان باجنى كېمەيتىدىكەن. ئادەتتە بىز ۋەتىنىمىزدە جەنۇبىي شىنجاڭغا بارماقچى بولساق ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان قاقاس چۆل – جەزىرىلەرنى، تاغلارنى كۆرۈمىز. پەقەت غۇلجىغا بارغاندىلا تەلكە داۋانىدىكى گۈزەل تاغ تىزمىلىرىنى كۆرۈپ ھۇزۇرلىنالايمىز. قارىسام تاراس تاغلىرى ماڭا تەلكە داۋانلىرىنى ئەسلەتتى. تەلكە داۋانلىرىنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە قايىل بولماي تۇرالمايدۇ.

*بەزى ماتېرىياللاردا «تاراس» دەپ ئاتالغان بولسا، بەزىلىرىدە «تۇرۇس» دېيىلىدىكەن. ساياھەت يېتەكچىمىز بىزگە «تۇرۇس» تاغلىرى دەپ چۈشەندۈردى.

ئايدىن ئەپەندى بىزگە «تاراس» تاغلىرى توغرىسىدا ناھايىتى كۆپ چۈشەنچىلەرنى بەردى. ئېسىمدە قالغىنى پەقەت، «تاراس» تاغلىرىنىڭ قىش كۈنلىرىدىكى مەنزىرىسىڭ ئىنتايىن گۈزەل بولىدىغانلىقى بولۇپمۇ، 1 – ئايلاردا بۇ تاغقا قار چۈشىدىغانلىقى، دەل مۇشۇ پەيتتە بۇ مەنزىرىنى كۆرۈشكە كېلىدىغانلار ساياھەتچىلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكى دېگەن سۆزلىرى بولدى. چۈنكى مەن خىيالىمدا  تەلكە داۋانلىرىدا كېتىپ باراتتىم. يېتەكچىمىز «تاراس» تاغلىرىنى شۇنچە كۆپ تەسۋىرلەپ بەرگەن بولسىمۇ، مەن بۇ تاغلارنى ۋەتىنىمدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرگە زادىلا تەڭ قىلمىدىم.

شوپۇرىمىز تەيپۇل ئەپەندى ھەر 200 ـ 100 كىلومېتىر يول يۈرگەندە بىرەر ئۆتەڭدە ھاردۇق ئالىدىكەن. بىزمۇ بۇ چاغدا پۇت – قوللىرىمىزنى بوشىتىپ، دۇكان ئارىلاپ ئۇيەر – بۇيەرلەرنى كۆرۈپ تۇرىمىز. مۇشۇنداق چوڭ – كىچىك ئۆتەڭلەردىن ئۆتكىنىمدە، يازغۇچىمىز ئەختەم ئۆمەرنىڭ كىتابلىرىنى ئەسلەپ قالىمەن. تۈركىيەنىڭ ئۆتەڭلىرىدە تىجارەت قىلىدىغان كىشىلەر تاپقان –تەرگىنىنى تازىلىققىلا ئىشلىتەمدىكى دەپ قالدىم.

تۈركىيەنىڭ ساياھەتچىلىكتىن كىرىدىغان يىللىق كىرىمى ئومۇمىي كىرىمنىڭ %24 تى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، مەيلى چوڭ شەھەرلەر ياكى يېزا قىشلاقلارغىچە بولسۇن ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن دۇكان – سارايلارنىڭ تازلىقى، مۇھىتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بېرىدىكەن.

بىزدە گۈزەل مەنزىرىلەر ئىنتايىن كۆپ، ساياھەتچىلىكىمىز بولسا ئەمدىلا بىخلىنىشقا باشلاۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن ساياھىتىمىز تەرەققىي تاپمىدى؟

كۆز ئالدىمغا تەلكە داۋانلىرى، سايرام كۆلى بويىدىكى ئۇششاق تىجارەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتلار كېلىشكە باشلىدى. يول بويىدىكى ئازگاللارغا توشۇپ كەتكەن ئەخلەتلەر، سۇلياۋ خالتىلار، ئىچىملىك قۇتۇلىرى، ئەسكى – تۈسكى لاتا –پېتەكلەر، كۆل بويىدىكى مال – چارۋىلارنىڭ تېزەكلىرى، ساياھەتچىلەر مىنىپ يۈرگەن ئات –تۆگىلەرنىڭ  تۇياقلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن قىغ توزۇندىلىرى، كۆل سۈيىدە كىر يۇيۇۋاتقانلار، ياز كۈنلىرى سېسىقچىلىقتا تۇرغىلى بولمايدىغان ھەتتا چىۋىننىڭ كۆپلىكىدىن كۆزنىمۇ ئاچقىلى بولمايدىغان بەتبۇي ھاجەتخانىلار (تېخى بۇ ھاجەتخانىلار ھەقلىق) تىجارەتچىلەرنىڭ يايمىلىرىدىكى مال – باھاسىنىڭ يۇقۇرلىقىنى ئاز دەپ، ئۇلارنىڭ خېرىدارلارغا قىلغان قوپال مۇئامىلىسى، ئۆكتەملىك كىشىنى بىر خىل ياۋايى مەخلۇقلارنىڭ ئارىسىغا كېرىپ قالغاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ تازلىقىدىنمۇ سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

ھازىر شىمالىي شىنجاڭدىكى خېلى كۆپ يەرلەردە ئۆتەڭ ھاجەتخانىلىرى بىر ئاز ئىلغارلىشىپ قالدى. ئەمما دىيارىمىزنىڭ باشقا جايلىرىغا قىش كۈنلىرى بېرىپ قالسىڭىز نىجاسەت دۆۋىلىرى زۇمچەك – زۇمچەك دۆۋىلەنگەن، سۈيدۈكلەر مۇز تۇتۇپ، دەسسىگىدەك يەر قالمىغىنىنى كۆرىسىز. ئەگەر خالىيراق جاي بار دېيىلگەندىمۇ چوڭقۇر ھاڭدەك كولىنىپ، ئۈستىگە لىڭشىپ تۇرىدىغان تاختايلار قويۇلغان، تاملىرى شاخ – شۇمبىلار، ئۆتمە  تۆشۈك بولۇپ كەتكەن كونا بورىلار بىلەن توسالغان بولىدۇ. ھېلىقى چوڭقۇر كولانغان ھاجەتخانىلارنىڭ نەچچە يىلدا بىر تازلىنىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيسىز. شۇڭلاشقا خېلى يىراقتا تۇرۇپمۇ نىجاسەت پۇرىقىنى پۇراپ تۇرىسىز.

دېمىسىمۇ «جۇڭگودا ھاجەتخانىنى پۇراپ تاپىسىز، چەت ئەللەردە سوراپ تاپىسىز» دېگەن سۆز بىكارغا چىقمىغان.

بىز كۆرۈپ تۇرغان بۇ دۆلەتتىكى ئۆتەڭلەرنىڭ، ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەلمۇ، جەلپكارمۇ؟

ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى پاكىزلىقتا، ئۇلارنىڭ ئىناۋەت تېپىشى قىزغىنلىقتا، ئۇلارنىڭ روناق تېپىشى بىرلىكتە، ئۆملۈكتە دېگەن ھاسلاتقا ئىگە بولدۇم.

يېتەكچى ئايدىن ئەپەندى تاراس تاغلىرىنى شۇنچىلىك قىزغىن، شۇنچىلىك زوقمەنلىك بىلەن سۆزلەپ بېرىۋاتىدۇ. دېمەك، بىرەر نەرسىنى، شەيئىنى ياكى شەخسنى گۈزەل، دىيانەتلىك كۆرسىتىشمۇ بىر سەنئەت. بىزنىڭ دىيارىمىزدىكى تەلكە داۋانلىرى، نارات تاغلىرى، توققۇزتارا تاغلىرى مەن نامىنى يازمىغان سانسىزلىغان گۈزەل مەنزىرىلەرگە قارىسىڭىز ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايسىز. ئەمما بىزدىكى شارائىت ساياھەتچىلەرنى بىرزار قىلىپ قويۇشى تۇرغان گەپ. تەلكە داۋانلىرىدىن سېرىلىپ تاغ ئىچىگە كىرسىڭىز، تاغ چوققىلىرىدا بىخارامان ئوتلاۋاتقان قوي – كالىلارنىڭ مەرەشلىرىنى، تاغ قاپتاللىرىدا ئېچىلىپ كەتكەن رەڭگا-رەڭ گۈللەرنى، زۇمرەت كەبى دەريا، شارقىراتمىلارنى كۆرىسىڭىز ئۇلارنى «جەننەت» دەپ تەسۋىرلىسەكمۇ يېتەرلىك بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭىدىن ياسالغان مۇئەللەقتىكى تىلسىماتتەك كۆۋرۈكلەر، تاغ ئۆتۈشمىلىرى ئەسلى بار بولغان مەنزىرىلەرگە تېخىمۇ جەلىپ قىلارلىق ھۆسن قوشۇپ، ئاجايىپ بىر تەسۋىرلىگۈسىز ماي بوياق ئەسىرىنى پەيدا قىلغان ئىدى. بۇنداق مەنزىرىنى ئاللاھ ئۆز ھېكمىتى بىلەن ياراتقانمۇ يا ئىنسانلار ياسىغانمۇ دەپ تاڭ قالىسىز.

تۈركىيە ئۆتەڭلەردىكى ئاشپۇزۇللارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئۆتەڭلىرىدىكى ئاشپۇزۇللارنىڭ تازىلىقى شەھەردىكىگە ئوخشاش پاكىز، رەتلىك بولىدىكەن.  شىرەگە قويۇلغان ئاپئاق داستىخانلار، قوشۇق، پىچاق، ئارىلار، پارقىراپ تۇرغان تەخسە، ئىستاكانلار…بۇ يەردىكى تىجارەتچىلەرنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇلۇڭ – پۇشقاقلارغىچە كۈزۈتۈپ تۇرامدىغاندۇ ياكى ئۇلارنى مەخسۇس يۆلەمدىغاندۇ دەپ قالدىم.

بۇ كىشىلەرمۇ تىجارەتچى، تىرىكچىلىك قىلمىسا بولمايدۇ ئەلۋەتتە. بىزدىكى ئۆتەڭ ئاشپۇزىللىرىدا شىرە – ئورۇندۇقلارنىڭ ئەبجىقى چىققان، چىنە قاچىلار ھەرە تىغىدەك پۇچۇلۇنۇپ كەتكەن، چوكىلار يەكپايلىشىپ كەتكەن، ئاشپەزلىرىمىزنىڭ پەرتۇقلىرى تىكىلگەندىن بېرى يۇيۇلمىغان ياكى ئەسلى رەڭگىنى بىلگىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەن، ئاشپۇزۇللارنىڭ يەرلىرى مىچىلداپ، تاملىرى ئىسلاشقان، دەسماللىرى كىرلىشىپ ئادەم يەر سۈرتىشكىمۇ كۆڭلى كۈتۈرمىگىدەك مەينەت. مۇلازىمىتىمۇ ناچار. بۇلارنى كىمدىن كۆرۈش كېرەك؟

دىيارىمىزدا يۇقۇردا دەپ ئۆتكەن گۈزەل تاغ ـ دەريالار، شارقىراتمىلار، يايلاقلاردىن باشقا ھەر قايسى رايونلاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە كىيىم  ـ كېچەك مەدەنىيىتى، ئۇلارنىڭ ناخشا – ئۇسسۇللىرى، ھويلا – ئارام مەدەنىيىتى، يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتى، دۇنياغا مەشھۇر «تۈركىي تىللا دىۋانى» نىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد قەشغەرى، «قۇتادقۇ بىلگ» نىڭ مۇئەللىپى يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىلىرى، مىڭ ئۆي خارابىلىرى، خوتەننىڭ داڭلىق قاش تاشلىرى، تۇرپاننىڭ كارىز ساياھىتى قاتارلىق جايلار دۇنيا ئەھلىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دىيارىمىزنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا ئۇيغۇر سەنەملىرىدىن: قومۇل سەنىمى، تۇرپان سەنىمى، كۇچار سەنىمى، قەشقەر سەنىمى… دېگەندەك تۈرلۈك سەنەملەرنىمۇ باشقا ئەللەردە ئۇچرىتىش مۇمكىن بولمايدىغان مەدەنىيەتلەردۇر. ئالايلۇق، خوتەندىكى كىرىيەلىك ئاياللارنىڭ كىچىك تەلپىكى؛ تۇرپانلىقلارنىڭ قىزىل، يېشىل، قارا دۇخاۋىلارغا كەشتىلەنگەن شوخ، گۈللۈك دوپپىلىرى؛ قەشقەرلىك خانىم – قىزلارنىڭ قويۇق مىللىي مەدەنىيەت ئەكس ئەتكەن چىمەن دوپپىلىرى بۇنىڭ ئىچىدە. ئومۇمەن ئېيتقاندا بىزدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەدەنىيەت سەنئەت يادىكارلىقلىرى، ئۆرپ – ئادەت، يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيەتلىرىمىزنى ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتىگە ئوخشاتقىلى بولمايدۇ.

دېمەك بىزنىڭ ساياھەت بايلىقىمىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن بول بولۇپ، قېزىشقا ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بولسا پۈتكۈل دۇنيانى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ ھەم «گۈزەل شىنجاڭ»، «جەلىپكار شىنجاڭ» دېگەندەك دېگەندەك شوئارلار ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ساياھەت نۇقتىلىرىنى كەسپلەشتۈرۈش، ئۇلارنى تۈرلەرگە ئايرىش، ئۆتەڭ، مېھمانسارايلارنىڭ دەرىجىلىرىنى كۆتۈرۈشكە دۆلەت ھەقىقىي تۈردە مەبلەغ ئاجراتسا ساياھەتتىن كىرىدىغان كىرىم ھەسسىلەپ ئېشىشى تۇرغان گەپ. ھازىر دىيارىمىزدىمۇ  يۇقۇرى سۈرەتلىك تاش يوللار كۆپىيىپ، قاتناش تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. دېھقانلارمۇ خېلى يىراق جايلاردىن ئۆزلىرى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى شەھەرلەرگە ئەكىرىپ سېتىپ، ئازۇدۇر – كۆپتۇر نەپ ئېلىۋاتىدۇ. ئەمما بىز ساياھەت قىلىشقا تەلمۈرىۋاتقان تۈركىيەگە سېلىشتۇرغاندا دېھقانلىرىمىزنىڭ سالغان مەبلىغىگە تۇشلۇق تاپقان پايدىسىنى چوڭ دېگىلى بولمايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟

تۈركىيەنىڭ يېمەكلىك سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ مېۋە – چىۋىلەرگە بولغان پىششىقلاپ ئىشلەش تەرەققىياتى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئۇ يەردىكى ھەر قانداق مېھمانسارايلارنىڭ ئاشخانىلىرىدا 7 – 8 خىل مېۋە – چېۋە قايناتمىلىرىنى  (مۇراببا) ئۇچرىتىپ تۇرىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىيەنىڭ «ئۈلكەر»، «ئالبىنى» ھەر خىل ئىچىملىكلىرى ھازىر خەلقئارالىق يېمەك –ئىچمەك ساھەسىدە خېلى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىدى. جۈملىدىن دىيارىمىزدىمۇ تۈركىيەنىڭ ھەر قانداق يېمەك – ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنى تاپالايسىز.

تۈركىيە كىيىم – كېچەك ساھەسىدىمۇ ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھازىر ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ كىيىدىغان ئىستېمالىغا ئايلاندى. تۈركىيە بازارلىرىنى ئارىلاپ كۆرگىنىمىزدە «كاپال چاشى» دەك خەلقئارالىق چوڭ بازارلار، توپ سېتىش ئورۇنلىرى كىشىنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلىپ قىلىدىكەن. تۈركىيەنىڭ ئۇششاق سانئىتى ھەم قول – ھۈنۈەۋەنچىلىك سەنئىتىمۇ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى ئالاھىدە جەلىپ قىلىدىكەن. ساياھەت يېتەكچىمىزنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، «كاپال چاشى» بازىرىنى ئىككى كۈندىمۇ ئايلىنىپ بولالمايدىكەنمىز. ئۇ يەردىكى يېپەك مال بازىرى ۋە پۇراقلىق بۇيۇملار بازىرى قاتارلىق داڭلىق خەلقئارالىق بازارلىرىنى كۆرگىنىڭىزدە رەتلىك تىزىلغان بويۇملارنى، پاكىز مۇھىتنى، چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان تىجارەتچىلەرنىڭ «ئابلا،(ئاچا) مەرھابا!»، «ئاننى، مەرھابا!»… دەپ بىزنى تەكلىپ قىلىۋاتقان ئىللىق مۇئامىلىسىنى كۆرۈپ سۆيۈنۈپ كەتتۇق.

مەن ئۆزۈمنىڭ ئويلىغنلىرىم، ھېس قىلغانلىرىمنى توغرا بايان قىلدىم دەپ جەزىم قىلالمايمەن. چۈنكى مەن تۈركىيەدە پەقەت 12 كۈنلۈكلا ساياھەت قىلدىم. ساياھەت داۋامىدا كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىم پەقەت چۈشەندۈرگىچىنىڭ سۆزلىگەنلىرى خالاس.

ئانتالىيەگە كەلدۇق

كەچ سائەت تۈركىيە ۋاقتى 8:30 دا ئانتالىيەنىڭ قارا دېڭىز بويىغا جايلاشقان «كەندىر» مېھمانخانىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ مېھمانخانا نەچچە كۈندىن بېرى بىز قونۇپ ئۆتكەن مېھمانخانىلاردىن نەچچە ھەسسە گۈزەل ئىكەن. كوچىلاردا پالما دەرەخلىرى قە كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. بىز چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنىشى يېرم چەمبەر شەكلىدە بولۇپ، مېھمانخانا ئارقىسى يەنى يېرىم چەمبەرنىڭ ئىچى تەرىپى قارا دېڭىزغا قاراپ تۇرىدىكەن. يېرم چەمبەر شەكىلنىڭ ئارقا تەرىپى ئالدى ئىشىك، ئىچى تەرىپىدە پۈتۈنلەي دېرىزە، بالكونلار بولۇپ، ئاستىنقى قەۋەت ئاشخانا ئىكەن. ئاشخانا دېرىزىلىرىمۇ ئاساسەن قارا دېڭىزغا قارىتىلىپ ياسىلىپتۇ. ئاشخانا تۈۋىدە ئولتۇرۇپ سىرتقا قارىسىڭىز دۈپ –دۈگۈلەك چوڭ – كىچىك كۆل، كۆل ئەتراپىدا پالما دەرەخلىرى، كۆپ كۆك دېڭىز، دېڭىزدا لەيلەپ يۈرگەن ئاپئاق پاراخوت، كاتىر، قولۋاقلار سىزگە ئاجايىپ بىر رىۋايەتتەك مەنزىرە پەيدا قىلىدىكەن. بىر كۈن توختىماي يول يۈرگەن بولساقمۇ، بۇ يەرگە كېلىپ باشقىچىلا بىر دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك بولۇشۇپ، خوشاللىققا چۆمۈلدۇق. تاڭ ئاتقاندا قۇياش بىزگە ئىللىق نۇرىنى قۇچىقىنى ئېچىپ پارلاپ كەتكەنىدى.

ئانتالىيانى «قۇياش كۆتۈرۈلگەن جاي» دېگىنى بىكار ئەمەسكەن. 3 – 4 كۈندىن بېرى ئۆزىنى كۆرسەتمەي زارىقتۇرغان قۇياشنىڭ كەيپىياتىمىزنى بىراقلا كۆتۈرۈشىنى ئەسلا ئويلىماپتىكەنمەن.

ئۇچىلىرىمىزدىكى يالاڭ پەلتۇ، قېلىن كىيىملىرىمىزنى سېلىۋېتىپ، قۇشتەك يەڭگىل بولۇپ، بۇ يەردىكى ساياھىتىمىزنى باشلىۋەتتۇق. بىز ئاتالىياغا كېلىپ ئەتىسى يەنى 10 – نويابىر «ئاتا تۈرك» مۇستاپا كامال ۋاپات بولغان خاتىرە كۈنى بولدى. بۇ جاي «ئاتا تۈرك» مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى قوزغىغان ھەم سۇلتان ئىمپىرىيىسىگە قارام بولمايدىغانلىقى جاكارلانغان ئەكسىچە، ئىستانبولنىڭ ئانتالىيەگە قارايدىغانلىقىنى جاكارلىغان جاي. ياۋروپادىكى ئانتانتا دۆلەتلىرىگە جەڭ ئېلان قىلىپ قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن، پۈتكۈل تۈركىيە خەلقىگە ئازاتلىقنىڭ ئۈمىد نۇرىنى چېچىپ، ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلغان جاي. بۈگۈن بۇ يەردىكى تۈركلەر ھەممىلا يەردە دۆلەت بايرىقىنى يېرىم چۈشۈرۈپ، «ئاتا تۈرك» كە بولغان سېغىنىشىنى بىلدۈرۈشكەنىدى.

ئانتالىيەنىڭ نوپۇسى ئەسلى بىر مىليونغا يېتىدۇ. ياز كۈنلىرى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلغۇچىلارنىڭ كۆپلىگىدىن 10 مىليون كىشىگە يېتىدىكەن. ئانتالىيە دېگەن ئىسىم بۇنىڭدىن 1500 – يىل ئىلگىرى ئۆتكەن شەرقىي رىم پادىشاھى ئانتالوسنىڭ نامىدا قويۇلغان. (مەن بەزى يازمىلاردا «ئاناتولىيە» دەپ ئوقىغان ئىدىم. لېكىن يېتەكچىمىزنىڭ ۋە شۇ يەردىكى تەشۋىق ۋاراقچىلىرىدا «ئانتالىيە» دەپ ئاتىلىدىكەن) ئۇ زامانلاردا رىملىقلار، گىرىكلەر دېڭىز قاراقچىلىرىدىن مۇداپىئەلىنىشنى كۆزدە تۇتۇپ، شەھەرلەرنى دېڭىز قىرغاقلىرىدىن 8 ــ 10 كىلومېتىر ئىچكىرسىگە سالاتتى.

ھازىرقى قارا دېڭىزنىڭ تىك قىيالىرى، قىرغاقلىرى ئەتراپلىرىغا سېلىنغان تۇرالغۇ ئۆي، مېھمانسارايلىرىغا قارىسىڭىز ئۇلارنىڭ شەكلى بايا بىز تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن يېرىم چەمبەرلىك «كەندىر» مېھمانسارىيىغا ئوخشاش ھەممىسىنىڭ دېرىزە، بالكونلىرى قارا دېڭىزغا قاراپ تۇرىدىكەن. ئۇ يەردىكى ھەرقانداق مېھمانساراي سىزنى قارا دېڭىزنىڭ ساپ ھاۋاسى ۋە گۈزەل مەنزىرىسىدىن بىمالال ھۇزۇرلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىدىكەن.

ئەتىسى پارلىغان قۇياش بىزگە كۈلۈپ باققانىدى. بۇنى كۆرگەن ئۆمەك ئەزالىرىمىز يېتەكچىمىزگە پاراخوتقا چىقىپ دېڭىز سەيلىسى قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرغا قويۇشتى. ساياھەت يېتەكچىمىز تەلەپلىرىمىز بويىچە چۈشتىن كېيىن دېڭىز ساياھىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

ساياھەت پارخوتلىرى توختايدىغان پورتتا ئادەتتىكى پاراخوت، «قاراقچىلار» پارخوتى، «ھەشەمەتلىك پاراخوت» دېگەندەك ھەر خىل پاراخوتلار بىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. بۇ يەر قاينام – تاشقىنلىققا چۆمۈپ كەتكەن جاي بولۇپ، دېڭىز قىرغىقى بىلەن تىك قىيالار ئارىلىقى يايمىچىلار بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ. تىك قىيا بىلەن دېڭىز ئارلىقىدا ئاپتوموبىللار، ھارۋىلار، ۋېلىسپىتلىكلەر، پىيادىلەر، ئۇياقتىن – بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرغان بولۇپ، بىر تەرەپتىن باققاللار ۋارقىرىشىپ خېرىدار چاقىرىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن دېڭىز قىرغىقىدىكى ساياھەت پاراخوت ئىگىلىرىمۇ پاراخوتلىرىغا خېرىدار چاقىرىپ، بەس – بەس بىلەن باھاسىنى توۋلىشىپ تۇرىدىكەن.

بىز ئوتتۇرىھال چوڭلۇقتىكى بىر پاراخوتقا چىقتۇق، پاراخوتنىڭ 1 – قەۋىتىدە قاتار قويۇلغان ئورۇندۇقلار، ئۈستىنكى قەۋىتى چۆرىسىگە قاتار قويۇلغان ئورۇندۇقلاردىن باشقا ئوتتۇرسىدا مەيدان ئىكەن. پاراخوتنىڭ قۇيرۇق قىسىمىدىكى ئىگىزرەك جايغا 2 ـ 3 تولۇق قوراللانغان قاراقچىلارنىڭ ھەيكىلى تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قاپ –قارا كىيىملەرنى كىيىپ تۇرغان سۈرلۈك تەلەتى بىزگە قاراپ تۇرۇپتۇ.

بىز پاراخوتقا چىقىپ 5 ـ 10 مىنۇت ئۆتمەيلا ياڭراتقۇدىن تۈركچە مۇزىكا جاراڭلاشقا باشلىدى. ياشلار مۇزىكىنى ئاڭلاش بىلەنلا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتى، قايناڭ ئۇيغۇرۇم! بەزىلىرىمىز زامانىۋىي ئۇسسۇل ئوينىسا، يەنە بەزىلىرىمىز ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئوينىشىۋاتاتتى. بىز كونيادا زىيارەت قىلىپ ئۆتكەن جالالىدىن رومى ئەسلى بىر سۇلتانۇل ئولىمانىڭ ئوغلى بولۇپ، يەتتە ئەۋلادقىچە مۇسۇلمان ئىدى. ئەمما ئۇ كىشى داپ بىلەن راۋاپ چېلىنسا سول قولىدا ياقىسىنى تۇتقان، ئوڭ قولىنى ئىگىز كۆتۈرگەن ھالدا ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ساماغا چۆرگىلەيتتى. بىز بىر ئاددىي ئىنسان، ئوينىساق نېمە بوپتۇ؟ ئۇسسۇل ئوينىغاندا كىشى ھەممە قايغۇ – ھەسرەتلىرىنى ئۇنتۇپ، مۇزىكىغا قوشۇلىدۇ، مۇزىكىغا قەدەملىرىنى تەڭكەش قىلىدۇ. ئۇسسۇل راسا ئەۋجىگە چىققاندا پاراخوت مۇلازىملىرىدىن 2 ـ 3 كشىمۇ ئوتتۇرغا سەكرەپ چۈشۈپ ئويناۋاتقان ئۇيغۇرۇمغا ئارىلىشىپ كەتتى. ھەي ئۇيغۇرۇم مەيلى چۆلدە مەيلى بوستاندا، مەيلى دېڭىزدا بولسۇن ناخشا – مۇزىكىدىن زادىلا ئايرىلالمايدۇ. ئاڭلىنىۋاتقان ناخشىنىڭ تۈرك ناخشىسى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، لېكىن مەزمۇنىنى بىلمەيمىز. ئۇيغۇرۇمغا ناخشىنىڭ مەزمۇنى ئەمەس بەلكى ئۇدارى چۈشۈنىشلىك، تەرجىمان كەتمەيدۇ. بۇ خۇددى جالالىدىن رومى ئۆز شېئىرىدا ئېيتقاندەك:

 

ئىشىق تىلى، راۋاپ تىلىدەك بىر ئىمىش،

تۈرك، يۇنان، ئەرەبكە بىر ئىمىش.

 

دېگەندەك بىر ئىش بولدى. مەيداندىكى ئۇيغۇرغا قوشۇلۇپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلار تۈركمۇ، گىرىكمۇ بىلمەيمەيمىز. قەدەملىرى ئۇدار –تاكىتلارغا چۈشسىلا بولدى.

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئىككى سائەت ئۆتۈپ كەتتى. دېڭىز سۈيى بۈگۈن تىپتېنچ تۇراتتى. دېڭىزدا نە شامال، نە تۇمان يوق. بىز كۆرۈپ تۇرغان قارا دېڭىز سانسىزلىغان قانلىق ئۇرۇشلارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، قانچىلىغان ئۇرۇش پاراخوتلىرى چۆكۈپ كەتكەن ھەتتا قانچىلىغان ئەزىم دەريالارنىڭ سۈلىرىنىمۇ ئۆزىگە سىڭدۇرۇپ يۈتىۋالغان تۇرۇقلۇق ھېچنىمە بولمىغاندەك تۇراتتى. پاراخوت دېڭىز سۈيىنى يېرىپ ئىلگىرلىمەكتە. مەن ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان يوغان قۇش قانىتىدەك بۇژغۇنلارنى كۆرىۋاتاتتىم. دېڭىزنىڭ قوينى نېمە دېگەن كەڭ، ئۇ دەھشەتلىك بورانلارنىمۇ قىرغاقلارغا ئۇرۇپلا ئۆتكۈزىۋېتىدۇ. سانسىزلىغان يامغۇر – يېشىنلارنىمۇ  قوينىغا سىغدۇرۋېتىدۇ. ئەنە كۆرۈۋاتىمىز ــ دېڭىز قىرغىقىدىكى تىك قىيادىن شىددەت بىلەن قويۇلىۋاتقان دەريا سۈيىنى! ئەگەر بۇ دەريا سۈيى تېشىپ بىرەر يۇرتقا كېلىپ قالسا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرگەن بولار ئىدى – ھە! دېڭىزنىڭ قوينى نېمە دېگەن كەڭ، كۆتۈرۈشلۈك ھەم چوڭقۇر بولىدىغاندۇ؟ بالىلىق چاغلىرىمدا گۈزەل قارا دېڭىزنى ئوتتۇرا مەكتەپ جۇغراپىيە دەرسلىكىدە ئوقىغان ھەم خەرىتىدە كۆرگەنىدىم. بۈگۈن مانا سېنىڭ خۇش جامالىڭنى كۆرۈشكە سازاۋەر بولدۇم. سېنىڭ قوينۇڭدا ئۈزىۋاتىمەن، سېنىڭ ئۈستۈڭدە تۇرىۋاتىمەن، ئاھ دېڭىز! دۇنيادىكى دېڭىز – ئوكيانلارغا ئەڭ يىراق بولغان ماكاندا ياشىغان، دېڭىزنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى كۆرۈپمۇ باقمىغان بىر ئىنسان ئىدىمغۇ؟…

دېڭىز ساياھىتىمىز ئاخىرلىشىپ قايتىۋاتقان چېغىمىزدا يېقىن ئارىلىقتا «قاراقچى» ناملىق پاراخوتتىكى بىر توپ كىشىلەر (ھەممىسىنىڭ بىر خىل فورما كىيىنىشلىرىگە قارىغاندا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلدىم) بىزنىڭ ئويناۋاتقان ئۇسسۇللىرىمىزغا قاراپ «ھۇررا، ھۇررا!..» دەپ چاۋاك چېلىشىپ كەتتى. بەزىلىرى قوللىرى بىلەن ئىشارەت قىلىشىپ «سۆيگۈ» لىرىنى ھەدىيە قىلىشاتتى.

ئىلگىرلەۋاتقان ئۆمىكىمىز بۈگۈن ئانتالىيەنىڭ سىلىك ناھىيەسىگە كەلدۇق. بۇ يەردە «دۇدەن شارقىراتمىسى» دەپ ئاتىلىدىغان داڭلىق شارقىراتما بار ئىكەن. يىراقتىن ئېقىپ كېلىۋاتقان دەريا سۈيى ئىنتايىن تېز ئاقاتتى. تاشتىن –تاشقا ئۇرۇلىۋاتقان سۇ شاۋقۇنى جاھاننى بىر ئاپتۇ. دەيا بويىدا ئۆسكەن سۈگەت گۈل، پىكوس گۈللىرى بولۇق ھەم دەرەختەك ئۆسكەن، ئۆيلىرىمىزدە ئارزۇلاپ باقىدىغان ئۈژمە گۈللىرىمۇ بۇ يەردە يوغان دەرەختەك ئۆسۈپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مەن كۆرۈپ باقمىغان ئۆسۈملۈكلەرمۇ بۈك – باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، ئاجايىپ بىر بوستانلىقنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. سارغىيىپ پىشاي دەپ قالغان ئاپلىسىن، باشلىرىڭىزغا تېگىپ تۇرغان زەيتۇنلار ھەممىلا يەردە كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

شىددەت بىلەن شاۋقۇنلاپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى يوغان يېرىم چەمبەر شەكىللىك تىك قىيادىن بىر قانچە ئېقىنلارغا ئايرىلىپ، چوڭقۇر جىلغىغا ئوقتەك ئېتىلىپ چۈشىدىكەن. يۇقۇرىدىن پەسكە قارىسىڭىز سۇلار ياردىن ئېتىلىپ چۈشكەچكە بوشلۇقتا گىرىمسەن تۇمان پەيدا قىلىپ تۇرۇپتۇ. پەسكە چۈشۈپ تاماشا قىلىشتىن ئىلگىرى شارقىراتما چۈشىدىغان جايدىكى دەرەخلەر ئارىسىدا بىر ئاشخانا بولۇپ، باشلىرىغا ئاق ياغلىق چېگىۋالغان، ئۇچىلىرىغا ئاپئاق پەرتۇق تارتىۋالغان ئىككى ئايالنىڭ خېمىر يېيىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم. ئۇلار سۇپىدا يۈكىنىپ ئولتۇرۇپ خۇددى بىزنىڭ يېزىلىمىزدىكى قىز – جۇۋانلىرىمىزدەك قىياپەتتە خېمىرنى نوغۇچ بىلەن بىر ئەپچىل يايماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرى، تاختا – سۇپۇرلارنىڭ پاكىزلىقى ئادەمنىڭ زوقۇنى، ھەۋىسىنى كەلتۈرەتتى! شەھەردىن خېلى يىراق بولغان مۇشۇنداق

خىلۋەت قىرلاردىمۇ پاكىز مۇھىتنى يارىتىش ئوڭاي ئىش ئەمەس ئىدى.

ئالدىمىزدا كېتىۋاتقان يېتەكچىمىزگە يېقىن ئەگەشمىسەك بۈك –باراقسان دەل – دەرەخ، گۈل – گىياھلار ئارىسىدىكى قاتمۇ – قات چىغىر يوللار، ئەگرى – بۈگرى پەلەمپەيلەردىن چۈشكىچە ئېزىپ قېلىشىمىز ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس ئىدى. مەن خېمىر يېيىۋاتقان جۇۋانلارغا قارىغىنىمچە يېتەكچىمىزگە ئەگىشىپ پەسكە چۈشتۈم. تىك قىيا بىلەن دەريا ئارلىقىدىكى بىر خىلۋەت بوشلۇقتا بېلىق كاۋىپى پىشۇرىدىغان ئەپلىككىنە سېلىنغان ئاشپۇزۇل بار ئىكەن. تۈركلەرنىڭ مۇشۇنداق كىچىككىنە بىر زېمىندىنمۇ ئۈنۈملىك پايدىلىنىشىشىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىگە لال بولدۇم. يۇقۇرىغا قارىسىڭىز شارقىراتما، تۆۋەندە زۇمرەت كەبى دەريا سۈيى، قىيالاردا ئېسىلىپ تۇرغان رەڭگا – رەڭ گۈل – گىياھلار… بۇ مەنزىرىلەر مېنى ئىختىيارسىز ھالدا قۇرئان كېرىمدە ئېيتىلغان: «ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرغان جەننەت» نى ئەسلەتتى!

مانا مۇشۇنداق ئادەمنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمەيدىغان خىلۋەت جىلغىدىكى ئاشپۇزۇلدىمۇ ئاپئاق داستىخانلار، ئارا – پىچاقلار شىرەلەرگە رەتلىك قويۇلغانىدى. بېلىق كاۋىپى مەخسۇس تاۋىدا كەلتۈرۈلدى. قارىغاندا بۇ تاۋا بېلىق كاۋىپى قىلىشقا ئالاھىدە ياسالغاندەك قىلاتتى. مەن تاۋنى ئېلىش ئۈچۈن قولۇمنى ئۇزاتقىنىمدا مۇلازىمەتچى: «يو، يو قىزىق!» دېگىنىچە تاۋنى شىرەگە قويۇپ بەردى. بىر كىلولۇق چوڭ شىشىدە مۇزدەك سۇ كەلتۈرۈلدى. «چاي ئىچسىڭىز بىر بارداق چاي بىر لىرا!…» دەيتتى مۇلازىملار مۇلايىملىق بىلەن. ئەجىبا تۈرۈكلەر ئېنىرگىيە تېجەشنى بەك مۇھىم بىلەمدىغاندۇ؟ يېنىدا دەريا سۈيى تۇرسا، سۇنىمۇ تېجەمدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم.

ئەسفەندوس تىياتىرخانىسى

ئەسفەندوس تىياتىرخانسى بۇنىڭدىن 1800 يىل ئىلگىرى رىم ئىمپىرىيىسى دەۋرىدە سېلىنغان تىياتىرخانا بولۇپ، تىياتىرخانىنىڭ قۇرۇلنىسى پۈتۈنلەي تاشتىن ياسالغان بولغاچقا، ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلىنىپ كەلگەن. تىياتىرخانىغا خېلى كۆپ ئادەم سىغىدىغان بولۇپ، ئىچىگە كىرگىنىمىزدە تاماشىبىنلار ئولتۇرىدىغان قاتار – قاتار پەلەمپەيسىمان تاش ئورۇندۇقلارنى كۆردۇق. ئورۇندۇقلارنىڭ ئۈستىدە ئايرىم – ئايرىم ئىشىكلەر بولۇپ، ئورۇندۇقلارنىڭ ئالدىدا ئانچە چوڭ بولمىغان مەيدان بار ئىكەن. ئويۇن قويغۇچىلار، گىلادىياتورلار ماھارەت كۆرسىتىكەن ھەم تۈرلۈك مۇراسىم پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزىلىدىكەن. بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ ئالدىمىزغا قارىساق، ئاقسۆڭەكلەر ئولتۇرۇپ ئويۇن كۆرىدىغان لوژىلار (بالكونلار) بولۇپ، ئاستىدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ھايات – ماماتىنى بەلگىلەيدىغان يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ قەپەسلىرى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. مەھبۇسلار يىرتقۇچلارنى يېڭىۋالسا ئۆلۈم جازاسى بىكار قىلىنىدىكەن، ئەگەر يېڭىلىپ قالسا يىرتقۇچلار تەرىپىدىن تالاپ ئۆلتۈرۈلىدىكەن. ئاقسۆڭەكلەر بۇنداق ۋەھشىيانە ئېلىشىشلارنى كۆرۈپ، ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرىدىكەن. ئەينى زاماندىكى رىم چەۋەندازلىرىنىڭ كىيىملىرىنى كىيىشكەن ئەسكەرلەر قېلىچ – نەيزىلىرىنى ئوينىتىپ، ساياھەتچىلەرنى رەسىمگە چۈشۈشكە ئۈندەپ تۇرىدىكەن. بۇ ئارىلىقتا ئەزالىرىمىزدىن بىر قانچىمىز ئۇلار بىلەن خاتىرە رەسىمگىمۇ چۈشۈۋالغان بولدى.

 

ساياھەت داۋامىدا بىز سىلىك، دېڭىزلى، پامۇق (پاختا) قەلئەسى دېگەن جايلارغا باردۇق. ماڭغان يوللىرىمىز تاغلىق يوللار بولۇپ، بەزىدە ئۆزىمىز كېتىۋاتقان تەرەپلەرنىمۇ ئايرىيالماي قالاتتۇق.

پامۇق قەلئەسىنىڭ ئورنى تاغ تۆپىسىدىن ئانچە ئىگىز بولمىغان جايغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، ھاك سۇلىرى ئېقىپ پەسكە چۈشۈش جەريانىدا ھاسىل بولغانىكەن. يىراقتىن قارىسىڭىز ئاپئاق قار دۆۋىسىدەك ياكى پاختا دۆۋىسىدەك بىر مەنزىرە كۆرىنىدىكەن. ئۇنىڭ بىر تەرىپىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان ھرالىس دەپ ئاتىلىدىغان قەبرىستانلىق بولۇپ، خىرىستىيانلار ھەج –تاۋاپ قىلىدىغان نۇقتىلاردىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ يەر ئەسلىدە رىم ئىمپىرىيىسى دەۋرىدە قۇرۇلغان بىر شەھەر خارابىسى ئىكەن. خارابىدىن تاش تۆۋرۈكلەرگە ئويۇلغان نەقىشلەرنىڭ ئانچە – مۇنچە ئىزنالىرىنى ھەم ئەينى چاغدىكى سۇ يوللىرىنىڭ قالدۇقلىرىنى كۆرۈشكە بولىدىكەن.

خىرىستىيانلارنىڭ تاۋاپ قىلىش ئادىتى بويىچە ئېيتقاندا ھەج تاماملاش ئۈچۈن ئاز دېگەندە تۆت ئورۇننى تاۋاپ قىلىش دۇرۇس ھېسابلىنىدىكەن. ھرا پولوس قەبرىستانلىقىنىڭ بۇنداق چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ سەۋەب شۇكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ يەر تەڭرىلەر ياشىغان جاي ھەم ئۇلار باقى ئالەمگە سەپەر قىلغان ئورۇن دېيىلىدىكەن. شۇڭا، خىرىستىيان مۇخلىسلىرى ۋە ياشانغانلىرى ھرالىسقا كېلىپ ياشاشنى ھەم مۇشۇ يەردە باقى ئالەمگە كېتىپ، تەڭرىلەرنىڭ ئايىقىدا يېتىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. بۇ يەرنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قەبرىستانلىق بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەپمۇ دەل ئۇنىڭ تاغدىكى قاتمۇ – قات قەبرىلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ئىكەن.

 

ئىزمىرغا سەپەر

ئىزمىر يوللىرى بويىدىكى ئەنجۈر، ئانار، زەيتۇن، ئاپلىسىنزارلىقلار بارغانسېرى قويۇقلىشىپ باراتتى. ئايدىن ناھىيەسىگىمۇ يېتىپ كەلدۇق. بۇ يەر ھەقىقىي مېۋە – چىۋە ماكانى ئىكەن. ئايدىن ئاپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئايدىن ناھىيەسىدىكى پۇقرالار يىل بويى بىر قېتىملا گۆش ئىستېمال قىلىدىكەن. ئادەتتە ئاشلىق، مېۋە – چىۋە، كۆكتاتلارنى ئاساسىي ئوزۇقلۇق قىلىدىكەن.

شۇ ھامان خىيالىمدىن تۈركىيە يازغۇچىسى جان دوندارنىڭ «سېرىق چاچلىق پالۋان» رومانىدا تەسۋىرلەنگەن ئايدىن ناھىيەسىنىڭ «سېرىق زەيبەك» ئۇسسۇلى كۆز ئالدىمغا كەلدى. تۈرك ئاتىسى جىگەر كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا يەتكەن چاغدا مۇشۇ پەلۋان ئۇسسۇلنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينىغانىكەن. ئايدىن ناھىيەسىنىڭ يىگىتلىرى «سېرىق زەيبەك» ئۇسسۇلى بىلەن داڭلىق ئىكەن.

ساياھەت داۋامىدا ساپ پاختا مەھسۇلاتلىرى، خۇرۇم بۇيۇملار دۇكىنى، ساپ زەيتۇن يېغى سېتىش دۇكانلىرىنىمۇ ئالا قويماي ئارىلاپ چىقتۇق. بىز بىر خېلى چوڭ ساپ پاختا بازىرىغا كىرىپ مال سېتىۋالغان چېغىمىزدا، مۇلازىملاردىن بىرقانچىسى بىلەن سۆزلەشتىم. مۇھىت، ئوسمان ئاتلىق ئىككەيلەن مېنىڭ «ئوسمانلى» يېزىقىنى بىلىدىغانلىقىمنى سوراپ بىلىپ، (ئۇلار 1923 –يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇپ، يېزىق ئىسلاھات قىلىنغاندىن كېيىن ئەرەب يېزىقىنى ئىشلەتمىگەن) ئۆز ئىسىملىرىنى يازغۇزدى ھەم خەنزۇچە يېزىپ بېرىشىمنىمۇ ئۆتۈندى. ئۇلار مەن يېزىپ بەرگەن ئىسىملارنى چوقۇم ئۆگىنىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ: «گۈلە، گۈلە!» دېيىشىپ كەتتى. مەنمۇ «خۇشچاغ قالنىسىز!» دېگىنىمچە ئۇلار بىلەن خوشلاشتىم.

 

قەدىمىي شەھەر ـــ ئەفەس

ئەفەس قەدىمىي شەھىرى ــ رىم دەۋرىدە بىنا قىلىنغان ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ خارابىسى بولۇپ، 8 – ئەسىردە بىر قېتىملىق قاتتىق يەر تەۋرەشتە خارابىگە ئايلانغان. بۇ خارابىلەرنىڭ ئەسلى تارىخى 5000 يىلدىن ئاشىدۇ. بىز كۆرىۋاتقان بۇ  خارابىگە 2400 يىل بولغان بولۇپ، قېزىۋېلىنغان شەھەر. بۇ يەر پۈتۈنلەي تاغ ئارىسىغا جايلاشقان. سالجۇقىلار دۆلەت قۇرغان چاغدا بۇ يەردە يەر تەۋرەشنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەسلىدىكى شەھەر خارابىسىنى تاشلاپ، تاغنىڭ ئارقىسىغا شەھەر قۇرغان.

قەدىمقى رىملىقلار ئەفەس شەھىرىنى مۇقەددەس جاي دەپ بىلگەن، ھەر قانداق كىشى بۇ شەھەرگە كىرىشتىن ئىلگىرى تاش مۇنچىغا چۈشۈپ، پاكلىنىپ كىرىدىكەنتۇق. بۇ ئاتالمىش دەرۋازىدىن كىرگىنىمىزدە، قېرى ئەنجۈر دەرىخى ئەتراپىدا كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ خۇددى غوجايىنلاردەك يۈرگەن تۇم قارا، ئاق، سېرىق، ئالا – تاغىل ھەر خىل رەڭلەردىكى مۈشۈكلەرنى ئۇچراتتۇق. تاش تۆۋرۈكلەرنىڭ چوققىلىرىدا، تام –تۆپىلىرىدە، ئىشىك – دېرىزە ئەگمىلىرىدە سەكرىشىپ يۈرگەن مۈشۈكلەر پۇتلىرىمىز ئارىلىرىغىمۇ كىرىۋىلىپ، خۇددى بىزدىن يېمەكلىك تەما قىلىۋاتقاندەك كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ تەلمۈرۈپ  تۇرىشاتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنى مۇشۇ جاينىڭ خوجايىنلىرى دەپ ئويلىشامدۇ ياكى بولمىسا «ھەي، مۇسۇلمان تۇرۇپ تەڭرىلەر ياشىغان جايدا سىلەرگە نېمە بار؟» دەپ بىزدىن سوراپ مىياڭلاۋاتامدۇ زادىلا چۈشەنمىدىم. مۇشۇكلەرنىڭ سۈرلۈك تۇرقىغا قاراپ مېنى سۈر باسىۋاتاتتى. بۇ مۈشۈكلەر خىرىستىيان تەڭرىلىرىنىڭ روھلىرىمۇ – يە؟… تەنلىرىم شۈركىنىپ مۈشۈكلەر ئارىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، شەھەرنىڭ ئۇزۇن رەستىلىرىنى بويلاپ مېڭىشقا باشلىدىم. كوچا رەستىلىرىنىڭ ئىككى تەرىپى يىقىلغان تاش تۆۋرۈكلەر، تاملار، تاش كېسەكلەر بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. بۇ كوچىلار ئادەمسىز بولسىمۇ ناھايىتى مۇكەممەل، رەتلىك ئەينەن تۇرۇپتۇ. كوچىلارغا مەر –مەر تاشلار ياتقۇزۇلغان، تاملار، ئىشىك باشلىرىغا ئويۇلغان تاش ئويمىلار شۇنچىلىك نەپىس، دېرىزىلەرنىڭ ئەگمىلىرى شۇنچىلىك گۈزەل نەقىشلەنگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ جەلىپكارلىقىنى تامامەن يوقاتماپتۇ.

يوللارنىڭ بىر چېتىگە ياسالغان سۇ نولىرى، ئەۋرەز نولىرى، ھاجەتخانىلىرىنىڭ ئولتۇرىدىغان ئوچاقلىرى ھەممىسى تاشتىن ياسىلىپ، ئەۋرەز يوللىرىدىن تارتىپ ئالدىدىكى سۇپا، فونتانلىرىغىچە مۇكەممەل تۇرۇپتۇ. بۇنىڭدىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولۇدىكى رىملىقلار بۇندىن 2400 يىل بۇرۇنلا ئۆيلىرىگە سۇلارنى نولار ئارقىلىق كىرگۈزگەن، سۇ ئارقىلىق تازلىنىدىغان ھاجەتخانە، مۇنچىلارنى ياسىغان ھەم ئىشلەتكەنىكەن. شەھەرنىڭ ھۆكۈمەت بىنالىرى، مەجلىسخانا، رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ 3 –چوڭ كۇتۇبخانىسى ھېسابلىنىدىغان كۇتۇبخانىلىرى ھازىرغىچە ساقلانغان بولۇپ، بۇ يەردە مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ ھەشەمەتلىك ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. ئالدىمىزدا 25 مىڭ كىشىلىك ئەفەس تىياتىرخانىسىمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. ئۆز زامانىسىدىكى رىملىقلارنىڭ تارىخىي يالدامىلىرىنى كۆرۈشكە ۋقىت يار بەرمىدى. پۇرسەت بولسا يەنە كۆرۈپ قالارمىز.

 

ئىزمىر

تۈنۈگۈندىن بېرى باسقان يوللىرىمىزدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆردۇق. بولۇپمۇ يۇرتىمىزدا كۆرۈشكە نېسىپ بولمايدىغان زەيتۇنزارلىقلار، دالا دەرەخلىرىدەك ئۆسۈپ كەتكەن ئەنجۈرلەر، ئانارلىقلار ۋە ئاپسىلىن ئورمانلىقلىلىرى بىزنى باشقىلا بىر دۇنياغا باشلاپ كېتىۋاتاتتى. قۇشلار ئارىلىغىمۇ يېتىپ كەلدۇق. تۈركىيە يازغۇچىسى رىشات نۇرى كونتىگىننىڭ «چالىقۇشى» رومانىدا ئوقىغان بۇ جاي ــ مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدا جىمى يەرنى قۇشلار قاپلاپ كەتكەن، دەل – دەرەخلەرنىڭ ئۈستىلىرىدە قۇش چاڭگىلىرى ئېسىلىپ تۇرغان، دۇنيادىكى قۇشلارنىڭ ھەممە خىلىنى كۆرگىلى بولىدىغان جاي ئىدى. ئادەمنىڭ خىيالى نېمىلەرنى ئويلىمايدۇ دەيسىز؟ ئەپسۇس، بۇ يەردە مەن بىرمۇ قۇش كۆرمىدىم.

قۇشلار ئارىلىغا كەچتە يېتىپ كېلىپ، «TATLISI»  مېھمانخانىسىغا چۈشتۈق. ياتاقلارنىڭ شارائىتىگە گەپ كەتمىگۈدەك. شۇنچە كۆپ ئۆتەڭ، ئاشپۇزۇللاردا غىزالىنىپتىمەن، بىراق نەگىلا بارساق تاماقنى تاللاپ يەيدىكەنمىز. تۈركىيەدە تاماق تۈرلىرىنىڭ كۆپلىكىن بەزىدە نېمە يېيىشىڭىزنىمۇ تاللىيالماي قالىدىكەنسىز. ئۆيىمىزدە بولساق، بۈگۈن لەغمەن ئەتسەم ئەتە نىمە ئېتەرمەن دەپ غەم بېسىپ كېتەتتى، ھەتتا بىزدە بەزى ئەر – خوتۇنلار مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك جېدەللىشىپمۇ كىتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. شۇڭا بۈگۈن ئۆزۈمچە ياتاقتا دەم ئالغاچ بۇ يەردىكى ياماق تۈرلىرىنى سانىنى خاتىرىلەپ بېقىش خىيالىغا كېلىپ قالدىم. تۈركلەرنىڭ گۆش ئىشلەتمەيمۇ تاماق تۈرلىرىنى قانداق تاپىدىغانلىقىغا ھەيرانمەن. ئەتىگەنلىك ناشتىدا بولسا: ئاق بولكا، قارا بولكا، تۇخۇم، پىشۇرۇلغان سۈت، تۈرلۈك سۈت يېمەكلىكلىرى، سوغۇق سۈت، ئوماچ، قەھۋە، ھەر خىل مېۋە شەربەتلىرى، مېۋە قايناتمىلىرى، خام كۆك توغرامچىلىرى قاتارلىقلار ئاساس قىلنىدىكەن. سۈت يېمەكلىكلىرى 10 نەچچە خىل، تاتلىق –تۈرۈم پىشرۇقلار 10 نەچچە خىل، ھەر خىل مېۋە قايناتمىلىرى 7 – 8 خىل،  يېڭى مېۋە –چىۋە. چۈشلۈك ۋە كەچلىك تائاملارغا گۈرۈچ دۈملىمىسى، توخۇ گۆشى، بېلىق، تۇخۇم قورۇمىلىرى، كۆتات قورۇمىلىرى، ئىتالىيە چۆپى قاتارلىقلار بولۇپ، تاماق تۈرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 65 خىلدىن ئاشىدىكەن. دېمەك بۇلار بىزدەك گۆشلۈك تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ بەدەن ساپاسى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلاردىن خېلىلا يۇقۇرى تۇرىدىكەن، مەيلى ياش پەرقىنىڭ قانچىلىك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئەرلىرى قاۋۇل، چەبدەس، ئاياللىرى زىلۋا، كېلىشكەن بولۇپ، ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا ئالاھىدە دېققەت قىلىدىكەن.

ئەتىسى سەھەردىلا ھازىرقىلار «مۇھەببەت دېڭىزى» دەپ ئاتايدىغان ئىگەي دېڭىزىغا يېتىپ كەلدۇق. دېڭىز قىرغىقىدىن ھەم تىك قىيالار تۈۋىدىن دېڭىزگە سوزۇلغان ئارال «قۇشلار ئاداسى» نى كۆردۈق. مەن ئويلىغان قۇشلار ئارىلىدا بىرمۇ قۇش كۆرمىدىم! قۇشلار قېنى، دەپتىمەن گۈدەك بالىلارچە ئاراللارغا، دېڭىزلارغا تەلمۈرۈپ، قۇشلار بىزنى كۆرۈپ ئۇچۇپ كەتتىمۇ- يە؟ ياكى بىز كەلمىگەن زامانلاردا بۇ يەر قۇشلار ماكانى بولغانمۇ –يە؟

ھازىرقى ئىگەي دېڭىزىدىكى بەزى ئاراللار گېرىتسىيە تەۋەلىكىدە بولۇپ، يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. تارىختا گېرىتسىيە تۈركىيەنىڭ كونا دۈشمەنلىرىدىن بولۇپ، ئىزمىرغا تالاي قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ، چاڭگىلنى سوزىغان ھەتتا بېسىۋالغان. شۇ سەۋەبتىن تۈركىيە خەلقىمۇ تالاي قېتىم قانلىق جەڭلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن. ئالايلۇق، چاناق قەلئە ئۇرۇشى دەل مۇشۇ جايدا بولغان. دۇنياغا مەشھۇر تۇرەييا ئۇرۇشىمۇ گېرىتسىيە ـ تۈركىيە چېگرىسىدا بولغان؛ تۇرەييا ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن كىنو قويۇلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 65 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مۇشۇ يەرنى كۆرگىلى كەلگەن.

ئىزمىر شەھىرى ئىگەي دېڭىزى قولتۇقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەسلى سىمىردا ئىدى. 9 – ئەسىردە تاغ تۆپىسىگە قۇرۇلغان. تۈركىيەدىكى 3 چوڭ شەھەرنىڭ بىرى سانىلىدۇ.

بىز ئىزمىر شەھىرىدە بىر ھەربىي موزىينى زىيارەت قىلدۇق. چاناق قەلئە ئۇرىشىدا سىيىت ئون بېشىنىڭ 275 كىلوگىراملىق ئېغىرلىقتىكى توپ ئوقىنى كۆتۈرۋالغان چوڭ ھەيكىلىنى كۆردۇق. ئۇنىڭدىن باشقا ئەينى چاغدا ئىشلەتكەن تانكا، زەمبىرەك، ئايروپىلانلار، مۇھىم  خاتىرىلەرنى كۆردۈق.

 

مانسا ۋىلايىتى

مانسا شەھىرى ــ ئۈزۈم ماكانى دېيىلىدىكەن. نويابىر ئايلىرى قىزىل ئۈزۈم پىشقان چاغ ئىكەن. تۈركىيىدە ھەر قانداق مەھسۇلاتنى پىششىقلاپ ئىشلەپ بازارغا سېلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىكەن. يېمەك – ئىچمەك، كىيىم –كېچەك، قول – ھۈنەرۋەنچىلىك سانائەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئالاھىدە بولۇپ، دۆلەت كىرىمى ئاساسلىق ساياھەتچىلىك ھېسابلىنىدىكەن. پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىگىمۇ سەل قارالمايدىكەن.

مانسا ۋىلايىتىنىڭ ئاكسار ناھىيەسىگە كېلىپ چۈشلۈك غىزانى بىر ئۆتەڭدە يىدۇق. بۇ يەرنىڭ قىيمىلىق كاۋىپىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، كاۋاپنىڭ تېزىراق چىقىشىنى تۆت كۆش بىلەن كۈتتۇق. خۇش مۇئامىلىلىك مۇلازىملار داستىخانغا يوغان ئىستاكاندا مۇزدەك، تەملىك ئايران، بىر قاچىدىن ئوماچ، قات كۆك، شوخۇلا، تەرخەمەك توغرامچىسى، يېرىم تالدىن لىمون (بۇ يەردە لىمون سىركىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىنىدىكەن) يۇمشاق ھەم نېپىز تاۋا نېنى، قىيما كاۋاپلار كەلتۈرۈلدى. ھەممىمىز ھۇزۇرلىنىپ يېيىشتۇق.

ساياھەت دېگەن جاپالىق بىر ئىش بولسىمۇ، يېڭىلىقلارنى كۆرۈپ، مۇھىت ئالماشتۇرۇپ تۇرغاچقا چارچاپ كەتكىنىمىزنىمۇ سەزمەي قالىدىكەنمىز.

 

بورسا شەھىرى

سەپەر جەريانىدا شوپۇرىمىزمۇ چارچىغىنىغا قارىماي پۈكلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئاپتوبۇسنى توختىماي ھەيدەپ بىزگە مۇلازىمەت قىلىۋاتاتتى. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ تېخى ياش – تە…بىزمۇ ھارغىنلىقىمىزنى چاندۇرماي سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. شۇنداق قىلىپ تۈركىيىنىڭ مۇھىم سانائەت شەھىرى ھېسابلىنىدىغان بورساغىمۇ يېتىپ كەلدۇق.

بۇ شەھەردە ياسىلىشى ئىنتايىن نەپىس ھەم كۆركەم بولغان 9 مىڭ ئادەم سىغىدىغان ھەشەمەتلىك «ئۇلۇغ جامئە» دەپ ئاتىلىدىغان جامىئە بار بولۇپ، تاملىرىغا يېزىلغان ھەر خىل نۇسخىدىكى ھۆسنخەتلىرىنىڭ كۆپلىكى ھەم ئۆزگىچە بېزىلىشى بىلەن ھۆسنخەت جامىئەسى دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. جامىئەنىڭ بەزى تاملىرىغا ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى دەۋرىدە سىزىلغان سەييارىلەر خەرىتىسىنىڭ رەسىملىرى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، جايلىشىش ئارلىقىنىڭ يىراق – يېقىنلىق نىسبىتى ھازىرقى زامان ئالىملىرىنىڭ ھېسابلاپ چىققان تەتقىقاتى بىلەن ئوخشاش چىققان.

بورسادا 1491 – يىلى قۇرۇلغان يەنە بىر يىپەك بازىرىمۇ بولۇپ، بۇ بازارنى ئارىلاپ ئۇنىڭ ناھايىتى چوڭ ھەم ئاۋاتلىقىنى، مال تۈرلىرىنىڭمۇ ئىنتايىن كۆپلىكىنى كۆردۇق. ھەم ئاز – تولا سوۋغاتلىقمۇ سېتىۋالدۇق.

بورسا ۋىلايىتىنىڭ گەملىك ناھىيىسى مەر – مەر دېڭىزىنىڭ كىچىك بىر قولتۇقىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەرنىڭ قارا زەيتۇنى داڭلىق ئىكەن. بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزدە ئىستانبولدىن چىقىپ بورسا يالۇۋا ۋىلايىتىگە قەدەر جەمئى 2500 كىلومېتىر مۇساپىنى باستۇق. بۇ يەرنىڭ مېھمانسارىيىدا بىر كېچە قوندۇق. بىز چۈشكەن مېھمانساراي بىر ئارشاڭنى ئاساس قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، مېھمانساراينىڭ ئاخىرقى بۆلىكى ئارشاڭ ئىكەن. ئايدىن ئەپەندى ئاپتوبۇستىن چۈشكىچە بۇ يەردە ئارشاڭ بارلىقىنى بىزگە ئالاھىدە چۈشەندۈرۈپ:

ــ خالىغانلار ئارشاڭغا چۈشسەڭلار بولىدۇ، ئۇۋىلاش ئورۇنلىرى بىلەن ھور ئارشاڭغا ئايرىم ھەق تۆلەيسىلەر دېدى.

كەچلىك تاماقتىن كېيىن مەن خۇفتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولغىچە ئارىلىقتا دوستۇم چارچىغانلىق تۈپەيلى ئۇخلاپ قاپتۇ. مەن چارچاپ قالغان بولساممۇ دوستۇم بىلەن ئارشاڭغا چۈشۈپ، تازا بىر ھۇزۇلانغىم كەلدى. ئەپسۇس، دوستۇمنى شۇنچە ئويغاتساممۇ ئۇيقىسىنى ئاچالمىدى ئەكسىچە «نەگە، نەگە، قايسى ئارشاڭغا…» دەپ جۆيلۈپ قوپۇشقا ئۇنىمىدى. ئاخىرى بولماي ئۆزۈم يالغۇز ئارشاڭغا چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم. زالغا چىقسام، ئۆمىكىمىزدىكى ئىككى ھاجىم بىلەن قارامايدىن كەلگەن رەئوپ ئەپەندى ئارشاڭغا چىقىش ئۈچۈن مېڭىشقا تەمشىلىپ تۇرۇشۇپتۇ، ئەتراپقا قارىسام مەندىن باشقا ئايال زاتى ھەممىسى ياتاقتىن چىقماپتۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئارشاڭغا باردىم. يالۇۋادىكى بۇ ئارشاڭ خېلى داڭلىق بولۇپ، ئەينى ۋاقتىدا تۈرۈك ئاتىسىنىڭ جېگەر كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەن يىلى مۇشۇ ئارشاڭغا چۈشۈپ داۋالانغانىكەن. يۇيۇنۇش زالىدا ئايرىم – ئايرىم خانىلار بولۇپ، مەن خالىيراق جايدىكى كۆلچەككە بېرىپ پۇت – قوللۇرىمنى 2 – 1 سائەت ئارشاڭ سۈيىگە چىلاپ ھۇزۇرلاندىم. كۆلنىڭ بىر تەرىپىدىن سۇلار بۇلدۇقلاپ كىرىپ تۇرسا، يەنە بىر تەرىپىدىن چىقىپ تۇرىدىكەن. ئەپسۇس، ھازىرغىچە پۈتۈن چېلىنىپ يۇيۇنالمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىمەن.

تاڭ ئاتقاندا دوستۇمغا ئاخشىمى ئارشاڭغا بېرىپ تازا ھۇزۇرلانغانلىقىمنى، ئۇنى شۇنچە توۋلاپمۇ ئويغۇتالمىغىنىمنى دېۋىدىم، ئۇ داڭ قېتىپ قالدى ھەم «مېنى نېمىشقا زورلاپ ئويغاتمىدىڭ؟…» دەپ مەندىن ئاغرىنغانمۇ بولدى، بىر تۇرۇپ سۆزۈمگە ئىشەنمىگىدەكلا قىلىۋىدى سىرتقا چىقىپ ئاخشام بارغان ئارشاڭنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قويدۇم.

قارشى تەرىپىزدە ئىزمىت قولتۇقى بولۇپ، ئىستانبول تەرەپكە پاراخوت بىلەن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىكەن. نېمە دېگەن پەيزى! يوغان بىر پاراخوتقا ئاپتوبۇس بىلەنلا چىقىپ كەتتۇق. پاراخوتنىڭ چوڭ مەيدانىدا نەچچە ئون پىكاپ، سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىللىرى، بىر نەچچە چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى قاتار –قاتار تۇرۇپ كېتىپتۇ. بىز پەلەمپەيلەر بىلەن پاراخوتنىڭ تۆپىسىگە چىقىۋالدۇق. ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن چايكىلار چۇرقۇرۇشۇپ قىيا – چىيالار بىلەن بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى. بىز بۇ دېڭىز چايكىلىرىنىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ يېمەكلىك بېرىشىگە كۆنۈپ قالغانلىقىنى پەملىدۇق-تە ئېلىۋالغان نان، بولكا، تاتلىق – تۈرۈملىرىمىزنى پارچىلاپ ئۇلارغا ئېتىپ بېرىشكە  باشلىدۇق. يېمەكلىكلەرنى كۆرگەن چايكىلار غۇژژىدە ئۇچۇپ كېلىپ، گاھى مۇئەللەقتە يېمەكلىكلەرنى تالاشسا، گاھى قولىمىزدىكى يېمەكلىكلەرنى «كاپلا» قىلىپ چاڭگاللاپ ئېلىپ قاچىدىكەن… بىزمۇ بۇ تاماشانى كۆرۈپ خوشاللىقىمىزدىن قان – قېنىمىزغا پاتماي بالىلارچە شادلاندۇق ھەم بالىلىقىمىزغا قايتقاندەك بولۇپ قالدۇق. بىزنىڭ ۋارقىراشلىرىمىز بىلەن ئاچ قالغان چايكىلارنىڭ چۇرقۇراشلىرى ئارىلىشىپ كەتتى.

پاراخوتنىڭ ئۈستىدە يولۇچىلار ئارام ئالىدىغان ھەم غىزالىنىدىغان ناھايىتى چوڭ بىر زال بار ئىكەن. بىز ئانچە – مۇنچە چاي ئىچىشكەن، تاتلىق تۈرۈملەردىن ئېغىز تەگدۇق. زالدا يولۇچىلارنىڭ شۇنچە كۆپلىكىگە قارىماي تاشقىردىكى چايكىلارنىڭ ئاۋازىدىن باشقا ھېچ بىر ئاۋاز ئاڭلانمايتتى. نېمە دېگەن مەدەنىي خەقتۇر بۇ؟ دېدىم ئېچىمدە.

يېرىم سائەتكە بارمايلا قارشى قىرغاققا يەنى ئىستانبول شەھىرى تەۋەلىكىگە يېتىپ كەلدۇق.

مۇشۇنداق گۈزەل، خۇشچاغ مىنۇتلارنىڭ بىر ئىزدا ماڭماي توختاپ قېلىشىنى ئويلاپ كەتتىم. كىشىلىك ھايات مۇساپىسىدە بۇنداق مىنۇتلاردىن قانچىسى باردۇر؟ بولۇپمۇ ماڭا ئوخشاش ياشىنىپ قالغان ئاياللارنىڭ كۈنلىرىدىن قانچىسى قالغاندۇر؟

ئەنە ئالدىمىزدا كۆرۈنگىنى قىزىقلى مەھەللىسى، ئاۋۇ ھالرەڭلىك كورپۇس تۈركىيە زوڭلىسى ئاردۇغاننىڭ ئۆيلىرى بولۇپ، زوڭتۇڭ ياز كۈنلىرى بۇ يەرگە كېلىپ ئارام ئالىدىكەن. سول تەرەپ ئىستانبول بوغۇزى، ئەسلى ئىسىمى پوسبورس بوغۇزى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمدى كۆرۈۋاتقىنىمىز چىران سارىيى بولۇپ، بۇ خان ساراي 1871 – يىلى سېلىنغان. ئالدىمىزدا «ياۋروپاغا كەلگنلىكىزنى قارشى ئالىمىز» دېگەن پىلاكات كۆرۈندى. ئىككى قىتئەنىڭ ئوتتۇرسىغا قۇرۇلغان 1 – ئاسما كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلىقى 1300 مېتىر، كەڭلىكى 19 مېتىر، ئىگىزلىكى 64 مېتىر ئىكەن. بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ ئاجايىپ بىر مەنزىرە. بۇگۈن ئۆمىكىمىزنىڭ ساياھەت كۈن تەرتىپى بويىچە ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق كوللىكتىپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈش كۈنى ئىدى. ھەممە يەرنى كۆرۈۋالغىم ھەم كۆرگەنلىرىمنى قالدۇرماستىن يېزىۋالغۇم كېلەتتى. ئەمما پىلاندىكى ساياھەت نۇقتىلىرى بارغانچە ئازلاپ، قايتىش ۋاقتىمىز قىستاپ كەلمەكتە ئىدى. بىر تۇرۇپ ۋەتەننى، ئۆيۈمنى سېغىنسام، يەنە بىر تۇرۇپ داۋاملىق ساياھەت قىلغۇم بار ئىدى، ئادەم ياشانسا كىچىك بالىدەك بولۇپ قالامدۇ –يە؟

يېتەكچىمىز ئاپتوبۇستا ماڭغاچ كۆرۈنگەن جايلارنى تونۇشتۇرۇپ ماڭدى:

ـ ئاۋۇ دولما باغچا سارىيى «تۈرك ئاتىسى» مۇستاپا كامال ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزگەن. بۇ يەردە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئۆي بار بولۇپ، كۆلۈمى 2000 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ يەردە يەنە چوڭلىقى 500 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان قولدا توقۇلغان گىلەممۇ بار ئىكەن.

ساياھەتنىڭ ئاخىرقى سەپىرىدە بىز ئىستانبولنىڭ «ئۆگزىسى» دەپ ئاتىلىدىغان تۆپىلىككە چىقتۇق. بۇ تۆپىلىككە چىقىپ تۆۋەنگە قارىسىڭىز پۇۈتۈن شەھەرنى كۆرگىلى بولىدىكەن. دوستۇم ئىككىمىز تۆپىلكتە تۇرۇپ دېڭىزنىڭ قارشى تەرىپى، يەنى ئاسىيا قىتئەسى بۆلىكىدىكى رايوننىڭ مەھەللە كۈجۈملىرىنى تاماشا قىلغاچ سۈرەتكە چۈشتۇق. بىر چەتتە مەنزىرە كۆرۈپ تۇرغان ئىككى ئەر كىشى (بىرى تۈرك، يەنە بىرى ئەرەبتەك قىلىدۇ) بىزنىڭ شىنجاڭ قەشقەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلىقىمىزنى سوراپ بىلىپ، بىز بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. بىزنىڭ يۈرۈش – تۇرۇش، كىيىنىشلىرىمىز ئۇلارغا غەيرى كۆرۈنەمدىكىن، نەگىلا بارساق بىزنى رەسىمگە تارتىۋالاتتى.

 

ئىستانبولغا قايتىش

ئۇزۇندىن – ئۇزۇنغا سوزۇلغان ساياھەت سەپىرىمىز تۈگەپ يەنە ئەسلى نۇقتىمىز بولغان ئىشتانبولغا قايتىپ كەلدۇق. ساياھەت يېتەكچىمىز بىزنىڭ ئىستانبولدا قىلىدىغان سودىلىرىمىزنى ئوبدان قىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن بىزنى كاپال چاشى (ئۈستى يېپىق بازار) دەپ ئاتىلىدىغان خەلقئارالىق سودا بازىرىغا يېىقنراق جايدىكى «كارىلتون» مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ مېھمانخانا تۈركىيە بويىچە ئەڭ چوڭ توپ مال سېتىش بازىرىنىڭ دەل ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بولۇپ، مېھمانخانىدىن چىقسىڭىزلا كوچىلارنىڭ ئىككى تەرىپى دۇكانلار بىلەن تولغان جاي ئىكەن. غەرب تەرەپتىكى چوڭ كوچىدىن ئۆتسەك چوڭ جامىئە، جامىئەنىڭ ئەتراپلىرى پۈتۈنلەي بازار ئىكەن.

شۇ كۈنى سائەت 6:30 دە ساياھەت ئۆمىكى بىزنى بېلىق بىلەن مېھمان قىلىپ پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇردى. مېھمانخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن ۋەتەنگە قايتىدىغان ۋاقىتنى، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا توختىلىپ، ئوغرى –يالغاندىن، كىرا ئاپتوموبىللىرىغا ئولتۇرغاندا ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ھەققىدە ئەسكەرتىش بەردى.

دوستۇم بۇخەلچەمنىڭ تۇغقىنى گۈلباھار ۋەدىسى بويىچە بىزنى بازار ئايلاندۇرماقچى بولغانىدى. شۇڭلاشقا ئۇنى گۈلباھارنى ساقلاپ ئولتۇرىۋەرمەي مېھمانساراي ئەتراپىدىكى دۇكانلارنى ئارىلىدۇق. گۈلباھارمۇ چۈشكە يېقىن كېلەلىدى. بازار ئارىلاش شۇنچىلىك جىددىي بولدىكى، يۈگۈرۈپ يۈرۈپ سودىمىزنى قىلىشتۇق. كىيىم – كېچەك، ھەر خىل خاتىرە بۇيۇملارنى ئالدۇق. تۈركىيىدىكى ھەر قانداق دۇكانغا كىرسىڭىز كۆك مۇنچاقنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. ئۇلار چوڭ – كىچىك كۆك رەڭلىك تاشلارنى، مۇنچاقلارغا پۈتۈلگەن ئايەتلەرنى نەقىشلىك رامكىلارغا ئېلىپ ئېسىپ قويىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا مۇنچاقلاردىن ياسالغان زىبۇ – زىننەتلەرمۇ ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. «كۆك» رەڭلەر تۈركلەردە كۆك ئاسماننى يەنى تەڭرى تۇرىدىغان ئۇلۇغ جاينى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، «كۆك» نى ئالاھىدە ئۇلۇغلايدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن «تۈرك» سۆزىنىڭ مەنىسى قۇدرەتلىك، كۈچلۈك دېيىلىدىكەن. «كۆك تۈرك» نىڭ مەنىسى «ئىلاھى تۈرك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. بۇ يەردە يەنە چۆرىسى نەقىشلەنگەن كۆزلەرنى كۆرىدىكەنسىز. قەدىمقى تۈركلەر «يامان كۆزلەر» دىن، يىرتقۇچلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىشىك باشلىرىغا، كىگىز ئۆيلەرنىڭ ئىچىلىرىگە كۆك رەڭلىك مۇنچاقلارنى ئېسىپ قويىشىدىكەن.

ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس تارىخىي مەدەنىيتى بولغىنىدەك، تۈركلەرمۇ «كۆك» نى ئۇلۇغلاش ئادىتىنى بۈگۈنگە قەدەر ساقلاپ كېلىۋېتىپتۇ. گەرچە تۈركلەرنىڭ بۇنداق «كۆك» نى ئۇلۇغلاش ئادىتى ئىسلام دىنىمىزغا خىلاپ بولسىمۇ، بىز ئەجدادىمىزدىن قالغان بۇ ئەنئەنىۋى بۇيۇملارنى خاتىرە سۈپىتىدە ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن بىر نەچچە تال سېتىۋالدۇق.

بازار ئارىلاپ يۈرۈپ، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىمۇ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بىز يول بويىدىكى بىر ئاشپۇزۇلدىن «دۈرۈم» ئېلىپ غىزالىنىپلا گۈلباھارنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولۇپ تۇرغىنىمىزدا گۈلباھارنىڭ دەرستىن چۈشكەن قىزى تېلېفۇندا ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ بولغانلىقىنى، ئەمما ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى تاپالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بىز قوللىرىمىزدىكى «دۈرۈم» لارنى يىغىشتۇرۇپلا ئالدۇق – تە گۈلباھارنىڭ قىزىنىڭ قېشىغا قاراپ يۈگۈرۈشتۇق. ياشىنىپ قالغاچقا ھەر قانچە يۈگۈرۈپمۇ گۈلباھارغا يېتىشەلمەيۋاتاتتۇق. 100 مېتىرچە ماڭغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز بىرىنىڭ مېنى چاقىرۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۆزۈمچە، ئىستانبولدا مېنى كىممۇ چاقىرار دەپ دېققەت قىلماپتىمەن. بىر چاغدا يېقىنلا يەردە «ئانىنى!» دېگەن ئاۋاز قايتا ئاڭلاندى. كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىسام، 14 – 13 ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالا قولىدىكى يوغان بىر كۇرۇپكىنى ماڭا سۇنغاچ «بۇ سىزىن مۇ؟» دەپ ماڭا قاراپ تۇراتتى. مەن بۇ بالىنىڭ سەمىمىيلىك يېغىپ تۇرغان قاپ – قارا كۆزىلىرىگە قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. ھەم قولىدىكى كۇرۇپكىنى ئالغاچ «تەشەككۇر ئوغلۇم!» دېگەن سۆزنىلا قىلالىدىم. بۇ كۇرۇپكىدىكى نەرسە ئەسلى گۈلباھارنىڭ سېتىۋالغان ئۆتىكى بولۇپ، بايامقى جىددىيچىلىكتە ئۇنتۇلۇپ قالغانىكەن. گەرچە بىز ئۇ يەردىن شۇنچىلىك يىراقلىشىپ كەتكەن بولساقمۇ، بۇ بالا قارىمىزنى يىتتۈرۈپ قويماي قوغلىشىپ كەپتۇ. بۇ بالانىڭ كىيىۋالغان كىيىمى، يۈرۈش – تۇرىشىغا قارىسام ئوقۇغۇچىدەكمۇ ئەمەس، ھاللىق ئائىلىنىڭ بالىلىرىدەكمۇ قىلمايتتى. لېكىن ئۇنىڭ سەمىمىيلىكى، ئاق كۆڭۈللىكى بىزنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. 370 لىرا (تۈركىيە پۇل بىرلىكى) غا يارايدىغان ئۆتۈكنى ئانىسىغا ياكى بىرەر قېرىندىشىغا ئاپىرىپ بەرگەن بولسا نېمىمۇ قىلالايتتۇق؟ بىز بۇ ئاددىي – ساددا بالىنىڭ ئالىجاناب روھىدىن سۆيۈنۈپ كەتتۇق ۋە ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇشتۇق.

مەيلى قايسى مىللەت، قايسى دۆلەت، قايسى دىن ۋە ئىرق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ھەممىمىز بىر ئىنسان. قانچىلىغان كىشىلەر ئەخلاق توغرىسىدا سۆزلىمىگەن؟ قانچىلىغان ئەدىبلەر ئىنسان باراۋەرلىكى، ئىنسان پەزىلىتى ھەققىدە كىتابلارنى يازمىغان؟ بىرەر ئىنساننىڭ ياخشى – يامانلىقىنى مىللەتنىڭ ياكى يۇرتلارنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەش تامامەن توغرا ئەمەس ئىدى. پالانى يۇرتلۇق ئېسىل، پۇستانى يۇرتلۇق پەس دېيىش «كېسەل» ىمىز تۈپەيلى بىز تارتقان زىيانلار، جەۋرى – جاپالار ئازمۇ؟ مىللەتمۇ ھەم شۇنداق. بىز بايا ئۇچراتقان ھېلىقى بالا قايسى دۆلەت پۇقراسى؟ تۈركمۇ، ئەرمەنمۇ، يەھۇدىمۇ، خىرىستىيانمۇ، مۇسۇلمانمۇ؟… بۇنىسى بىزگە نەمالۇم. ئەمما بىز ئۇنىڭدىكى ئېسىل ئەخلاقىي – پەزىلەتنى تىلى، دىنى ياكى مىللىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي ئىنسانىي پەزىلىتى، خسلىتى بىلەن كۆردۇق.

ئەرەب قەھرىمانى سالاھىددىن مۇنداق دېگەن: «دىن ئۆزىمىزنىڭ، دۆلەت ھەممىزنىڭ» شۇڭا،بىر دۆلەتتە بىرلا مىللەت بولمىغىنىدەك، يالغۇز بىرلا دىن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ياخشى – يامانلىق، ئەخلاق، دىن ياكى مىللەت، يۇرت بىلەن ئۆلچەنسە ھەرگىز بولمايدۇ دەپ قارايمەن.

كەچلىك تاماققا ئۈلگۈرۈپ گۈلباھارنىڭ ياسىداق ئۆيىگە يېتىپ كەلدۇق. 10 نەچچە كۈندىن بېرى يول يۈرۈپ ھاردۇق يەتكەنلىكتىن غىزالىنىپ بولۇپلا يېتىۋالدىم. دوستۇم نەۋرە ئاچىسى (گۈلباھارنىڭ ئانىسى) بىلەن ئۇزۇندىن – ئۇزۇن مۇڭدىشىپ، پۈتۈن ئاتۇش، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى تۇغقانلىرىنى بىر ئەسلەپ چىقتى. مەنمۇ ئورنۇم يۆتكەلگەچكىمىكىن تۈزۈك ئۇخلىيالماي تاڭ ئاتارغا يېقىن ئۇخلاپ قاپتىمەن.

بۈگۈن ئەسلىدە سائەت 12 دىلا يۈك –تاقىمىزنى مېھمانخانا زالىغا ئېلىپ چىقىپ قويۇپ، ياتاقنى ئۆتكۈزىدىغان كۈن ئىدى. ساھىپخان گۈلباھارنىڭ ئىشى تۈگىمەيۋاتاتتى.. ئۇنىڭ دېيىشىچە يولغا ئەتىگەن چىقساق يول قاتىلاڭچىلىق بولىدىكەن.«مېھمان دېگەن كېلىش ئۆزىدىن، كېتىش ئۆي ئىگىسىدىن» دېگەن سۆزگە بويسۇنىشى كېرەك ئىكەن. دېرىزىدىن بۇ يېڭى رايوننىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ ئولتۇردۇم. قۇياش پارلاپ تۇرسىمۇ نويابىرنىڭ ئوتتۇرلىرى بولغاچقا ىېلىلا سالقىن ھاۋادا نەپەسلىنىۋاتاتتۇق.

بىز ساھىپخان گۈلباھارنىڭ پىكابىغا ئولتۇرۇپ كارىلتون مېھمانخاسىغا كەلدۇق ھەم ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتۇق. يۈك – تاقىلىرىمىز كەلگەن ۋاقتىمىزغا قارىغاندا خېلىلا ئېغىرلاپ قاپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ جايلاشتۇرۇپ مېھمانخانا زالغا ئېلىپ چىقىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇق.

ئۆز ئالدىمىزغا بازار ئايلىنىش يەنە باشلاندى. لېكىن يىراققا كېتەلمىدۇق. ئۆمىكىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ تولىسى بازار ئارىلاشقا كېتىپتۇ. ئايدىن ئەپەندى بىزگە يېقىن ئەتراپتا ئۇيغۇرلارنىڭ «ئاقيول»، «ھايات» دېگەن ئاشخانسى بارلىقىنى ئېيتتى. باشقىلارمۇ شۇ يەرگە بېرىپ تاماق يەيلى دېيىشتى. مەن قوشۇلمىدىم ھەم كۆپچىلىككە:

ــ مەن بىر ئۆمۈر شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرۇمنىڭ تائاملىرىنى يەپ ئۆتۈپتىمەن، مۇشۇ ئاخىرقى قېتىملىق بىر ۋاق تاماقنى بولسىمۇ ئىستانبولدا يېسەك قانداق؟ قالدى ئۆرۈمدە ئۇيغۇرۇمنىڭ تامىقىنى يەپ ئۆتكۈزسەم…» دېدىم.

بۇ گەپ دوستۇمغىمۇ يارىدى بولغاي «ئاقيول»، «ھايات» ئاشپۇزۇللىرىنى ئىزدەپ يۈرمەي تۈرك تائاملىرىنى يېيىشنى قارار قىلىشتۇق.

شۇنداق قىلىپ بىز يول ياقىسىدىكى بىر تۈرك ئاشپۇزۇلىدىن «دۈرۈم» يەپلا، كەچلىك تامىقىمىزنى ھەل قىلدۇق. بىر بارداق چاينى ئىچىپ بولۇپ تۇرۇشىمىزغا ئاشپۇزۇل خوجايىنى بىزنىڭ شىنجاڭدىن كەلگىنىمىزنى بىلىپ بىزنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆردى بولغاي، بىزگە يەنە بىر بارداق چاينى ھەقسىز بېرىشنى مۇلازىمغا ئېيتىپتۇ. بۇ ئىشتىن مەن سەل خىجالەت بولۇپ ئىچىمدە، «بۇ يەردىكى كىشىلەر مېنى بىر لىراغا زار بولغان مۇساپىر ئوخشايدۇ دەپ قالغانمىدۇ» دەپ ئويلىسام يەنە بىر تۇرۇپ ئاشپۇزۇل خوجايىنىنىڭ سېخىيلىكىدىن خۇرسەن بولۇپ خىيالغا پېتىپ كېتىپتىمەن. بىز چاينى ئىچىپ بولۇپ، خوشلىشىپ چىقىپ كەتتۇق.

مېھمانساراينىڭ ئالدىغا كەلسەك، ئۆمەك ئەزالىرىمىز يۈك – تاقىلىرىمىزنى ئاپتوبۇسقا بېسىشنى باشلاپتۇ. شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئايرۇپورتقىمۇ يېتىپ كەلدۇق. ئۆمىكىمىزدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ ۋە بىزنىڭ يۈك –تاقىلىرىمىزنى قاتار – قاتار قويۇشۇپ ئۆتكۈزۈش ئورنىدا تۇراتتۇق. ھايال ئۆتمەي تەرەپ – تەرەپتىن ناتۇنۇش كىشىلەر بىز بىلەن ئەھۋاللىشىپ، كۆرۈشۈشكە باشلىدى. سىنچىلاپ قارىسام بۇ كىشىلەرنى بىر يەردە كۆرگەندەكمۇ قىلمايتتىم. دوستۇم ئىككىمىز بۇ يەردىكى باشقىچە بىر مەنزىرىنى كۆرۈپ، تۇرۇپلا قالدۇق. ئۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ سومكىلىرىنى بىزنىڭ يۇك –تاقىلىرىمىزغا چاپلاپ ئۇ يەردىن بۇ يەرگە يۆتكەپ، گىرلەردىن ئۆتكۈزىۋاتاتتى. بۇ كىشىلەر ئەسلى سودىگەرلەر بولۇپ، بىزنىڭ نەرسىلىرىمىزنىڭ ئازلىقىغا قاراپ، ئۆزلىرىنىڭ نورمىدىن ئارتۇق كېلىدىغان ماللىرىنى بىزنىڭكىگە قوشۇپ ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن. مەن بۇ ئىشلارغا قاراپ، «سودا قىلىش نېمە دېگەن تەس ئىشتۇ؟» دەپ ئويلاپ قالدىم. يەنە بىر تەرەپتىن بۇلارنىڭ ئاز – تولا مەنپىئەت ئۈچۈن پۇل خەجلەشتىن قورقۇپ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن يىرگەندىم.

بىز بىلەن بىر ئۆمەكتىكى كىشىلەر ئارىسىدىمۇ سودىگەرلەر يوق ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى باشقىلار ئالدىدا خوشامەتچىلىك قىلىشتىن ساقلاش ئۈچۈن ماللىرىنى ھاۋالە توشۇش شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزىۋېتىپ مېڭىشتىغۇ؟

تاموژنىدا يۈك – تاق ئۆتكۈزىۋاتقان باشقا توپلاردا كىشىلەر ئۈن – تۈنسىز ئۆتۈپ كېتىپ باراتتى. بۇ يەردە بولسا نورمىدىن ئاشقان يۈك – تاقىلارغا تۆلەيدىغان ھەق ئۈستىدە تالاش – تارتىش، ۋاراڭ – چۇرۇڭلار ئوچۇق – ئاشكارە بولىۋاتاتتى. ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز سەپەر ئۈستىدە بولغاندىكىن ياردەم بېرىش توغرا كەلسە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز – دە، ئەمما مەن بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ، مۇشۇنچىلىك مەنپىئەت ئۈچۈن چىراي سارغايتىپ، خوشامەت قىلىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى باردۇر دەپ ئويلاپ قالدىم.

تاموژنىدىكى تەكشۈرۈشلەر ئاياقلاشقاندىن كېيىن، يۈك – تاقىلىرىمنىڭ قەيەرگە كەتكىنىنى ئۆزۈممۇ بىلمەي ئەتراپقا قاراپ تىڭىرقاپ تۇرسام بىرسىنىڭ: « خاتىرجەم بولۇڭ، يۈك – تاقىلىرىڭىز تۈركىيەدە قالمايدۇ، ئۇ نەرسىلىرىڭىز ئاللىقاچان ئايروپىلانغا چىقىپ بولدى» دېدى. مەن قولۇمغا ئېلىۋالغان سومكىلىرىمنى ئېلىپ پاسپورت تەكشۈرۈش ئورنىغا قاراپ ماڭدىم. پاسپورتلارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش ئېغىزىغا كەگىنىمىزدە ئۆزىنى دوستۇمنىڭ «تۇغقان» نى دەۋالغان ئۇستىخانلىق بىر ئەر كىشى ھەجىمى چوڭ ئەمما يەڭگىلىرەك كېلىدىغان بىر نەرسىنى دوستۇمغا تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ: «بۇ نەرسىنى ئالدىڭىزدا ئۆتۈپ كەتكەن x x   خانىمغا بېرىپ قويسىڭىز…» دەپلا ھېچ بىر ماقۇللىقىمىزنى ئالمايلا كۆزدىن غايىپ بولدى. ئارقىمىزدىن كېلىۋاتقان ئۆمىكىمىزدىكى بىرەيلەن «بۇ نېمە ئىش؟» دەپ بىزدىن سورىۋىدى، بىزمۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي بولغان ئەھۋالنى چۈشەندۈردۇق. ئۇ ئادەم يۈگۈرۈپ ئارقىسىدىن قوغلىغان بولسىمۇ ھېلىقى ئەركىشىنى ھېچ يەردىن تاپالماپتۇ.

ياشانغان جېنىمىزغا يەنە بىر يوغان نەرسىنى كۆتۈرۈپ ماڭدۇق. ئايروپىلان كۈتۈش زالىغا كىرسەك ھېلىقى x x خانىم ئولتۇرۇپتۇ. بىز قولىمىزدىكى نەرسىنى ئۇ خانىمغا سۇنغاچ: «بۇ نەرسىنى سىزنىڭ بايامقى ھەمرايىڭىز سىزگە بېرىپ قويۇشنى تاپىلىغانتى» دېيىشىمىزگە ئۇ خانىم: «ھەمرايىڭىز؟ نەدىكى ھەمرايىمكەن ئۇ… مەن نېمە دەپ ئۇ كىشىنىڭ نەرسىسىنى ئالغۇدەكمەن؟…» دەپ ئۆزىنى يېقىنمۇ كەلتۈرمىدى. بۇ ئىشتىن دوستۇم ئىككىمىز بىر – بىرىمىزگە قاراپ ھەيرانلا قالدۇق. شۇنداق قىلىپ بىز بۇ خەقنىڭ نەرسىسىنى كۆتۈرۈپ ئايروپىلانغا چىقىشقا مەجبۇر بولدۇق. كۈتۈش زالىدا يۈرگەن قوغدىغۇچىلارمۇ «بۇ كىمنىڭ نەرسىسى؟» دەپ سورىۋىدى مەنمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك كارىم بولماي ئولتۇرىۋەردىم.

ئاروپىلانغا چىققۇچىلىك دوستۇم بۇ نەرسىنى مىڭ جاپادا كۆتۈرۈپ ئۇنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاخىرقى مەزىلگىمۇ يېتىپ كەلدۇق. مەن تېخىچە ھېلىقى خانىمغا قاراپ ئۇنى كۈزىتىۋاتاتتىم. بىر تۇرۇپ ئىچىمدە «توۋا! مۇنداقمۇ كىشىلەر بولىدىكەن –ھە، بۇ خانىم قاراپ تۇرۇپ يۈزسىزلىك قىلىۋاتسا، بىز نېمە دەپ ئۇنىڭ نەرسىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرەتتۇق» دەپ ئويلايتتىم. بىراق ئاق كۆڭۈل دوستۇم يەنىلا كۆڭلىنى كەڭ تۇتۇپ، ئۇ نەرسىنى ئايوپىلاندىن ئېلىپ چۈشتى. مانا كۆرۈڭ، ھېلىقى بىزدىن يۈز ئۆرىگەن خانىم تەپ تارتماستىن يېنىمىزغا كېلىپ قولىمىزدىن نەرسىسىنى ئالدى – دە «مەن بۇ نەرسىنى چوڭ بازارغا ئاپىرىپ بەرمەكچى!» دېگىنىچە رەھمەتمۇ دېمەي يولىغا راۋان بولدى. دوستۇم ئىككىمىز كەينى – كەينىدىن كەلگەن بۇ ئوڭۇشسىلىقلارنى كۆرۈپ، ياقىمىزنى چىشلەپ تۇرۇشۇپ قالدۇق.

سودىگەر دىگەن ئەسلىدە مەدەنىيەت تارقاتقۇچىلارنىڭ يەنە بىر قوشۇنى ھېسابلىناتتى. چۇنكى، سودىگەرلەر سودا بىلەن ئەل ئارىلايدۇ، باشقا ئەل، باشقا يۇرتلارنىڭ ئېسىل نەرسىلىرىنى ئۆز ئېلىگە، ئۆز ئېلىنىڭ ئېسىل ماللىرىنى باشقا ئەللەرگە توشۇيدۇ ھەم ئۆزئارا – مەدەنىيەت ئالماشتۇرىدۇ. مانا بۇ سودىگەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىق ئەڭ ئەقەللىي ساۋاتتۇر. ئەپسۇس مەن كۆرگەن سودىگەرلىرىمىزدە بۇنداق سودىگەرلىك ئەخلاق ئۆلچىمى كەمچىلمۇ قانداق؟ بۇ يەردە تەكىتلەۋاتقىنىم قاتنداقتۇر مىللىتىمىزنىڭ يېغىرىنى تاتىلىغاندەك ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە بەلكى بۇ بىزدە بار بولغان نۇقسانلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. مەن ۋە سىز ياكى باشقىلار بۇ ئىشنى دېمىسە، باشقا بىرى ئەينەك بولۇپ بەرمىسە يۈزۈمىزدىكى داغنى، مەينەتچىلىكنى قانداق كۆرەلەيمىز؟ مەن خىياللار ئىلكىدە ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن ئايرۇپورت زالىغا كەلدىم. ئۆمەك ئەزالىرىمىز بۇ قېتىملىق قىسقا ئەمما ئەھمىيەتلىك ساياھەتتىن خوش بولۇشۇپ، بىر – بىرىمىزگە قىيىشمىغان ھالدا زالدا تۇرۇشتۇق. بەزىلىرىمىز ئالاقىلىشىش نومۇرلىرىمىزنى يېزىشساق بازىلىرىمىز ئۆيلىرىمىزگە يۇرتلىرىمىزغا بىر –بىرىمىزنى تەكلىپ قىلىشىپ خوشلاشتۇق.

بۇ قىسقىغىنە مەنىلىك سەپىرىمىزدە

ئۆمەك ئەزالىرى بىر –بىرىمىزگە قىيىشنىغان ھالدا تېلېفۇن نومۇرلىرىمىزنى يېزىشىپ، ئۆز – ئارا يۇرتلىرىمىزغا تەكلىپ قىلىشىپ خوشلاشتۇق.

مەن ساياھەت جەريانىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئۆمىكىمىزدىكى ھېلىقى بويتاق ئەر بىلەن تۇل جۇۋاننىڭ ھېكايىسىمۇ دەل مۇشۇ ئۈرۈمچى ئايرۇپورتىدا ئاخىرلاشتى دېسەكمۇ بولىدۇ. تۈركىيىدىكى ئاخىرقى ئىككى كۈن ئىچىدە ھېلىقى جۇۋان سودا – سېتىق قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياردەمدە بولىدىغان ھەمراھ لازىم بولدىمۇ بىلمىدىم، بويتاق ئەر كىشى بىلەن ئايرىلماي يۈردى. ئاخىرقى كۈنىمۇ بىز بىلەن ئاشخانىغا كېتىۋاتقان بويتاق ئەر كىشى يېرىم يولدا «كەچۈرۈڭلار، ئۇ ناماز ئوقۇشقا كىرىپ كەتكەن، ھېلى بازار ئارلىغاندا يالغۇزلۇق تارتىپ قالمىسۇن، مەن شۇ قىزنى ساقلاي» دەپ ئايرىلىپ كېتىپ قالغانىدى.

ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ھەممىزنىڭ تونۇش – بىلىش، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىز ئالدىمىزغا چىققاندەك ھېلىقى جۇۋاننىڭمۇ ئالدىغا قارا پىكابلىق بىرى كېلىپ ئېلىپ كەتتى. بىز بىلەنمۇ خوشلاشمىدى ھەتتا تېلېفون نومۇرىنىمۇ قالدۇرۇپ بەرمىگەنتى.

بىز بۇ قىسقىغىنە ئۇنتۇلماس سەپىرىمىزنى ھايات سەھنىمىزدىكى ھەر خىل خارەكتېر، ھەر خىل قىياپەت، ھەر خىل ئارزۇ – ئىستەكلەر بىلەن رول ئېلىپ ئاخىرلاشتۇردۇق. ئاشۇ رول ئالغۇچىلار ئىچىدىكى ئايرىم كىشىلەرنىڭ ھېسسىيات – تۇيغۇلىرى تېخىچە ئاشۇ سەھنىدە تۇرامدىكىن.

ھاياتنىڭ ئۆزى بىر سەھنە، رومان، ھېكايە، كىنو… بىز ئۆزىمىزنىڭ ھەر كۈنى، ھەر سائەت شۇ سەھنىدە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بىلمەيمىز. رومان ئوقۇساقمۇ رومان ئىچىدىكى پۇرسىناژ بولىۋېرىمىز، يازمىغان بىلەن يېزىلىپ ياشاۋېرىمىز. بۇ نەرسىلەر دەل بىزنىڭ خاتىرلىرىمىز، ئەسلىمىلىرىمىز.

مانا سىز ئوقۇۋاتقان بۇ ساياھەت خاتىرسىمۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى مەڭگۈلۈك خاتىرە بولۇپ قالغۇسى

 

 

2013–يىل 5 – مارتتا تاماملىدىم

 

قاراماي

 

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

  1. رومان «جالالىدىن رومى» ــ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى رادى فىش يازغان
  2. تارىخىي رومان «ئوسمانلى سۇلتانلىقىدا ئىنقىلاپ» لىۋان يازغۇچىسى جورجى زەيدان.
  3. رومان «مۇستاپا كامال» ئۇيغۇر ياغۇچىسى يۇسۇپجان ئەلى ئىسلامى يازغان.
  4. رومان «سېرىق چاچلىق پەلۋان» ــ ئاتا تۈركنىڭ ئاخىرقى 300 كۈنى. تۈركىيە يازغۇچىسى جان دوندار يازغان.
  5. «دۇنيانىڭ 5000 يىلى».

 

ساياھەت خاتىرەمدىكى كىشى ئىسىملىرى ئاساسەن ئۆز ئەينى ئېلىندى.

54 ئىنكاس

  1. island
    2017/04/28 سائەت 02:01:29

    Thank you, I’ve recently been looking for information about this topic for a while and yours is the greatest I’ve discovered till now. But, what in regards to the bottom line? Are you positive in regards to the source?

  2. Travel World
    2017/04/28 سائەت 00:46:07

    wonderful publish, very informative. I ponder why the opposite experts of this sector don’t notice this. You must proceed your writing. I’m confident, you have a huge readers’ base already!

  3. Travel Hacks
    2017/04/27 سائەت 14:22:19

    Hello, i think that i saw you visited my web site so i came to “return the favor”.I’m trying to find things to improve my site!I suppose its ok to use a few of your ideas!!

  4. Business
    2017/04/27 سائەت 11:30:18

    You really make it seem so easy with your presentation but I find this matter to be really something which I think I would never understand. It seems too complex and very broad for me. I am looking forward for your next post, I will try to get the hang of it!

  5. check out here
    2017/04/27 سائەت 10:42:35

    Incredibly informative data you’ll have remarked, thank you for adding.

  6. Business
    2017/04/27 سائەت 09:50:02

    Generally I do not read article on blogs, but I would like to say that this write-up very pressured me to take a look at and do it! Your writing taste has been surprised me. Thanks, quite great post.

  7. Business
    2017/04/27 سائەت 08:39:31

    Thank you for the good writeup. It in fact was a amusement account it. Look advanced to far added agreeable from you! By the way, how can we communicate?

  8. navigate to these guys
    2017/04/26 سائەت 18:09:05

    Hello here, just turned aware of your blogging site through The Big G, and have found that it is seriously informative. I’ll take pleasure in in the event you retain these.

  9. Source
    2017/04/26 سائەت 16:05:36

    Extraordinarily useful advice you’ll have mentioned, thank you for adding.

  10. John Deere Technical Manuals
    2017/04/26 سائەت 11:37:57

    Cheers for this great. I am wondering if you were planning of writing similar posts to this one. .Keep up the excellent articles!

  11. Arts & Entertainment
    2017/04/26 سائەت 09:31:35

    I don’t even know how I ended up here, but I thought this post was good. I do not know who you are but certainly you are going to a famous blogger if you aren’t already 😉 Cheers!

  12. Arts & Entertainment
    2017/04/26 سائەت 09:29:37

    I have been exploring for a little for any high-quality articles or weblog posts on this kind of house . Exploring in Yahoo I finally stumbled upon this web site. Reading this information So i am glad to convey that I’ve an incredibly good uncanny feeling I came upon exactly what I needed. I so much no doubt will make certain to do not disregard this site and provides it a glance regularly.

  13. Business Product and Supplies
    2017/04/26 سائەت 07:01:21

    Only wanna remark that you have a very decent site, I the design it really stands out.

  14. anonymous
    2017/04/26 سائەت 06:59:38

    I really need to reveal to you that I am new to wordpress blogging and really admired your site. Most likely I am inclined to save your blog post . You certainly have magnificent article blog posts. Truly Appreciate it for swapping with us the best web page

  15. more info here
    2017/04/26 سائەت 06:47:06

    It is usually appropriate time to produce some schemes for the extended term. I’ve study this blog entry and if I can, I wish to recommend you couple of important proposal.

  16. Business Product and Supplies
    2017/04/26 سائەت 04:04:31

    I truly appreciate this post. I’ve been looking all over for this! Thank goodness I found it on Bing. You have made my day! Thanks again!

  17. blog link
    2017/04/26 سائەت 03:00:57

    Good morning there, just started to be receptive to your webpage through Search engine, and found that it is really informative. I will be grateful for should you decide carry on this informative article.

  18. best rated mattress company
    2017/04/26 سائەت 03:00:37

    I remain in my late 50’s and also I can inform you that this mattress is actually one of the most comfortable mattress I have ever reconsidered. I expect creeping into bedroom during the night and I wake revitalized from a terrific evening sleep.

  19. Business Service
    2017/04/25 سائەت 18:09:15

    I precisely had to appreciate you once more. I do not know the things I might have achieved in the absence of those ways provided by you relating to my subject. Entirely was a real hard condition in my circumstances, however , spending time with the specialized mode you handled that made me to leap over gladness. I’m thankful for your advice and trust you find out what a powerful job you happen to be getting into training men and women all through your web blog. I am certain you have never met any of us.

  20. Travel International
    2017/04/25 سائەت 17:23:15

    I like what you guys are up too. Such smart work and reporting! Keep up the superb works guys I¡¦ve incorporated you guys to my blogroll. I think it will improve the value of my website 🙂

  21. have a peek at these guys
    2017/04/25 سائەت 15:20:24

    I simply have to share it with you that I am new to writing and really valued your review. Probably I am prone to store your blog post . You certainly have lovely article information. Appreciate it for share-out with us your favorite site write-up

  22. saatva mattress review
    2017/04/24 سائەت 09:06:25

    He does not really want the location had totally with a bedroom when I explore my boy he has a space that he maintains his music tools in; therefore.

  23. additional hints
    2017/04/24 سائەت 08:50:14

    Hello there, just became aware about your web page through Bing, and found that it’s really helpful. I will truly appreciate in the event you keep up this approach.

  24. click now
    2017/04/23 سائەت 14:37:53

    Gday there, just turned out to be familiar with your wordpress bog through Google, and realized that it’s genuinely educational. I’ll be grateful should you decide continue on these.

  25. Wade Armento
    2017/04/23 سائەت 09:21:17

    The URL is needed to figure out the security zone, which is needed to ascertain the condition of the ActiveScripting setting. Completely ad-free, this website is quite easy to navigate and enables you to locate what you need fast. It’s a website that will permit you to really observe plenty of svg files created by very talented people at an affordable price. Everyone can join and add to the undertaking. This facility is known as SVG fonts.

  26. check
    2017/04/23 سائەت 07:38:20

    I really want to advise you that I am new to putting up a blog and certainly enjoyed your write-up. More than likely I am probably to store your blog post . You indeed have lovely article materials. Truly Appreciate it for giving out with us your favorite web webpage

  27. see page
    2017/04/23 سائەت 02:23:50

    Fairly significant specifics you’ll have remarked, warm regards for setting up.

  28. browse around these guys
    2017/04/23 سائەت 01:10:41

    Tremendously stimulating highlights you’ll have remarked, warm regards for setting up.

  29. company website
    2017/04/22 سائەت 23:08:09

    It is usually right day to get some preparations for the long-term. I have digested this blog post and if I should, I wish to propose you couple of remarkable tips.

  30. news
    2017/04/22 سائەت 19:20:35

    I really hope to show you that I am new to blog posting and completely enjoyed your write-up. More than likely I am inclined to save your blog post . You literally have memorable article material. Admire it for giving out with us all of your blog post

  31. aromatherapy essential oils
    2017/04/22 سائەت 06:28:38

    Good post however I was wanting to know if you could write a litte more on this topic? I’d be very grateful if you could elaborate a little bit further. Thank you!

  32. click for more info
    2017/04/16 سائەت 14:48:12

    I simply want to say I am just all new to blogging and site-building and certainly liked you’re blog site. Likely I’m want to bookmark your blog . You surely come with outstanding writings. Thanks for sharing with us your website.

  33. Christopher K Adams
    2017/03/24 سائەت 00:21:04

    Need confidence? Choose it. Buy Viagra. http://canadian-rx-online.xyz

  34. nike polo shirts
    2017/03/23 سائەت 03:14:11

    I wish to voice my admiration for your kind-heartedness supporting men and women that absolutely need guidance on this particular matter. Your very own dedication to getting the message throughout has been wonderfully good and have regularly helped ladies much like me to realize their aims. The valuable suggestions entails much a person like me and extremely more to my mates. Many thanks; from everyone of us.

  35. yeezy boost
    2017/03/22 سائەت 06:43:55

    I actually wanted to type a quick message to be able to appreciate you for all of the splendid guides you are posting at this site. My considerable internet look up has finally been honored with good quality content to exchange with my pals. I ‘d assert that many of us readers actually are definitely endowed to be in a wonderful place with many special people with beneficial things. I feel really grateful to have encountered the webpages and look forward to plenty of more excellent minutes reading here. Thanks once again for a lot of things.

  36. adidas tubular sale
    2017/03/22 سائەت 03:31:04

    My husband and i were now peaceful that Chris could carry out his web research through your precious recommendations he received through the blog. It’s not at all simplistic to just always be giving for free tips and tricks some people could have been making money from. And we all fully grasp we’ve got the blog owner to give thanks to for this. The explanations you’ve made, the simple blog navigation, the friendships your site make it possible to create – it’s everything astounding, and it’s facilitating our son and our family do think the concept is fun, which is incredibly mandatory. Many thanks for everything!

  37. michael kors handbags
    2017/03/21 سائەت 13:04:26

    I simply needed to thank you so much all over again. I do not know the things I would have accomplished without the entire smart ideas shown by you on that field. It was a terrifying problem for me, but observing the expert technique you handled it took me to cry for gladness. I’m thankful for this help as well as trust you comprehend what an amazing job that you’re carrying out teaching some other people with the aid of your webpage. I’m certain you’ve never got to know any of us.

  38. irving shoes
    2017/03/20 سائەت 21:30:45

    I definitely wanted to construct a brief remark in order to thank you for some of the remarkable advice you are sharing at this website. My incredibly long internet lookup has finally been paid with awesome concept to talk about with my partners. I ‘d assert that most of us site visitors are quite endowed to live in a remarkable network with many special individuals with beneficial basics. I feel very much blessed to have encountered the webpage and look forward to plenty of more cool minutes reading here. Thanks a lot once more for a lot of things.

  39. yeezy boost 350
    2017/03/20 سائەت 08:58:37

    I actually wanted to write a brief word in order to say thanks to you for all of the awesome guidelines you are showing on this website. My considerable internet lookup has finally been honored with professional facts to talk about with my two friends. I would believe that most of us visitors actually are really fortunate to dwell in a superb network with very many awesome professionals with beneficial suggestions. I feel extremely lucky to have come across your entire site and look forward to some more brilliant minutes reading here. Thanks a lot once again for all the details.

  40. http://www.nikedunks.us.org
    2017/03/20 سائەت 05:03:33

    I am only commenting to make you know of the beneficial encounter my princess went through studying your web site. She realized a wide variety of issues, which include how it is like to possess an incredible giving style to get others smoothly completely grasp several grueling matters. You undoubtedly surpassed her expected results. I appreciate you for imparting these essential, trustworthy, revealing not to mention unique thoughts on your topic to Kate.

  41. lacoste polo shirts
    2017/03/19 سائەت 16:33:50

    Thank you for your whole efforts on this website. Debby enjoys working on internet research and it’s really easy to see why. All of us notice all about the powerful method you render good tips and tricks on the website and even boost contribution from other people on that article and my simple princess is without question starting to learn a great deal. Take pleasure in the remaining portion of the new year. You are performing a wonderful job.

  42. michael kors outlet
    2017/03/18 سائەت 22:16:50

    My wife and i felt quite peaceful that Chris could finish off his research by way of the precious recommendations he acquired when using the web site. It’s not at all simplistic just to be freely giving tactics which often the others could have been trying to sell. And we already know we now have the website owner to appreciate because of that. All of the explanations you made, the straightforward web site navigation, the friendships you will aid to foster – it is everything extraordinary, and it’s really letting our son in addition to the family feel that that situation is awesome, which is particularly vital. Thanks for the whole lot!

  43. yeezy boost
    2017/03/18 سائەت 13:50:34

    Thanks a lot for providing individuals with an extraordinarily wonderful possiblity to discover important secrets from this website. It is usually so amazing and also stuffed with a good time for me personally and my office peers to search your blog at the least thrice a week to find out the latest things you will have. And of course, I am always happy for the striking things you give. Certain two areas on this page are truly the best I have ever had.

  44. links of london sale
    2017/03/18 سائەت 07:41:46

    Thanks a lot for providing individuals with a very breathtaking chance to read in detail from this web site. It can be very sweet and also packed with fun for me personally and my office fellow workers to visit your site on the least three times in one week to see the fresh stuff you have got. Of course, we are always motivated for the perfect tips and hints you serve. Some 1 facts in this article are in truth the best we have ever had.

  45. michael kors outlet store online
    2017/03/17 سائەت 19:23:22

    I together with my pals were found to be analyzing the excellent hints on your site then instantly developed a horrible feeling I never thanked the website owner for them. Those guys had been for this reason warmed to learn them and have now quite simply been tapping into them. Many thanks for genuinely well considerate and then for utilizing these kinds of remarkable themes most people are really wanting to understand about. My personal honest apologies for not expressing gratitude to you sooner.

  46. michael kors factory outlet
    2017/03/17 سائەت 06:13:01

    I simply desired to appreciate you once more. I’m not certain the things I could possibly have tried without the creative ideas shared by you regarding such situation. It previously was the scary concern in my view, but being able to see your skilled strategy you dealt with that made me to cry over joy. I’m just grateful for your support as well as expect you realize what an amazing job your are doing educating many others via your web page. I know that you’ve never got to know any of us.

  47. yeezy shoes
    2017/03/17 سائەت 00:53:50

    My wife and i got very excited Jordan managed to complete his preliminary research while using the precious recommendations he made out of the web page. It is now and again perplexing to simply find yourself offering tips and tricks people could have been making money from. We really figure out we have you to give thanks to for this. The type of illustrations you have made, the easy web site navigation, the friendships your site assist to create – it is mostly amazing, and it is aiding our son in addition to the family recognize that this theme is pleasurable, and that’s extremely mandatory. Thank you for the whole lot!

  48. longchamp
    2017/03/16 سائەت 21:35:46

    I have to get across my appreciation for your kind-heartedness in support of those who really want help with in this concept. Your very own commitment to passing the solution up and down came to be rather practical and has specifically helped most people just like me to attain their aims. Your personal important key points denotes a lot to me and far more to my fellow workers. Regards; from all of us.

  49. michael kors outlet online
    2017/03/16 سائەت 10:43:59

    I have to show my appreciation to the writer for rescuing me from this type of condition. Just after surfing around through the world-wide-web and finding basics which were not pleasant, I figured my life was well over. Existing devoid of the solutions to the difficulties you have fixed by means of this short article is a crucial case, as well as the kind which may have badly damaged my entire career if I hadn’t encountered your website. Your primary talents and kindness in playing with all things was very helpful. I don’t know what I would have done if I hadn’t come upon such a subject like this. I’m able to at this time relish my future. Thanks very much for this reliable and results-oriented help. I won’t think twice to endorse your web sites to any person who will need guidelines on this subject.

  50. Adidas NMD New White In Black
    2017/03/16 سائەت 09:59:02

    That is the appropriate blog for anyone who needs to find out about this topic. You notice so much its almost laborious to argue with you (not that I actually would want匟aHa). You positively put a brand new spin on a topic thats been written about for years. Great stuff, simply nice!

  51. yeezy boost
    2017/03/15 سائەت 16:23:53

    I together with my pals came examining the great solutions located on the blog while instantly developed a terrible suspicion I had not expressed respect to you for them. My people had been for this reason joyful to learn all of them and now have really been having fun with those things. Many thanks for actually being indeed accommodating and then for opting for variety of incredible subject matter most people are really desperate to discover. My personal honest apologies for not expressing gratitude to sooner.

  52. michael kors outlet online
    2017/03/14 سائەت 11:57:51

    I together with my buddies have already been looking at the great items from the website and then all of a sudden I had a terrible feeling I never thanked the web site owner for those techniques. These young men were as a result excited to study them and already have undoubtedly been having fun with those things. Thanks for indeed being really considerate as well as for making a decision on this sort of extraordinary things millions of individuals are really needing to learn about. My sincere apologies for not expressing gratitude to you earlier.

  53. yeezy boost 350
    2017/03/12 سائەت 23:36:35

    I simply needed to thank you very much once more. I am not sure what I would have sorted out without the entire basics shared by you relating to my subject. This has been the challenging issue in my view, however , taking note of your well-written way you resolved it made me to jump with gladness. Now i am grateful for your assistance as well as expect you are aware of a powerful job you have been accomplishing teaching many others through the use of your website. I am sure you have never come across any of us.

  54. michael kors handbags
    2017/03/12 سائەت 00:12:43

    I and also my buddies were found to be following the good guides from your web page and then the sudden got a horrible feeling I had not expressed respect to the website owner for those tips. All the men were definitely for that reason excited to read them and have seriously been using these things. Many thanks for genuinely quite kind and for pick out these kinds of notable useful guides most people are really needing to be aware of. Our own sincere apologies for not saying thanks to earlier.

ئىنكاس يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت *

بېكەت